ئەينەك
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
نېمىدىگەن قالتىس نىمە ئەينەك دىگەن ،
كىم ياساپ چىققان بولغاي دەسلەپ ئۇنى .
سۇندۇرۇپ تاشلانسىمۇ ھەر پارچىسى ،
كۆرسىتەر ھەر نەرسىنىڭ دەل ئەينىنى .
سەتنى ئۇ پەداز بىلەن قىلماس گۈزەل ،
بىر گۈزەلنى سەت قىلىپ قويمايدۇ ھەم.
ھەر كىشى بۇلالىسا ئەينەك كەبى ،
دېگۈلۈك شۇنداق كىشىنى چىن ئادەم .
نېمدىگەن خالىس نىمە ئەينەك دىگەن ،
مەڭگۇلۇك دوستلۇققا سەكسىز ، ئەرزىگەي .
تۇتمىسا ھەر كىم بىلىپ ئەينەكنى دوست ،
بولسىمۇ مىڭ دوستى ، دوستۇم كەم دىگەي .