تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17079
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 879
    باھا يازما سانى : 5
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    غېرىپلىق(ئادىل تۇنىياز)

    غېرىپلىق
    ئادىل تۇنىياز



    غازاڭلار تۆكىلەمدۇ
    تۆكۈلگەنمىدۇ؟
    دەرەخلەر مېنىڭدەك يالغۇز قالامدۇ؟
    ھاياتنىڭ مەن سالغان چىغىر يولىدا
    مەن ئۆزۈم ماڭمىسام ئادەم ماڭامدۇ؟

    ئۆمۈچۈك تورىدەك غېرىپسىنىشنى
    قاراڭغۇ ئۆيلەردەك يالغۇز قېلىشنى
    ئۈمىدسىز شېئىردەك يىغلامسىراشنى
    ئۆگەنگۈم يوق ئىدى،يوق ئىدى زادى.
    يەپ كېتەرمۇ تاملار توساتتىن
    تاۋۇتقا ئايلىنىپ قالارمۇ كارۋات؟
    جان كىرىپ قالارمۇ بۇ رەسىملەرگە
    ھەممىسى دۈشمىنىم كۆزىتەر پات-پات.

    سېغىندىم دوست تۈگۈل دۈشمىنىمنىمۇ
    خوش بولۇپ كىتەتتىم كىم بولسا شۇ تاپ.
    كۆرگۈم بار
    كۆزلەرنى،يۈزلەرنى،ئىسسىق قوللارنى
    يالغۇزلۇق ئەزدى بۇ يۈرەكنى ئۇزاق.
    كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ دېرىزەمدىن ئېھ
    جۇل-جۇل تۇمانغا يۆگەنگەن گۇگۇم
    سەدىقە بەرمىدى ھېچكىم ئۇنىڭغا...



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئادىل تۇنىياز , غېرىپلىق
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-21 5:58:03
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 185
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证