تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئىجادىيەت ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› قەشقەردىكى يەر شارى(ئادىل تۇنىياز)
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
قەشقەردىكى يەر شارى(ئادىل تۇنىياز)
abduhelil
ئادمىرال
دەرىجىسى : 1
جۇغلانما نۇمۇر : 14026
iuyghur@qq.com
294177191
يازما سانى : 88
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
قەشقەردىكى يەر شارى
ئادىل تۇنىياز



سالام ئۇيغۇر دېگەندە قۇياش ،
سالام ئۇيغۇر دېگەندە تارىخ ،
قەشقەر شەھىرى ئوخشار قەسىر گە .

يۇلتۇزلار پەرۋاز قىلار تاڭ سەھەردە ،
پەسىللەر پەرۋاز قىلار دەرەخلەردە ،
بۇ شەھەر پەرۋاز قىلار چۆچەكلەردە .
بۇ يەردىكى ئادەملەر
پەرۋاز قىلار يۆرەكلىرىدە .

ئات قوشۇلغان
قىزىل سايىۋەنلىك مەپە
تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن ،
جىرىڭلىتىپ قوڭغىرىقىنى .
سېۋىتىنى قويۇپ بېشىغا
گىردە سېتىپ يۆرگەن بىر بالا
تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن .
قۇشلار ،
ھارۋا ،
سۇمبۇل چاچلىق ئايال ،
يەنە بىر ئايال ،
كۆز ،
ئەتلەس كۆڭلەك ،
ساقال
تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن .
مەن
كىشىلەر چاي ئىچىۋاتقان ،
مۇڭدىشىۋاتقان ،
يۆتەلگەن ،
چەينەك چوغىسىنى
پىيالىگە تەككۆزۆپ
چاي قۇيغان ،
چاي شامىسىنى پۆۋلەۋاتقان ،
كىشىلەر
بىر - بىرىگە بېقىپ
گەپلەشكەن ،
سەنلەشكەن
قايناق بىر چايخانا ئالدىدىن ئۆتكەچ ،
كىملىكىنى بىلىندۆرمەستىن
كۆيۆۋاتقان مەخپىي ئاشىقتەك
ئوغرىلىقچە كۆيۆپ يۆرىمەن .
كوچىدىكى ھەممە نەرسىگە
قاراپ - قاراپ يەنىلا تويماي
نۇردەك ئۆنسىز سۆيۆپ يۆرىمەن .
سۆيىمەن
ئاي نۇرىدا تۇرغان ئاق تېرەكلەرنى ،
جىمجىت تۇرغان كۆلەڭگىسىنى ،
ئېرىپ كەتكەن كۆلەڭگىسىنى .
سۆيىمەن سىنتەبىردە ياغقان يامغۇرنى ،
ماي يولدا جىم ياتقان يامغۇرنى ،
ئۆنسىز يىغلاۋاتقان يامغۇرنى .
ئەينەكلەرنىڭ سۇنۇقلىرىغا
نۇر مارجىنى چاچقان يامغۇرنى .
سۆيىمەن مەسچىتتىن قايتار ۋاقىتتا
خۇدانىڭ قوللىرىدىن ئاققان يامغۇرنى .
سۆيىمەن
ئۇندىكى قارنى ، شامالنى .
چىملىقلاردا ، ئېرىق بويىدا
سازاڭ تېرىپ يۆرگەن باھارنى .
12-ئاينى ، 12 ئاينى ،
چوڭ كوچىنى ، خالتا كوچىنى ،
تىلەمچىنى ، پالچى ئايالنى ،
تەشتەكلىك ، تەشتەكسىز دېرىزىلەرنى ،
سېنى ھەم ئۇنى .
سۆيىمەن
مىلادىدىن بۇرۇنقى
ۋە كېيىنكى تارىخنى ،
سۆيىمەن تارىخنىڭ كەلگۆسىنىمۇ .

بېكەت ئىچىدە
بايا ماڭا ئەنجۆر ساتقان چال
(ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك )
ئەنجۆر ساتتى يەنە بىر نۆۋەت .
بارلىقىنى بىلمەس ئۇ مەندە
ئەنجۆردىنمۇ شېرىن مۇھەببەت .
تونۇشمەنن بۇ مۇھەببەت بىلەن
تونۇشلارغا ، نا تونۇشلارغا ،
كوچىدىكى ئاپتوبۇسلارغا .
ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون سىمىدەك
تۇتۇشارمەن مۇھەببەت بىلەن
قەشقەردىنمۇ يىراق جايلارغا .
لاتۋىيىگە ، فىرانسىيىگە ،
شىمالىي قۇتۇپتىكى ئېسكىمۇسلارغا ،
ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدىكى
يۇلتۇزلۇق كېچىدەك ئۆچمەس نېگىرغا .
ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىدىكى
غارغالتىغا ، بېلىقچى قىزغا .
يىراق چىلى ئورمىنىدىكى
يېنىك ، جىمجىت ئاي نۇرلىرىغا .
سۇ ئۆستىدە كەچكى شەپەق
قىزىلگۆل بولۇپ ئېچىلىپ قالغان
گۇگۇمدىكى نىل دەرياسىغا .
مەن بۇ كىچىك زېمىندا تۇرۇپ
تارىم دەرياسىنىڭ دولقۇنى بولۇپ
كېتەلەيمەن دېڭىزلارغا قوشۇلۇپ .

مەن ئالتاي ئورمىنىدىكى بىر يۇلتۇز بولۇپ
بېرەلەيمەن پەلەستىنلىك ئايالغا
مەھبۇبىنىڭ قەبرىسىنى يورۇتۇپ .
مەن
بەخت تىلەيمەن ئەيسا تىلىدا
كرېست كۆتۆرۆپ ئىرۇسالىمغا
كېتىۋاتقان ياش يەھۇدىيغا .
مەن تەكلىماكاننىڭ تومۇز تومۇز پەسلىدە
سالام بېرىمەن قۇمنىڭ رەڭگىدە ،
ياۋروپانىڭ يېشىل رەڭگىگە .
ھاۋا بولۇپ كۆلۆمسىرەيمەن
كەڭ زېمىننىڭ ھەممە يېرىگە .
مەن نۇر چېچېپ تۇرغان بىر چېكىت ،
يەر شارىنىڭ خەرىتىسىدە .
قەشقەر
ماڭا ئوخشاش كىچىك بىر شەھەر .

2. ھېيىتگاھ بازىرى

جىمجىت يۆرەكتەك
جىمجىتقىنا مەسچىت مۇنارى .
كۆز
سۆزلىيەلەيدىغان كۆز .
خۇدا
بەندىسىز خۇدا .
دۇنيا
ئاغزى دۇنيا .
ناخشا
ئېيتىلمىغان ناخشا .

ھېيىتگاھ بازىرى ئالامەت بازار ،
ئۇيغۇر ئۇيغۇرغا قىستىلىپ بارار .
ئاشىقلار گۆل ئالغىلى كېلەر ،
كۆزسىزلەر كۆز ئالغىلى كېلەر ،
سۆكۆتلەر سۆز ئالغىلى كېلەر .
ئەرلەر جاننى سېتىپ نان ئالىدۇ ،
ئوسما سېتىپ ئالىدۇ ئايال .
يىگىتلەر يۆلىنىپ رېشاتكىلارغا
يات بىر شەھەردە تۇرغانغا ئوخشاش ،
كۆزىتەر ھەممىنى بىپەرۋا ، قىيپاش .
بىر بوۋاق كوچىغا چىقار يالىڭاچ ،
چوڭلار ئۆرە - تۆپە بولۇپ تۇشمۇتۇش
شۇ ھامان كۆيدۆرمەك بولار ئۆستىباش .
گۇڭگا شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرىدا
ئادەملەر يۆرىكىدىن كۆرۆنەر قۇياش .
ھېيىتگاھ مۇنارى ،
ئۆنسىز دۆپۆلدەۋاتقان
يۆرەككە ئوخشاش .

3. ساقىنامە

بىر توپ ئورۇق پەرىشتىلەردەك
مەغرۇر بىز ھەم ،
بىچارە بىز ھەم .
توختىماي جىرىڭلار كۆڭۆل تېلېفونى ،
ئىھ ، ئۇنى ئالغىلى چىقمايدۇ ئادەم …
قات - قات غېرىبلىق
مىڭلىغان سۆپسۆزۆك ئادەملەر ئارا …

ئۇزاتقىن ساقى
تولدۇرۇپ قەدەھكە دەل - دەرەخلەرنى ،
يامغۇرنى ، پاتقاقنى ، ئاينى .
قەشقەرنىڭ ئاي تۇغقان كوچىلىرىنى ،
ئادەملەر مىغىلداپ تۇرغان بېكەتنى .
توشقۇزۇپ ئەسەبىي قىزغىنلىقىڭغا
بوراننى قەدەھكە سالغاندەك سېلىپ
دىۋىدەك سۇنۇپ بەر قەدەھنى ماڭا .
ئۇزاتقىن ئەسەبىي قىزغىنلىقىڭنى …
بىر نۆۋەت ئەپۇ قىل لوگىكا شۇناس ،
بىزنىڭ ساقىمىز
ئۇزاتسۇن بىر قەدەھ بىمەنە خىيال ،
غالجىرلىق كەم بولدى بىزدە ئېھتىمال .
ئۇچرىتىپ قالساقلا ئۆز- ئۆزىمىزنى ،
يۇمماقچى بولىمىز كۆزلىرىمىزنى .
ئاجايىپ سۆلەتلىك روھىي كېسەللەر
ئۆستەلدە ، كوچىدا ، ئېسىل كىتاپتا
ۋە ياكى ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملەر ئارا
خىزىردەك يولۇقۇپ تۇرىدۇ دائىم …
قايتتىممەن تەڭشىلىپ قاۋاقخانىدىن ،
ئۆچمەكتە يۇلتۇزلار ،
ياندۇرغان شاملارمۇ سەن ماڭا ئاتاپ ،
ئۆچۆشكە باشلىدى ئاستا پىلىلداپ …
قۇياش
شاراب ئىلاھىنىڭ قۇيرۇغىدەك
ئۇچۇپ يۆرەر قاۋاقخانىدا …
قاۋاقخانا
كالا كۆزلۆك جۇۋاندەك
ئەركەكلەرنى قىلار مەھلىيا .
شارابلارنىڭ خۇش بۇي بەرگىگە ،
قەدەھلەرنىڭ ئوتتەك لېۋىگە ،
يىغلاۋاتقان شامنىڭ كۆزىگە
كۆمۆلىدۇ ئەرلەرنىڭ تېنى .
- نە سەۋەپتىن ئىچتىڭ قەلەندەر ،
- بەك ۋاپاسىز چۆنكى ئادەملەر .
- ئىچەيلىمۇ بۆگۆن ،
- نېمىشقا ؟
- ئىش ھەققىمنى ئالدىم قولۇمغا .
- سىزچۇ ئەپەندى ؟
- كىم ئىچىدۇ ئىچمەي تارىخچى .
- سەنچۇ ھوي بالا ،
- چوڭلاردىن سورا .

جان كەيپلىك ، جانان كەيپلىك ،
تۆننىڭ قارا چاچلىرى
يوتىسىدا يەلپۆنەر يىللىق .
كوچىدىكى قاراڭغۇلۇقتا
يۇلتۇز قىزلار تۇرىدۇ كۆلۆپ .
سەن بىلمەيسەن ،
ئېتىڭ نېمە ، ئۆيۆڭ قاياندا ،
سەن بارمۇ- يوق مۇشۇ جاھاندا .
ئۇخلىغىنىڭ يادىڭدا پەقەت
بىر كېچىدەك ، بىرەر سائەتتەك ،
بىر ئەسىردەك ، ئىككى ئەسىردەك .
سەن كۆزۆڭنى ئاچقان ۋاقىتتا
كوچىدىكى مۇنار ئۆستىدە
قىيسىق قۇياش تۇرار ساڭگىلاپ …
گىرە سېلىپ ئاق كۆڭۆل يارغا ،
يىغلىۋالغۇڭ كېلىدۇ راسا .
باي بولماقچى بولغان سودىگەر
ئەتلەس ساتماي سېتىش كېرەك مەي .
توي لەززىتى مەيدە ئەمەسمۇ ،
ئۇسسىساڭمۇ ئىچىش كېرەك مەي .
يول سۆپۆرگۆچى
مەنسىپىنى قۇتلار مەي بىلەن
بىر كوچىغا باش بولغان كۆنى .
كاتتا ئەمەلدار ئەمىلىدىن ئايرىلغان كۆنى
مەيخانىدا يىتتۆرۆپ قويار
ئۇزۇن يىللىق سالاپىتىنى .
تەستىقلايدۇ مەستلىكتە سوتچى
ئۆز- ئۆزىنىڭ جازا خېتىنى .
مەست دوختۇر
نىرۋا كېسەل كىرسە ئۇشتۇمتۇت
چېكىسىگە سۆركەپ قويار يود .
يېشىلمەي ئوغرى مەستلىكتىن
ئاپتوبۇستا دەلدەڭلەپ تۇرۇپ
يانچۇقلارغا ئۇزىتىدۇ پۇت .
مەيخانىغا كىرسە قەلەندەر
كۆرۆنىدۇ مەيخانا ئىچى
ئوردىسىدەك ئەڭ سېخى شاھنىڭ .
مەست بولغاندا ئاقىل تارىخچى
يىلنامىلەر مەست بولار بىر- بىر
تاپالمايدۇ ئۆز تارىخىنى …

سەن كېتىسەن مەي ئىچمەس شائىر
چوڭ شەھەردىن خىلۋەت دالىغا .
بۇلاق يېنىڭ شىلدىرلاپ تۇرار ،
كەيپ بولغۇڭ كەلمەس زادىلا .
سەن يىغلايسەن ، ئوخشار تەبىئەت
باغرى يۇمشاق ئاق دىل ئانىغا .
شاراب ئىلاھى
قەشقەردىكى قاۋاقخانىدا …

4. قۇشلار
ۋەتەنسىز قۇشلار
پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار ،
سەرسان شامال كۆتۈرۈپ يۈرەر
غازىڭىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ .

غېرىبلىقتەك
ئېگىز بىنا ،
قوشنا ئۆيدىكى ئادەم .
تام .
ئىككىنچى قېتىملىق ئۆرپ - ئادەت .

توي .
ناتۇنۇش دەپنە مۇراسىمى .
قۇشلارنىڭ يېشى .
ئەينەك غېرىپلىق .
قول يەتمەس ئىشىك .
كارۋات .
قاچقان ئۇيقۇ .
ئوچۇق دەرىزىدىكى
ئاپئاق ساڭگىلاپ تۇرغان
ۋەتەننىڭ مۇزلىغان قولى .
غەم تولغان كۈلدان .
ئايروپىلان .
دېڭىز .
قۇشلارنىڭ يېشى .
ھەممە يەردە يات ئادەم .

مەيلى تۇر پارىژنىڭ گۈزىلى بىلەن ،
يەنىلا ئۆزۈڭنىڭ ئەمەستەك كۈلكەڭ .
ئەسلەيسەن نەم قىلىپ قولياغلىقىڭنى .
ۋەتەندە دەردىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ دەردى ،
ۋەتەندە يىغاڭمۇ ئۆز تىلىڭ بىلەن .
مىليونېر بوپكەتكىن بەرىبىر يەرلىك -
قەلەندەر ئالدىدا بىر كەپەڭمۇ يوق .
ھەر كىم باقالايدۇ كۆزۈڭگە سوغۇق .
مەيلى سەن شاراپ ئىچ ئالتۇن قەدەھتە،
بىر كۆپۈك چىقسىلا ئۈستىگە لەيلەپ
ئوقساڭ يېزىلغان ۋەتەن دېگەن خەت .
بېرلىن ئاسمىنىدا كۆرىسەن ھەر كەچ
جىمىكى يۇلتۇزدىن ئۇيغۇر كۆزىنى .
مۇقەددەس بۈۋى مەريەم چېركاۋى
كۆرۈنەر سەن ئۆسكەن تار كوچىدىكى
كىچىك بىر مەسچىتتەك ئۇيغۇرۇڭ سالغان .
ھەج قىلىپ مەككىگە بارساڭ مۇبادا ،
تۇيۇلار يۇرتۇڭدا قالغاندەك خۇدا .
مۇبادا دوزاختا بولسىمۇ ۋەتەن ،
مەڭگۈ بىر مۇھاجىر جەننەتكىمۇ سەن .
ۋەتەن ، ئېھ ۋەتەن ،
چىرايلىقتۇر ھەممە نەرسىسى ،
چىرايلىقتۇر ئۇنىڭ قايغۇسىمۇ ھەم .
گۆھەردۇر ، ئالىمدۇر ، خۇش پۇراق گۈلدۇر ،
ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تېزەك .
ئەيسادۇر ، مۇسادۇر يۇرتۇڭ ئادىمى ،
يات يۇرتتا تۇغقانمۇ تۇيۇلماس دوستتەك .
ۋەتەندە بىر ناتۇنۇش بالا
يۈگۈرۈپ ئۆتكەن بولسا ئالدىڭدىن
يۈز يىلدىمۇ چىقماس يادىڭدىن .
تىللاپ سالغان بولسا ئىلگىرى
ئۆز ئېلىڭدا ئۆز تىلىڭدا ئۆز ؛
تاپالمايسەن دۇنيادا ھازىر
شۇ تىلدىنمۇ گۈزەلرەك بىر سۆز .
شېئىرىنى ئوقىساڭ بەزەن
گېزىتلەردىن پاز يا تاگورنىڭ ؛
تېتىمايدۇ ساڭا ئۇ قىلچە ،
ئۆز يۇرتۇڭدا ئېيتقان قوشاقچە .
ئۇزاتقاندا ئەزرائىل بىر كۈن
دەستە تىزىپ ئۆلۈم گۈلىدىن ،
سەن ئۆزۈڭگە توقۇيسەن كېپەن
ۋەتەندىكى خىياللار بىلەن .
يات تۇپراققا كۆمۈلگەندە سەن
كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن . . .

سېغىنغاندا قەشقەرنى
چەت ئەلدىكى ھەر بىر مۇھاجىر
شۇنداق يازار خەت يازسا ئاخىر .

5.چەكسىز نۇر

قەشقەردىكى ئاياللار
قەشقەردىكى ئەرلەرنىڭ چۈشى .

تاپىنىڭ نۇر ، قاناتلىرىڭ نۇر ،
كۆلەڭگەڭ نۇر ، يۇپۇرمىقىڭ نۇر
ئاۋازىڭ نۇر ، خۇش پۇرىقىڭ نۇر .
بارچە ئەرلەر چەكسىز سوزۇلغان
قاپقاراڭغۇ تاغ جىلغىسىدۇر .
قەشقەر گويا ئورمانلىق ،
سەھەر سېنىڭ ئىزىڭ ئەمەسمۇ ؟
ئويغا چۆكسەڭ خىيالىڭ گۇگۇم ،
تۈن كېچىلەر چېچىڭ ئەمەسمۇ ؟
ئاڭلىنڭدۇ خىلۋەت تېنىڭدىن
شىلدىرلىشى بۇلاق سۈيىنىڭ .
تېنىڭ مۇنبەت ئېكىنزار گويا
گۈل ئېچىلغان پۇتلىرىڭ ئارا.
سەن بولىسەن كىچىك ئالىملىق ،
سەن گوياكى سۈزۈك مۇزىكا .
سەن ئەرىشتىن چۈشكەن پەرىشتە ،
مەن ئۇيقۇغا كەتكەن ۋاقىتتا .
سەن گوياكى بىر تال چۈمۈلە ،
مەنىسى يوق خەت يېزىپ يۈرگەن .
سەن گوياكى نامسىز چىغىر يول ،
ئەرلەر دائىم ئېزىقىپ يۈرگەن .
ئايال ، ئەر ۋە كەچتىكى چېلىنغان بەدەن ،
ئۇپرىماس ساز ، مەستخۇش مۇزىكا .
ئېھ ، يالىڭاچ نومۇسچان خىيال ،
ئېھ ، ئۆزىنى يوقاتقان دۇنيا ،
نەرە تارتقان قېلىچلىق ئەرلەر
قان ئىچىگە يېقىلار بىر - بىر ،
قۇل بولىمىز ئاستا بەك ئاستا .
ئۇ بىر ئايال مۇلايىم قاتىل ،
ئەر ئۆلىدۇ نەيرەڭ بىلەنلا .
ئايال ، ئېھ ئايال ،
ئايال ، ئايال ، يوللاردا ئايال ،
ئەبەدىيلىك نۇرلاردا ئايال .
بۇ ئالەمنىڭ غېرىبلىقىدىن
قۇتۇلۇشقا تاپالماي ئامال ،
ساڭا مۇھتاج بولدۇم ئېھ ، ئايال .
بىر جۈپ گۈزەل ئالتۇن كەشنى مەن
كۆمۈپ قويدۇم شېئىرلىرىمغا .
غېرىبلىقنىڭ سوغۇق نۇرلىرى
چاقناتماقتا مېنى خانەمدە .
ئاھ ، جىمجىتلىق ،
سەن بەك ئېغىر قىز ،
مۇزلىغان تېنىڭ .

سانسىزلىغان ئىزىمىز قالدى ،
تالاي كەچتە ئاشۇ كوچىدا .
بەردىم گۈزەل كۆپ سۈكۈتلەرنى ،
بىرلا سۆزنى بەرمىدىم ئەمما .
ماڭغىنىمدا بىرگە سەن بىلەن ،
يوق تۇيۇلار ياكى سەن يا مەن .
خىيال دەيمەن ئىشەنگۈم كەلمەي
ئىككىمىزدىن بىرسىمىز جەزمەن .
خىياللىرىم سەن ھەققىدىكى -
پارە - پارە سۇنغان ئەينەكتۇر .
ئاۋازىڭ بار ، يوقتۇر ھېچنىمەڭ ،
بار پەقەتلا تالا - تالا نۇر .
كۆزۈڭدە لىق بىر كوزا سۇ بار ،
قېنىپ - قېنىپ ئىچىپ بولۇپلا
چېقىۋەتكۈم كېلىدۇ دەرھال .
بار سېنىڭدە نازۇك بىر يۈرەك ،
تەكچىدىكى جانان چىنىدەك .
دەيمەن ھېچكىم تەگكۈزمىسۇن قول ،
ئۇ چىنىگە مېنىڭدىن بۆلەك .
سەن مەن ئۈچۈن بىر پارچە شېئىر ،
ئىزدەيمەن ئۇنىڭدىن پىكىر ،
بار پەقەتلا تاتلىق ھېسىيات .

قەشقەردىكى ئاياللار
ئەرلەر قۇرغان دۆلەتتە ياشار ،
يوق مۇستەقىل پادىشاھلىقى .
چۈشۈرىدۇ تەخىتتىن ئۇلار ،
ۋە شاھ قىلار خالىسا سېنى .
بەرگەن چاغدا ئۇلار ھېسىيات ،
ئايلىنىدۇ ئەرلەر شائىرغا .
ئېرىشىدۇ نوبىلغا ھەتتا .
ئەگەر ئۇلار قىلمىسا ئىنساپ ،
ئايلىنىدۇ ئاقىل ساراڭغا .
كىردى ئۆيگە ھارغىن مۇئەللىم ،
چايغا ئوخشاش ئىسسىق بىر ئايال
ئېلىپ كىردى پىيالىدە چاي .
قايتتى ئۆيگە كاۋاپچى يىگىت ،
ئاغىچىسى چىقىپ خۇش چىراي
قوللىرىغا سۆيدى ئېڭىشىپ .
رومان يازار يازغۇچى ئەختەم ،
ئورگىنالىنى رەتلەپ خانىمى
كۆچۈرىدۇ ياندا پەم بىلەن .
ھەسرەتلەنسە تارىخچى بوۋاي ،
مومىيىمۇ چېكەر بىرگە غەم .

كوچا - كوچا - يەنە بىر كوچا ،
بىر توپ ئايال چۈشكەن پاراڭغا .
-ئاڭلىلىمۇ چىرايلىق قوشنام ،
گۈللۈك ، نېپىز قەغەزدەك ئىشتان
ئەنقەرەدە بوپتىمىش مودا .
- قىزنىڭ قېشى شالاڭمۇ نېمە ؟
باردىلىمۇ ئاخشامقى تويغا .
- چېچەن دېگەن ئاشۇ ئەخمەق خەق ،
تەنگە سىڭگەن نېنىنى يېمەي
ئۇرۇش قىپتۇ دەيدۇ يېقىندا .
- ئەر چىقماپتۇ سەنئەتچى قىزغا .
. . .

غەمكىن شائىر يوللايدۇ سالام
پۈتكۈل قەشقەر گۈزەللىرىگە .
ھېيتىگاھتا نان تىلەپ يۈرگەن
يۈزى تارىخ مىسكىن مومايغا .
لەڭپۇڭچىغا ، ئاشپەز ئايالغا ،
ئۆپكە - ھېسىپ ساتقۇچىلارغا .
ئۇيغۇر شىپاخانىسىنىڭ
ئاياللار بۆلىمىدىكى
ھەر بىر بىمارغا .
توپا باسقان يوللاردا كېتىۋاتقان
تۆت پەسىلنىڭ باغچىسى بولمىش
گۈزەل بەدەنلىك قىز - جۇۋانلارغا .
سالام بېرەر ئوتتۇرا ئاسىيا ،
سالام يوللار بىپايان دۇنيا
قەشقەردىكى قىز - ئاياللارغا .

مەپە ۋە شەھەر .
ئاق قاشقىلىق ئاتنىڭ كۆزىگە
چۆكۈپ كەتتى قۇياشلىق شەھەر .
ئادەم ۋە ئالەم
يارىتىدۇ ئۆز تارىخىنى
ئېقىپ كەتكەن يۇلتۇزغا قەدەر .

يەر شارىنىڭ بىر بۇرجىكىدە
نۇرلانماقتا قەدىمىي قەشقەر .


مۇھىم خەتكۈچلەر : ئادىل تۇنىياز , قەشقەر , يەرشارى
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-21 6:00:13 باھا : 0 كۆزىتىش : 9
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证