ئابدۇقادىر جالالىدىنغا تەقلىت
جانان بار يۈزلىگەن جانان ئىچىدە،
جاھان بار دىلدىكى جاھان ئىچىدە.
كىم - كىمگە مېھرىبان بۇنىسى تىلسىم،
خىلمۇ خىل ئادەم بار ئىنسان ئىچىدە.
ھاياتتا ئادەمنىڭ ئىستىكى قانماس،
ئارمان بار سۆيۈملۈك ئارمان ئىچىدە.
خانەڭگە خۇش كۈلۈپ كىرگەنلەر مېھمان،
شۇندىمۇ مېھمان بار مېھمان ئىچىدە.
دېڭىزنىڭ مېۋىسى ئۈنچە - مارجاندۇر،
قىممەتلىك گۆھەر بار مارجان ئىچىدە.
قەيەردىن كەلدۇق بىز، بارىمىز قايان؟!
كارۋان بار سەپ تۈزگەن كارۋان ئىچىدە.
ئېرىشىش - يوقىتىش، يوقىتىش - ۋىسال،
مۇھەببەت تاۋلىنار ھىجران ئىچىدە.
ئادەملەر سۆيگۈدىن سۆيگۈ تاپىدۇ،
بولغاندەك ئوت - ئاتەش گۈلخان ئىچىدە.
نىيازى كۈل مەيلى قالساڭلا ياشاپ،
تائەبەد ھەر شېئىر، داستان ئىچىدە...