تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› شېئىرلار(شاۋكەت ئىبراھىم)
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
شېئىرلار(شاۋكەت ئىبراھىم)
abduhelil
ئادمىرال
دەرىجىسى : 1
جۇغلانما نۇمۇر : 14049
iuyghur@qq.com
294177191
يازما سانى : 389
باھا يازما سانى : 1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
شېئىرلار
شاۋكەت ئىبراھىم


كېچە كۈيلىرى

مەن كېچىنى قۇچاقلاپ،
كېچە مېنى قۇچاقلاپ
كىرمەكتىمىز.
كىرەلەيدىغان شېرىن يەرلەرگە...
تەن ئېرىدى...
يۈرەك ئېرىدى...
تاتلىق - تاتلىق سۆيگۈ مېھرىدىن...
چوغدەك تۇيغۇ ئۆزىنى تاپتى،
ئەسلى مەنىسى بىلەن.
يۈرەك كېچىدە شېئىر،
كېچە «يۈرەك - يۈرەكلەردە شېئىر»...
بۇ بىر ھايات دەملىرى
ھەم كېچە كۈيلىرى...

جىمغۇرلۇق كۈيى

مەن نېمىگە شۇنچە جىمغۇر؟
پاپورۇسنىڭ تاتلىق ئىسىغا
يۆلەنگەنچە كەتتىم خىيالغا...

ئويغاق بۇلاق ناخشا ئۆگەتكەن،
ئارغىماقتەك تۇيغۇرلار بىلەن
خىلۋەتلەردە چۆمگەن ۋىسالغا...

تىنىقلاردا كۆيەتتى يالقۇن،
تۇتاشتۇرۇپ دىللارغا گۈلخان.
ۋۇجۇدلاردا ئاقاتتى لاۋا،
يۈرەكلەرنى ئېرىتىپ ھامان...

ھەتتا ئۇچقۇر ۋاقىتنىڭ ئۆزى،
مەست بولاتتى بىزلەرگە ئوخشاش.
قانداق ئۇنتاي گۈزەل چاغلارنى،
سۆيگۈڭ بۈيۈك قەلبىمدە قۇياش...

شۇ ۋەجىدىن جىمىپ كەتتىممەن،
شېرىن چاغلار يادىمغا كېلىپ.
چوغلانماقتا مۇھەببەت ئوتى،
سېغىنىشنى يۈرەككە سېلىپ...

ئويغانماقتا قەلبىمدە باھار...

كېچە ياغماقتا قار...
بۇ شەھەرگە، بۇ يوللارغا
چەكسىزلىككە يېيىلغان شېرىن خىيالدەك.
قايتتىم خۇش كەيپ،
سائەت مەست بولغان ۋاقىت ئىچىدىن...
سىردىشىپ ئاپئاق قار بىلەن،
چۈچۈك - چۈچۈك تۇيغۇرلار ئىچىدە
ئىزدەپ ئۆزۈمنى،
ئىزدىگەندەك سېنى...
مىسرا بولماقتا يۇمران قار،
مىسرا بولغاندەك سەن پەقەت.
قۇچاقلايدۇ يۈرەكنى قار،
ئويغانماقتا قەلبىمدە باھار...

خىيال كۈيى

مەن خىيالغا يۆلىنىپ،
خىيال ماڭا،
كىرىپ كەتتۇق كېچە باغرىغا...
شىۋىرلاشلار يېيىلىپ ئاقار،
باغلاردىن  ئۇپۇققا.
تاتلىق - تاتلىق سۆيۈنۈش بىلەن
سېغىنىشنىڭ ساھىللىرىغا...
بىر ئىستەكنىڭ  مېھرىدە،
بىر ئۈمىدنىڭ چېھرىدە...
يېزىلماقتا ئەڭ يارقىن شېئىر
يۈرەكلەرنىڭ قاناتلىرىغا...
ئېھ! سۆيۈملۈك خىيال
سۆيۈملۈك سىردىشىم،
تەنھا مەنزىلىم...
تالماس قانىتىم...
سەن - مەن بولۇپ،
مەن - سەن،
بىر گەۋدە  بۇ ھاياتنىڭ تىنىقلىرىدا...
شەنبە ئاخشام چوڭقۇرلۇقىدا...

تۈنەپ قالغىن يۈرىكىمدە ئېھ! سەبى...

يېقىنلاشتى شېئىردەك ماڭا
ئىنتىلىشىم بۇ ئەسنا...
ئۆز - ئۆزۈمگە پىچىرلاپ،
تاتلىق - تاتلىق شىۋىرلاپ،
ئاستا - ئاستا تىپىرلاپ
جىمىپ كەتتى بىر قاراپ...
ئىنتىلىشىم بۇ ئەسنا
پاكلىۋەتتى پەسلىمنى،
تېپىپ بەردى ئەسلىمنى،
چېچەكلەتتى ۋەسلىمنى...
ئىنتىلىشىم بۇ ئەسنا،
ئۆزى ئۇچار مەن ئۈچۈن
چەكسىزلىكتە قۇش كەبى،
قاناتلىرى بەك ئەركىن
ئىپتىدائىي  ئورماندىكى ئاققۇدەك...
تۈنەپ قال
سەن تۈنىگەن تونۇش ساھىلدا...
يۈرىكىم ئىسسىپ قالدى،
ئاپام نان ياققان تونۇردەك...
ئېھ! چىرايلىقىم،

مۇھىم خەتكۈچلەر : شاۋكەت ئىبراھىم , كېچە , خىيال , جىمغۇرلۇق
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-24 21:17:24 باھا : 0 كۆزىتىش : 11
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证