تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ئىككى شېئىر(ئابدۇللا سۇلايمان)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17350
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ئىككى شېئىر(ئابدۇللا سۇلايمان)

    ئىككى شېئىر
    ئابدۇللا سۇلايمان


    تەبىئىيلىك ئاددىي ۋە ئۇلۇغ

    قار ئۇچقۇنى - نەشپۈت چېچىكى،
    كائىناتقا سالغان پايانداز.
    مۇز تېگىدە ئاققان سۈزۈك سۇ،
    ئۆزى كۈيلەر، ئۆزى چېلىپ ساز.
                                                   
                                                                                   2003-يىل 2-سان
                                                                                 تەڭرىتاغ ژۇرنىلى

    قاتقان دالا سوغۇق تەپتىدە،
    تىنىقلىرى پەسلىگەن گويا.
    قاماللانغان تۇپراقنىڭ كۆكسى،
    يىلتىزلارنىڭ ئىلكىدە دۇنيا.

    قۇياش ئاجىز نۇر تۆكسە كۈندۈز،
    ئېرىپ ئۆچەر چىرماش ئىزلار ھەم.
    كەچتە بالدۇر ئۇخلايدۇ دالا،
    ئايدىن چۆچەك تىڭشاپ، شۈمۈپ نەم.

    تۇتاش ئېدىر ئاقۋاش تاغلارغا،
    كۆرۈنمەيدۇ ئۇپۇقنىڭ چېتى.
    چۈشەر پەسكە مۇزلۇق ئېقىنلار،
    يىراقلارغا ئىنتىلگەن پېتى.

    بۇ جىملىقنى  بۇ ئۇز سۈرەتنى،
    تارتتىم قەلب تۆرىمگە تولۇق.
    قويدۇم ئاڭا مۇنداق سەرلەۋھە:
    تەبىئىيلىك ئاددىي ۋە ئۇلۇغ.

    تىلىكىم

    جەم بولدۇق يەنە سامپۇلسامپۇل  لوپ ناھىيىسىنىڭ يېزىسى.باغلىرىغا،
    ئۆزىمىز نورۇز تۇرۇپ، نورۇز دېدۇق.
    ئايازدىن ئامان ئۆتۈپ غەنى دەمدە،
    ئارزۇلار لوقمىسىنى يەنە يېدۇق.

    كۆڭلىمىز قىر ياپقان كۆك مايسىلاردەك،
    چېھرىمىز جۇلا قىلدى چېچەكلەردە.
    بۇ گۈزەل يۇرتقا  ئەھلى جامائەتكە،
    ئەكەلدۇق گۈل تولدۇرۇپ ئېتەكلەردە.

    بۇ سەپتە ئېيتقان نورۇز ناخشىمىزنى،
    ئاڭلىدى تاغۇ - دەريا قېنىپ - قېنىپ.
    بۇ ناخشا ئۈزۈلمىدى، پەسلىمىدى،
    قالمىدۇق ئېيتقان پەيتى ھەرگىز چېنىپ.

    شادلانساق  يايراش كۈيى ئېيتتۇق تەڭلا،
    غەملەنسەك  مۇڭغا تولدى ئاۋازىمىز.
    تاقىمىدۇق يالغان قانات - ياسىداق پەي،
    دەرمانغا تۇشلۇق بولدى پەرۋازىمىز.

    ھەممىنى ئويۇن دېدۇق - ئۆتەر دېدۇق،
    ئاداققى شۇ ئۆلۈمدىن باشقىسىنى.
    ۋەجى شۇ، پسەنت ئەتمەس - ھودۇقماستىن،
    ئېيتايلى يېڭى نورۇز ناخشىسى.

    بولساقلا ئامان - ئېسەن، شۇدۇر بەخت،
    كۆرىمىز، كۈلەلەيمىز بۈگۈنكىدەك.
    دوستلارغا، يۇرت ئەھلىگە تىلىكىم شۇ،
    ئېچىلغاي تىلەكلەردىن مىڭلاپ چېچەك.
    ئەسلەمسەن ۋاپادارىم.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئابدۇللا سۇلايمان , تەبىئىيلىك , تىلىكىم
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-24 21:23:22
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 147
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证