تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مۇلاھىزە ›› بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ›› غۇرۇر ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت(غالىب خۇجىئابدۇللا)
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
غۇرۇر ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت(غالىب خۇجىئابدۇللا)
abduhelil
ئادمىرال
دەرىجىسى : 1
جۇغلانما نۇمۇر : 14026
iuyghur@qq.com
294177191
يازما سانى : 88
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
غۇرۇر ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت
غالىب خۇجىئابدۇللا


   ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا نورمال فىزىئولوگىيىلىك تۈزۈلۈشكە ۋە روھىي ساغلاملىققا ئىگە كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە غۇرۇر بولىدۇ. ئەمما كىشىلەرنىڭ ساپاسى، تەربىيىلىنىشى، تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئوخشاشماسلىقى تۈپەيلى ئۇلارنىڭ غۇرۇرلۇق بولۇش دەرىجىسىدە پەرق بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ غۇرۇرى كۈچلۈك بولسا، بەزىلەرنىڭ ئاجىز بولىدۇ. غۇرۇر ئىنساننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى، ئابرۇيى ۋە قەدىر – قىممىتى ئۆزىنى ھۆرمەتلەش ھېسسىياتىنى كۆرسىتىدۇ. تۇرمۇشتا ھەممە ئادەم ھۆرمەتكە، ئابرۇيغا ۋە قەدىر – قىممەتكە ئىنتىلىدۇ. ئەمما بۇ مۇددىئا كىشىلەرنىڭ ئادەملىك ساپاسى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋىتىدىكى يەكدىللىكلىرى بىلەن مەنە تاپىدۇ.
   تۇرمۇشتا مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەر ئۆزىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان ئىشلارغا ئىنتايىن سەگەك كېلىدۇ. باشقىلار تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ ئىززەت – ئابرۇيىغا تېگىدىغان گەپ – سۆزلەر ياكى ئۇششاق – چۈششەك ئىشلار بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا چىدىماي دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەيدۇ. ئەمما نۇرغۇنلار غۇرۇرى، ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە ئابرۇيىنى قانداق قوغداش، ئۆستۈرۈش، ئاسراشنى بىلمەيدۇ. بەزىلەر جەمئىيەتتە چوڭ – چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىپ، جىق پۇل تاپقاندىلا، ئادەمنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى، ئابرۇيى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بەزىلەر ئىلىم – پەندە كامالەتكە يەتكەندىلا ياكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ دىرېكتورى، بىرەر كاتتا ئورۇننىڭ باشلىقى بولغاندىلا، ئادەمنىڭ قەدىر – قىممىتىنى، ئىززەت – ھۆرمىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىر ئادەمنىڭ قەدىر – قىممەتلىك، ھۆرمەتلىك ۋە ئابرۇيلۇق بولۇشىدا ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، پۇلىنىڭ كۆپلۈكى، ھوقۇقىنىڭ چوڭلۇقى مۇھىم ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن، كەمبەغەل بولسىمۇ، ئادىمىيلىك ساپاسى بولسا، كىشىلىك مۇناسىۋىتى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ساغلام بولسا، ئوخشاشلا ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە قەدىر – قىممىتىنى ئاشۇرالايدۇ.

   مەشھۇر بىر ئالىم كوچا سۈپۈرىدىغان بىر ئايال بىلەن ئۇزاق يىل قوشنا ئولتۇرۇپتۇ. بۇ ئايال ئاددىي خىزمەتتە بولسىمۇ، كەسپىنى ئىنتايىن رازىمەنلىك بىلەن ياقتۇرۇپ ئىشلەپ، خۇشال – خۇرام ياشايدىكەن. ئۇ يول يۈرگەندە ئۇچراشقان ھەرقانداق بىر ئادەمگە ئوچۇق چىراي سالام قىلىدىكەن، ھەرقانداق قىيىنچىلىقىنى باشقىلارغا تىنمايدىكەن، ئەمما باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ياردەم بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدىكەن. ئالىم بۇ ئايالنىڭ ئادىمىيلىك مېھرىنىڭ قويۇقلۇقىغا، ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈشىگە ۋە كىشىلىك مۇناسىۋىتىگە قىزىقىپ، ئۇنى تېخىمۇ ئىنچىكە كۆزىتىپتۇ. ئاندىن خاتىرە دەپتىرىگە: ‹‹بۇ ئايالنى ئانچىكى بىر تازىلىق ئىشچىسىغۇ، ئۇنىڭغا ئۇنچىۋالا قىزىقىشنىڭ نېمە ھاجىتى، دەپ ئويلىماڭ. ئۇنىڭ ئىشقا چىقىش ئالدىدا مۇنچىغا چۈشۈپ بەدىنىنى پاكىز تۇتۇشىنى، زىلۋا ۋە گۈزەل قامىتىگە كىيىملەرنى دەزمال سېلىپ كىيىشىنى، چاچ پاسونلىرىنى تۈزەشتۈرۈشىنى، لەۋلىرىگە لەۋسۇرۇخ سۈرۈشىنى، سۈپۈرگىنى تۇتقاندا قاردەك ئاپئاق پەلەي كىيىۋېلىشىنى، كوچا سۈپۈرگەندە بەدىنىگە بىر تال قىلنىمۇ يۇقتۇرماسلىقىنى دۇنيادىكى مەشھۇر رەسساملارنىڭ رەسىم سىزىۋاتقىنىغا، بىتخوۋىننىڭ مۇزىكا ئىجاد قىلىۋاتقىنىغا، شىكىسپېرنىڭ دراما يېزىۋاتقىنىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. مەن بۇ ئايالدىن قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى ئاشۇرغىلى، قەدىر – قىممەتلىك بولغىلى بولىدىغانلىقىنى، تۇرمۇشتا ئۈمىدۋار، روھى جەھەتتە رازىمەن، خۇشال – خۇرام بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋالدىم›› دەپ يېزىپتۇ.
بۇ باياندىن مەلۇمكى، كىشىلەر تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇشتا، غۇرۇرىنى قوغداپ قەدىر – قىممەتلىك بولۇشتا، كۆپىنچە ئالىملار، مەشھۇر زاتلار ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەردەك ياشاشقا ئادەتلەنگەن. ئەمەلىيەتتە، ئەتراپىمىزدىكى ئاددىي كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئىنچىكىلەپ كۆزەتسەك، بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك، بىز بايقىيالمىغان، ھەتتا بايقاشقا ئۈلگۈرەلمىگەن نۇرغۇن نەمۇنىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ئاۋام خەلق ئارىسىدىكى بۇنداق گۈزەللىكلەرنى بىر تال – بىر تالدىن تېرىپ ئۇلارنى تۇرمۇشىمىزغا تەتبىقلىساق، كىشىلىك مۇناسىۋىتىمىزنى ساغلاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ئىنسانىي ئىززەت – ھۆرمىتىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئابرۇيلۇق، غۇرۇرلۇق كىشىلەردىن بولغىلى بولىدۇ.
كىشىلەر تۇرمۇشتا چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىش ئارقىلىقمۇ، كىچىك ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىقمۇ ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە قەدىر – قىممىتىنى ئۆستۈرەلەيدۇ. شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن كىشىلەرمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق بەزىدە جەمئىيەتتە نوپۇزلۇق كىشىلەر كىچىك ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىقمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىززەت – ئابرۇيىنى ئاشۇرالايدۇ.
   نوپۇزلۇق بىرئالىم بىر مەھەللىدە ياشايدىكەن. بۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەر بىرى ئىككىدىن ئىت باققانىكەن. ئۇ ئىت باقمىسىمۇ، ئىشقا بارغاندا ياكى ئىشتىن چۈشكەندە يانچۇقىغا يالتىراق خالتا سېلىۋېلىپ، يولدا ئۇچرىغان ئىت پوقىنى تېرىپ خالتىغا سېلىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايدىكەن. ئالىمنىڭ بۇ ئىشىنى بىر ئوقۇغۇچى بايقاپ قاپتۇ – دە، بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ مەھەللىدىكىلەرگە بۇنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەھەللىدىكىلەرمۇ ئىتىنى ئەگەشتۈرۈپ كوچىغا چىققاندا يانچۇقىغا يالتىراق خالتا سېلىۋالىدىغان بولۇپتۇ. ئالىمنىڭ بۇ ئاددىيغىنە ئىشىنى مۇخبىرلار گېزىت – رادىئولاردا تەشۋىق قىلىپتىكەن، بۇ تەشۋىقات ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىپتۇ. ئالىم ئۆمرىدە قىلغان چوڭ ئىشلىرىغا قارىغاندا مۇشۇ كىچىككىنە ئىشى ئارقىلىق تېخىمۇ زور قەدىر – قىممەتكە ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپتۇ.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەم ئۆمرىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىپ ئېرىشەلمىگەن ئىززەت – ھۆرمەتكە بەزىدە تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق كىچىك ئىشلارنى قىلىپمۇ ئېرىشىپ قېلىشى مۇمكىن. كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەممە ئادەمگە چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا پۇرسەت بولۇشى ناتايىن. بەزى ئادەملەر ئۆمۈرۋايەت تىرىشىپمۇ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ. ئەمما ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرى ئۇششاق – چۈششەك ئىشلار بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ تۇرىدۇ. ھاياتلىق سان – ساناقسىز ھەر خىل ئۇششاق – چۈششەك ئىشلار ئارقىلىق گۈزەللىككە ئېرىشىدۇ. ئالايلۇق: يول ماڭغاندا ئۇچراتقان قەغەز پارچىسى، تاماكا قالدۇقى قاتارلىقلارنى تېرىۋېلىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاپ قويۇشىڭىز، سىزگە ئۇچراشقان ئادەملەرگە كۈلۈمسىرەپ سالام قىلىشىڭىز، ئاپتوبۇستا ياشانغانلارنى يۆلەپ، ئۇلارغا ئورۇن بېرىشىڭىز، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە قارشى تەرەپكە يول بېرىشىڭىز، ئاجىزلارغا قولىڭىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىپ قويۇشىڭىز، ھېيت – بايراملاردا ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىڭىزنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ قويۇشىڭىز سىزنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىڭىزنى قوغداش، ئىززەت – ھۆرمىتىڭىزنى ئاشۇرۇشتا ئوبدانلا رول ئوينايدۇ.
ئادەم غۇرۇرىنى قوغداپ، ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە قەدىر – قىممىتىنى ئاشۇرۇشتا دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر نۇقتا ئۆزىدىكى ناچار ئادەتلەرنى تۈزىتىپ، ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈشتۇر. پەيلاسوپ ئارىستوتېل: ‹‹ كىشىلەردىكى ئىلغارلىق، ئاكتىپلىق بىر خىل ئادەتتۇر›› دېگەنىدى. ئەگەر بىز بۇ سۆزنىڭ توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان بولساق، كىشىلەردىكى قالاقلىق ۋە پاسسىپلىقنىمۇ بىر خىل ئادەت، دېگەن خۇلاسىگە كېلىمىز. بۇنىڭدىن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىزكى، كىشىلەردىكى ئىلغارلىق، قالاقلىق، ئاكتىپلىق ۋە پاسسىپلىق ئىپادىلىرى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئادىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. شۇڭا ئىلغارلىقنى ۋە ئاكتىپلىقنى ئۆزىمىزنىڭ بىر خىل ئېسىل ئادىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلار بىلەن ئادەت خاراكتېرلىك دوستانە ئىناق ئۆتۈشىمىز، رېئاللىقتا يولۇققان مەسىلىلەرگىمۇ ئادەت خاراكتېرلىك مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشىمىز، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ۋە تەبىئەتتىن ئادەت خاراكتېرلىك زوقلىنىشىمىز لازىم. ئەگەر بىز ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق مۇشۇنداق ئىلغارلىق ۋە ئاكتىپلىقنى ئادەتكە ئايلاندۇرالىساق، تەقدىرىمىز كەلگۈسىدە پۈتمەس – تۈگۈمەس گۈزەللىككە تويۇنۇپ، ئاۋامنىڭ نەزەرىدە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەردىن بولالايمىز.

   كىشىلىك تۇرمۇشتا ئادەمنىڭ غۇرۇرىنى قوغداپ، ئىززەت – ھۆرمىتىنى ئاشۇرىدىغان يوللار ئىنتايىن كۆپ. بىز تۇرمۇشنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، بىزگە يولۇققان چوڭ – كىچىك ئىشلارنى ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلالىساقلا، غۇرۇرىمىزنى تەبىئىي قوغدىيالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئىش قىلغاندا قانۇن – تۈزۈمگە بويسۇنۇشنى، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداشنى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشنى ئالدى بىلەن ئويلىشىشىمىز، ئاۋامنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشنى، ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى مەسئۇلىيىتىم، دەپ بىلىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر. شۇنداق قىلغاندىلا، كىشىلىك غۇرۇرىمىزنى قوغداپ، ئاۋامنىڭ نەزەرىدە ئىززەت – ھۆرمەتلىك، قەدىر – قىممەتلىك كىشىلەردىن بولالايمىز.


مۇھىم خەتكۈچلەر : غالىپ غوجا ئابدۇللا , غۇرۇر , كىشىلىك مۇناسىۋەت
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-21 8:51:52 باھا : 0 كۆزىتىش : 11
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证