ئۆزشەھىردىكى ئۇيغۇر
ئادىل تۇنىياز
بارغانسىرى كۆپىيىپ كەتكەن...
كۆنۈكمەن،
يامغۇر مەنزىرسى، غېرىپىلىق
دائىم نەملەشكەن مەركىزى شەھەر.
ئۇچۇرغانلىكى ناتۇنۇش ساڭا،
ساقچى،قەلەندەر،يېڭى بىنا
قىستاڭچىلىق تۇزۋە باشقا نەرسلەر.
بىردىنلام پەيدابولغان ئارتۇق ئادەمسەن
كۈن نەيزە بۇيى ئۆرلەپ
جىمجىت كېسشكەندە
ئەڭ ئېگىزراۋاقىنىڭ ئۇچى بىلەن.
ياكى
ئىسمىڭ سەۋەبدىنلام مەۋجۈتسەن...
سقىلغان كېچە.
ئاياللارنىڭ نۇرچەمبىرىكى
توپلانماقتا ھاياجان.
ئەر مىللەت
ئەردۇر ھامان.
غەم كېلىدۇ ئاققۇنىلاردەك
غەم قاراھەم نامەلۇم رەڭدە...
مىنى تىرلدۈردى بۇقىدە
پاچاقلىرىڭ ئارىسدا
ئېچىلىپ قالغان
بىرتال چوڭقۇر گۈل...