ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﯩﺴﻰ
ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ
نۆكچە مۇزلار ئىرىپ سۇلار يەر يۈزىگە يېلىندىن سۈت ئاققاندەك شىرىلداپ قويۇلدى .
ئەگىز يىلاندەك تولغىنىپ ئاقتى .
قارلىغاچلار تۇپراق ئاستىدىن ئۆمىلەپ چىققان قۇرت - قۇمرۇسقىلارغا تاشلاندى .
بالىلارنىڭ لەگلەكلىرى سەپ تارتىپ كىلىۋاتقان تۇرنىلارنىڭ ئالدىغا قارشى ئالغىلى چىققاندەك ئاسماندا جەۋلان قىلدى .
زىمىن كېپەن رەڭ كىيىمىنى تاشلاپ يېشىل لىباسقا ئوراندى .
گۈل - چىچەكلەر نازىنىندەك كۈلۈپ كۈزىنى ئاچتى .
بۇلبۇل خەندان ئۇرۇپ سايرىدى .
مەن :<<بۇلبۇل گۈلنى كۈيلەۋاتىدۇ .>> دىدىم .
بۇلبۇل دىدى :<< يەق ، مەن ئويغانغان زىمىنغا مەدھىيە ئوقىۋاتىمەن >>.
<< بەرھەق ، -دىدى زېمىن ، - مەدھىيە ھامان ئويغانغانلارغا مەنسۇپ >>.