يامغۇرلۇق كېچە
ئادىل تۇنىياز
يامغۇرلۇق تۈن كەتسە يىراقلاپ،
كىرپىكلەر شام ئاقار تاراملاپ.
يەم بولىمەن كۆزلەرگە تەكرار
بىرلىرىگە ھولۇقۇپ قاراپ
بىرلىرىنى قىلىپ ئىختىيار.
بەلكىم
مەڭگۈ يېپىق ئىشىك تۈۋىدە
كۈتكەندىمەن بەختىمنى شۇنچە.
شېئىر يېزىش ئۈچۈن مەن لېكىن
تەقەززارمەن قايغۇ-ھەسىرەتكە.
مەندە يۈرەك بولغاندىن باشلاپ،
ئۆزۈمگە ئۆزۈم
تەۋە بولۇپ باقمىدىم بىر كۈن.
ياشىمىدىم سېنى دەپمۇ ھەم
ياشىمايمەن ھېچ كىشى ئۈچۈن.
ئىگەللىگەن باشقىلار ئەمما
ئوڭۇم ئەمەس چۈشۈمنى ھەتتا.
ئۆتمۈش
ئۆز لېۋىنى يامغۇرلۇق كەچتە
لېۋىم تامان كېلىدۇ سوزۇپ.
كەشتىلەيمەن خىياللىرىمغا
نۇر تۆكۈلۈپ تۇرغان بىر لەۋنى
(سىم-سىم يامغۇر كەتكەندە توزۇپ)
تاتىرىمەن نۇر بولۇپ ئاپئاق
قايتقانغا نۇر سونۇق ئەينەكتىن.
سۆيەلمەيمەن ئۆزۈمنى شۇڭا
سۆيەلمەيمەن سېنى بۆلەكتىن.
خىياللىرىم بولغىچە بوۋاي
سۆيەلمەيمەن سېنى بۆلەكتىن...
يامغۇرلۇق تۈن كەلسە يېقىنلاپ
كىرپىكىم شام ئاقار تاراملاپ.
يەم بولىمەن كۆزلەرگە تەكرار
كېچە مېنى كېتىدۇ يالماپ.