تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› ئىككىنچى قېتىم ئۆلۈش (ھىكايە)-ئادىلجان تۇرسۇن
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Enqa
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 25
    Enqa@qq.com

    يازما سانى : 76
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-4-4 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئىككىنچى قېتىم ئۆلۈش (ھىكايە)-ئادىلجان تۇرسۇن

    ئىككىنچى قېتىم ئۆلۈش

    (ھېكايە)

    ئادىلجان تۇرسۇن

     


        كۆزلىرىمدىن ياش ئاستا سىرغىپ چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى. گىرىمسەن ھەم سۇس قاراڭغۇلۇق باغرىدىن ئاقۇش بىر نۇر نەمخۇش ھاۋا قاتلاملىرىغا ئارىلىشىپ لەيلەپ يۈرەتتى. مۇشۇ خىلدىكى نۇرلار كۆپىيىپ بېرىۋاتقاندەك سېزىم كۆرۈش پەردەمنى غىدىقلاۋاتقاندەك بىلىنەتتى. كاللامدا بۇنىڭدىن بىرنەچچە مىنۇت ئىلگىرى ئاڭلانغان مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى پەيدا قىلغان تەسىرات ساقلىنىپ قالغانىدى. دەرۋازىنى تولۇق ئېچىۋېتىپ چەكسىز كەتكەن جىمجىتلىق ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئاقىرىۋاتقان ئۇپۇق بوشلۇقىغا قارىغىنىمچە يېگانە خىيالغا ئايلىنىپ كەتكەنىدىم. ئۇنىڭدىن ھەسرەتلىك قەلبىمنى بىئارام قىلىۋاتقان قانداقتۇر بىرنېمىنى ئىزدەۋاتقاندەك ئىدىم. قاقشال خىياللىرىم جەزىرىدەك ئۇزۇنغا سوزۇلغانىدى.
        خورازنىڭ ئاۋازىغا قوشۇلۇپ بىردىن ئاجايىپ پىغانلىق بىر ئاۋاز ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بۇ بوغۇق ھەم غاژ - غۇژ ئاۋاز ئانامنىڭ ئىدى. كۆزلىرىمدىن يەنە بىر تامچە ياش ئاستا سىرغىپ چۈشۈپ كەتتى. ئانامنىڭ يىغىسىدىن قورقاتتىم. لېكىن بۇنى ئۇنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. سانسىزلىغان قارىمۇ قارشى ئۇقۇملار كاللامغا لىق تولغان بولۇپ، قايسىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمەي قالاتتىم. بۇ مەجرۇھ كاللامغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىدى... ئەڭ يېقىن ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالغان يېگانە يولۇچى.. كاللامغا ھەدەپ قاتمۇقات سايىلەر دەۋرەپ كېلىۋېلىپ ئارام تاپقىلى قويمايۋاتاتتى. ئانام تېخىچە خېلى كۈنلەر ئىلگىرى بۇ جاينى تەرك ئەتكەن ئۇلۇغۋار قامىتىڭنى تىلغا ئېلىپ تۆكۈلمەكتە ئىدى، ساڭا ئاتاپ چەكسىز ئىلتىجا ئىلكىدە دۇئا - تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى. ئانامنىڭ ئىچكىرىكى ئۆيدە جاينامازدا ئاق رومال ئارتىپ ئولتۇرغان پەرىشتىدەك ھالىتى كۆز پەردەمگە سۈركەلمەكتە ئىدى. كۆزلىرىمدىن يەنە بىر تامچە ياش تولغىنىپ چۈشۈپ كەتتى.
       ئۆلۈمىڭ بىزگە تولىمۇ تاسادىپىي ھەم دەھشەت بىلەن ئۇرۇلغانىدى. ئازابنى ھېس قىلمىغان، خۇشاللىقنى چۈشەنمىگەن ئاشۇ چاغدا، توساتتىن كۆز پەردەمنى قېلىن تۇمان قورشىۋالغاندەك بولغانىدىم. ئاشۇ تۇماننىڭ قاتمۇقات ئىچكىرىسىدە بوغنۇ قۇش بىلەن لەيلەپ يۈرەتتىم. بىز خۇشاللىقتىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قالغانلىقىمىزنى دەسلەپكى قەدەمدە ھېس قىلىپ يېتىۋاتاتتۇق... ئۆزىمىزگە ئوخشىماي قالغانىدۇق. قات - قېتىمىزدىن سۆكۈلۈپ يىغلايتتۇق... خىيالىم ھەم كۆز ئالدىمدا ئاق سەللىلەر، ئاق روماللار، ئاق بەلۋاغلار ھەم تارام - تارام ياشلار ئىچىدە قالغان ئاق يۈزلەر... ئۇچۇپ يۈرۈشمەكتە ئىدى...
       ئەستىلىكىڭ تۇمان قوينىدىن ئۇچۇپ كېلىپ زەئىپ يۈرىكىمنى ھارماي مۇجۇقلايتتى. تەتۈر ئايلىنىۋاتقان يەر شارى، موللامنىڭ مۇڭلۇق قىرائىتى، ئاتا - ئانامنىڭ كۆز يېشى، بىراۋلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەسەللىسى... دوزاخ ھەم جەننەت توغرىسىدىكى ئۇقۇملار، خۇدانىڭ ئاۋازى... ياشلارنىڭ ھەۋىسى  تۆت ئوغۇل، تۆت قىز ئىدۇق. 71-8، 31-4؛ بۇ ئىپادە ۋۇجۇدۇمغا رەھىمسىزلىك بىلەن بۆسۈپ كىرىپ، ئۈزلۈكسىز يىمىرىلىۋاتقان قەلبىمنى تېخىمۇ ۋەھشىيلىك بىلەن يىمىرىپ غەليان كۆتەرمەكتە ئىدى... چەكسىز قاغجىراق چۆللۈك ئىچىدە مەڭگۈ توختىماي مېڭىپ يۈرۈيدىغاندەك قىلاتتۇق... توپا توزىتىپ چىقىۋاتقان سوغۇق شامال...
    توساتتىن كۆز ئالدىمدىكى گىرىمسەن دۇنيا سېھىرلەنگەندەك پاللىدە سۈزۈلۈپ كەتتى. كۆرۈۋاتقىنىمنىڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈش بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. سەن تولىمۇ ياش - نەۋقىران مەزگىلىڭدە كەتكەنىدىڭ. لېكىن شۇ تاپتا مېنى ئۆزۈمنى يوقاتقاندەك خۇشاللاندۇرۇپ، ئىشىك ئالدىمىزدىكى ھېلىقى چىغىر يولدا نەمخۇش توپا ھىدىنى ھىدلاپ ئاجايىپ كۈي دەرياسىدەك لەرزان كېلىۋاتاتتىڭ. ئاكا، دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئادىمىم  ئاكا!... ئاجايىپ ئاقىرىپ كەتكەن يۈزلىرىڭدىن سېھىرلىك نۇرلار پارلاپ كېلىۋاتاتتى. مۇشۇ كۆرۈنۈشتىكى قەدەم تاشلاپ كېلىۋاتقان ھالىتىڭ تالاي قېتىم چۈشۈمگە كىرگەنىدى. بۇ قېتىم راستلا كېلىۋاتاتتىڭ. تۇغۇلغىنىمدىن بېرى ئالەمنىڭ بۇنداق گۈزەل كۆرۈنگەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇۋاتاتتىم. سېزىملىرىمدە قۇشلارمۇ، دەرەخلەرمۇ، ئاسمانمۇ، يەرمۇ ناھايىتىمۇ چوڭ بىر چاۋاكلار دۇنياسىنى ھاسىل قىلغانىدى. كۈلۈپ باقتىم، ئۇزۇندىن بېرى ئۇنتۇپ قالغان چىراي ئىپادەمنى قىلىپ باقتىم، راستلا تومۇر - تومۇرلىرىمدىن يايراپ كۈلۈپ باقتىم. كۈلۈۋېتىپ بەختىيارلارچە يىغلاپ تاشلىدىم. سەن كېلىپلا مېنى چىڭ قۇچاقلىدىڭ. باغرىڭدا باھار سۈيىدەك ئېرىپ كەتتىم. لېكىن يەنە كاللامغا غىل - پال ئەندىشە ھاسىل قىلغان مەزمۇنلارمۇ چۆرگىلەپ يۈرەتتى. سېنى خىيالىمدا مۇردىغا ئايلىنىپ كەتكەن ھالىتىڭ بىلەن سېلىشتۇرۇۋاتاتتىم. قايتىپ كەلگىنىڭگە ئۆزۈمچە ئىشەنمىگەندەكمۇ بولاتتىم. تۇيغۇلىرىمنىڭ ساختا بولۇش مۇمكىنلىكىنىمۇ ئويلايتتىم. لېكىن گۇمانلىرىمنىڭ يالغانلىقىنى جاكارلاپ مېنى مېھرىڭ بىلەن قۇچاقلاپ تۇراتتىڭ. باغرىڭددىن ئاجايىپ بىر يېقىملىق پۇراقلار تاراپ چىقىۋاتاتتى. قايتىپ كېلىشىڭ ئۆلۈم قانۇنىيىتىگە ماس كەلمىگەن بىمەنە رېئاللىقتەك تۇيۇلاتتى. لېكىن يەنە ئۆزۈمدىن بۇ خىل خىيالنى ھەيدىمەك بولاتتىم.
     مېنى كەچۈرگىن، سەن راستتىنلا مەڭگۈلۈك باھارنى ئېلىپ قايتىپ كېلىۋاتامسەن، قەدىرلىك ئاكا! دەۋەتتىم تېخىچە يوقالمىغان ئەندىشە ئىچىدە باغرىڭدىن ئۆزۈمنى تارتقۇم كەلمەي. لېكىن مۇنداق سوئالنى تاشلىغىنىمنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئۆزۈممۇ ئېنىق بىلەتتىم.
     مەن راستلا ئۆزۈمگە تەئەللۇق نەرسىنى ئېلىپ قايتىپ كېلىۋاتىمەن، كۆيۈملۈك ئۇكام، دېدىڭ شادىمان كۈلۈپ، ئالدىمغا مۇنداق سوئالنى تاشلىغىنىڭ تەبىئىي، كەلگۈچە مەن بۇنى كۆپ ئويلىغان. ھەممىلا ئادەمنىڭ مەندىن مۇشۇنداق سورايدىغانلىقىنى بىلىمەن. مەن ئويلىرىڭلارنى ئەيىبلىمەيمەن. لېكىن ئالدىڭدا كۆرۈۋاتقان ئادەمنى ھەقىقىي ئۆز ئاكام دېسەڭ خاتالاشمايسەن. ئەجىلىم توشمىغانىكەن، قەبرەمنى بۇزۇپ قايتىپ كەلدىم. تەڭرى مېنى مەۋجۇتلۇققا قايتا ئەۋەتتى...
    ... تەڭرى مېنى مەۋجۇتلۇققا قايتا ئەۋەتتى...
    خۇشاللىقىمنى ئۆز مەنىسى بىلەن كۆرسىتىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. قىلغىلى قىلىق تاپالمايۋاتاتتىم. قەلبىمنى يۇمشاق سىلاپ كەلگەن خۇشلۇق ئىلكىدە ئۆزۈمنى بېسىۋالالماي يىغلاپ تاشلىدىم. مەن يىغلاۋېتىپ كۈلۈۋاتاتتىم. بۇ، ئاجايىپ بىر ھالەت ئىدى.
     ئاكام قايتىپ كەپتۇ!... ئۇ قايتىپ كەپتۇ!... توختىماي ۋارقىرايتتىم. ئاۋازىم جاراڭلىق ئىدى. يۈرىكىمدە يوقاتقان ئەڭ قىممەتلىك نەرسەمنىڭ ئورنى تولۇقلانغاندەك ھېسسىياتلار بۇلدۇقلايتتى.
    قاتار سۆگەت كۆچىتى تىكىلگەن ئىشىك ئالدىمىزغا كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە دادام، ئانام، ئاكا - ئاچىلىرىم، ئىنى - سىڭىللىرىم ھەم ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنىلار يىغىلىپ قايناق بازارغا ئايلاندۇرۇۋەتكەنىدى. قايتىدىن پارلاق يىغا - زارە باشلىنىپ كەتكەنىدى. دادام، ئانام يىغلاپ تۇرۇپ يۈز - كۆزلىرىڭگە، ئۈستۋاشلىرىڭغا ئەسەبىيلەرچە سۆيەتتى. سەندىن جاۋابىنى ئاڭلاشقا قىزىقمايلا كەينى - كەينىدىن قانداقتۇر سوئاللارنى سورايتتى. ئادەملەر كۆز ياشقا ئايلىنىپ كېتىۋاتامدۇ ياكى كۆز ياشلار ئادەملەرگە ئايلىنىپ كېتىۋاتامدۇ، بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغانىدىم. لېكىن گاڭگىراشلىرىمنى خۇشاللىقىم، بەختىم، ئامىتىم بېسىپ كېتىۋاتاتتى.
    شۇ چاغدا ئۆيىمىزدە راستلا بايرام بولغانىدى. ئۆيىمىزدە مۇنداق ياخشى كەيپىيات بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئاسانلا ئېسىمگە ئالدىم.
     ئۇ ئالەم توغرۇلۇق نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ كەتتىم، ئۇ يەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن بولساڭ جېنىم ئاكا، كىچىك سىڭلىم ساڭا زوق - شوخ بىلەن بېقىپ ئەركىلەش تەلەپپۇزىدا سۆزلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ ساڭا قارىغان مۇلايىم كۆزلىرىدىن سىرلىق بىر ئىپادىمۇ چىقىپ تۇراتتى. بۇنداق سىرلىق ئىپادە مەندىمۇ ئەكس ئېتىۋاتىدۇ دەپ ھېس قىلاتتىم.
     ھەي، سۆيۈملۈك سىڭلىم، بۇ جەھەتتە ئاكاڭنى ئەپۇ قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. بىر ئۆلۈپ تىرىلسەڭ باشقىچە بولىدىكەن.
    سەن ئىلگىرىمۇ پەلسەپىۋى قائىدىلەر بويىچە سۆزلەشكە تىرىشاتتىڭ. ھازىر سۆزلىرىڭ بۇ خىل ئىپادىلەرگە تېخىمۇ بەكرەك تويۇنغاندەك قىلاتتى. سەندەك بېشىدىن ئىسسىق - سوغۇق كۆپ ئۆتكەن ئادەم شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قىياس قىلاتتىم. ۋەھالەنكى، سۆزلىرىڭنى ئانچىلا چۈشىنىپ كەتمىگەندەك تۇراتتىم. باش - ئاخىرى يوق چەكسىز خىياللار ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرەتتىم.
    دادام مەردلىشىپ كېتىۋاتاتتى. شۇ تەۋەلىكتىكى بارلىق ئادەملەرنى يىغىپ، كالىمىزنى سويۇپ ھەم نۇرغۇن مېۋە - چېۋە، يەل - يېمىش تەييارلاپ چاي بەردۇق. ئىشىك ئالدىمىزدىن باشلانغان ھەممىلا جايدا ناغرا - سۇناي ساداسى ياڭراپ تۇراتتى. سازەندىلەر بارلىق ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ زوق - شوخ بىلەن چېلىۋاتاتتى. ئىشىك ئالدىمىز كۈلكە چىراي ئادەملەر بىلەن تولغانىدى.
     كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، مەن دۇنيادا ئاجايىپ خۇشال بولۇپ تۇرۇپتىمەن، دادام چوڭ بىر كۆتەكنىڭ ئۈستىگە چىقىشى بىلەن مۇزىكا ۋاقىتلىق توختىدى، ئاجايىپ داغۇ - ھەسرەتكە تاشلاپ كەتكەن ئوغلۇم قايتىپ كەلدى، مۇنداق ھالەتنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايتتىم. ئۇ ئەڭ چوڭ يۆلەنچۈكىمىز ئىدى. مەھەللىمىزگە سۇ كېلىدىغان چوڭ ئاچمىغا مۇستەھكەم بىر زاكۇ سېلىپ بەرگەنىدى. ئۇنىڭ ئادەملەرگە قىلىپ بەرگەن ئىشى نۇرغۇن ئىدى. ئادەم بۇ دۇنياغا مەڭگۈ مېھمان ھەم ساھىبخان. ئۇ ئەمدى ھاياتىنى تېخىمۇ بەكرەك قەدىرلەيدۇ. ھەممەيلەن ئۇنىڭ قايتىپ كەلگىنىگە چەكسىز خۇشال بولۇشىمىز كېرەك. بىز ئۇنىڭغا خۇدادىن ئۇزۇن ئۆمۈر ھەم ئەقىل - پاراسەت تىلەيلى!...
    ئەتراپنى ئادەملەرنىڭ دۇئاغا كۆتەرگەن قولى بىلەن تەڭ ئاجايىپ بىر گۈپۈلدەش قاپلاپ كەتتى. كۆزۈمگە خۇدانىڭ شەپقەتلىك كۆزى كۆرۈنگەندەك بولدى. ھەممىلا نەرسىدىن خۇدانىڭ ھىدى كېلىۋاتاتتى. كىشىلەرنىڭ دۇئاغا كۆتەرگەن قوللىرى خېلى ئۇزۇنغىچە چۈشمىدى. مەنمۇ ئۆزۈم بىلگەن بارلىق ئايەتلەرنى ئىچىمدە ئوقۇيتتۇم.
    ناغرا قايتىدىن ياڭراپ كەتتى. قەلبىدە خۇشاللىق سېزىملىرى لەيلەپ يۈرگەن كىشىلەر ناغرا - ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتكەنىدى. مەن شەپقەتلىك خۇدانىڭ مەرھىمىتىنى كۆرگەندەك بولۇۋاتاتتىم. چاقناۋاتقان قۇياش، زېمىن، دەل - دەرەخ، تام ئاجايىپ بىر سېھىرلىك نۇر ئالىمىنى ھاسىل قىلغانىدى.
    ماشىنىنىڭ يېقىمسىز گۈركىرىگەن ئاۋازى كەيپىياتنى بۇزۇۋەتكەندەك بولدى. بۇنى خالىمايتتىم. ماشىنا ئۆزى بىلەن قويۇق توپا توزۇتۇپ كەلگەنىدى. ماشىنىدىن چۈشكەن سېمىز ئايال بىلەن ئون نەچچە ياشلاردىكى ئىككى قىزچاقنى كۆرۈپ قانلىرىمغا ئاچچىق بىر ئېقىم ئېقىپ كىردى. ساڭا ئۆزۈمگە قارىغاندەك قارىدىم.
    ئىللىق چىرايىڭدىكى خۇشاللىقلار قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتكەنىدى. سەن نۇرلۇق كۆزلىرىڭنى ئايالغا ئاۋۋال نەپرەت بىلەن تىكتىڭ، ئاندىن ئىككى قوزىچاققا مۇڭلۇق مېھىر بىلەن تىكتىڭ. خاتىرەمدە مۇشۇ قارىشىڭ خېلى ئۇزۇنغىچە ساقلىنىپ قالغانىدى. ئۇلار ئايالىڭ ھەم قىزلىرىڭ ئىدى. سەن يەنە ئۆزۈڭنى يېگانە سېزىۋاتاتتىڭ. دۇنيادا مۇكەممەل خۇشاللىق، مۇكەممەل ئازابنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىۋاتاتتىڭ. سەن ئۆلۈپ كېتىشتىن خېلى بۇرۇنلا مۇشۇنداق غەمكىن بولۇپ قالغانىدىڭ. كۆز پەردەمدە ھاياتىڭنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى ئۈمىدۋار، تېتىك ھالىتىڭ، كېيىنكى كۈنلەردىكى تۇتۇق چىرايىڭ ساقلىنىپ قالغانىدى. ۋەھالەنكى، سەن مەڭگۈ ھەسرەتلىك ئۆتۈپ كەتمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى. سەن ئاجايىپ بىلىملىك ئىدىڭ، ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتىڭ.
    سەن ئىككى قىزىڭغا ئەڭ كۈچلۈك ئاتا مېھرىڭ بىلەن تىكىلگەنىدىڭ. ئىككى قىزىڭ ئاللىبۇرۇن بۇقۇلداپ يىغلىغىنىچە ساڭا ئۆزلىرىنى ئاتقانىدى. ئۇلارنىڭ بىغۇبار كىچىككىنە دۇنياسى چوقۇم كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە  ئاتا مېھرىگە موھتاج ئىدى.
    ئايالىڭ ساڭا قاراپ ئالۋاستىدەك ئۆزىنى ئاتتى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن داۋاملىق ئالۋاستىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. بىز بۇنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشقا پېتىنالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرمىگەنىدىم. خىيالىڭدا ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىپ قالغان بۇ كۆلەڭگىنى بوش، ئەمما ئاچچىق بىلەن ئىتتىرىپ توختىتىپ قويدۇڭ. ۋۇجۇدۇڭ سوغۇق بىر ئېقىم ئىلكىدە تىترەۋاتقاندەك قىلاتتى. دادام، ئاناملارنىڭ ۋۇجۇدىمۇ مۇشۇنداق تىترەۋاتىدۇ دەپ ئويلىدىم مەن. بۇ يۈرەك - يۈرەككە يىلتىز  تارتىدىغان ئالەم ئىدى.
     نېمانداق قىلىسىز؟ دېدى ئايال جىيەكلىرىگە قېلىن سۈرمە سۈرۈۋالغان كۆزلىرىدىن ياش چىقىرالماي، مەن سىزنىڭ ئايالىڭىزغۇ؟...
     ئېشەكمۇ پۇتى بىر قېتىم تىقىلغان كۆۋرۈكتىن ئۆتمەيدۇ! خىيالىمدا شۇنداق دەۋاتاتتىڭ.
     نېمە؟!... بۇنى كىم بىلمەسلىكى كېرەك؟!... ئاۋازىڭ قەھرلىك ئىدى، ئەمما سەن داۋاملىق ئايالىم بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ھازىر بۇرۇنقى مەن ئەمەس. ئىلگىرى سەن بىرەر قېتىم كېلىنلىك مەجبۇرىيىتىڭنى، بالىلارغا ھەقىقىي ئانىلىق بۇرچۇڭنى ئادا قىلىپ باقتىڭمۇ؟... سەن ھەقىقىي ئايالنىڭ ۋۇجۇدىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن... سەندە مەنمەنچىلىك، شۆھرەتپەرەسلىك قۇتراپ كەتكەن... سەن  ئايال ئەمەسسەن، ھېچنېمە ئەمەسسەن، ھېچنىمىمۇ بولالمايسەن. سەن چىرايلىق شاياتۇنسەن. شۇڭلاشقا مەن سېنى بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قالغان. شۇنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتىم، يەنە تارتسام بولمايدۇ... سەن مېنى ئاددىي ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىشتىن توساتتىڭ، ھەممىلا نەرسىنىڭ ئاددىيلىقتىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىڭ... ھەي، مېنىڭ سۆيۈملۈك ئايالىم...
    تىمتاسلىق ئىچىدە ئاچچىق ئاۋازىڭ ياڭرايتتى. بىز سۆزلىرىڭدىن ھەيران قالمايتتۇق. ئاللىبۇرۇن ھەيران قالمايدىغان بولۇپ قالغانىدۇق.
    ئىلگىرى بىرەر قېتىم ھازىرقىدەك قاتتىق تەلەپپۇزدا سۆزلىگىنىڭنى ئەسلەپ يېتەلمەيمەن. تىمتاسلىق ئىچىدە ئاچچىق ئاۋازىڭ ياڭرايتتى. ئىلگىرى ئۆيۈڭگە كىرىشىمنى ئېيتىپ تۇرۇۋالغىنىڭدا، ئايالىڭ كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ كىرگۈم كەلمەيتتى. ئۇ ئۆيدە ئادەم بار - يوق دېمەي ساڭا ياناتتى.
    بىر قېتىم ئۆيۈڭگە تەستە كىردىم، ئۆيدە دوستلىرىڭ بىلەن خۇشال - خۇرام ئولتۇراتتۇق.
     مېھمانلىرىم كېلىپ قالدى، چىقىپ تۇرۇڭلار، سىرتتىن ئالدىراپ كىرگەن ئايالىڭ شۇنداق دېگەنىدى. سەن ئۆي تۇتقان ئادەمدىن يەنە بىر قېتىم ھەيران قالغانىدىم. چىرايلىرى ئاجايىپ تۇتۇلغان دوستلىرىڭ دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇشۇپ چىقىپ كېتىۋاتاتتى. مەن ئۆيدىن كۆڭۈلنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇراتتىم. سەن ئۇلارنىڭ كەينىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە تۆكۈلۈپ بولالمىغانىدىڭ. خېلى كۆپ ياخشى نىيەتلىك دوستلىرىڭ شۇنىڭدىن كېيىن سەندىن يىراقلاپ كەتكەنىدى.
     مېھمانلىرىم كېلىپ قالدى، چىقىپ تۇرۇڭلار...
    سەن باشقىلار ئالدىدا يەر بىلەن يەكسەن بولغانىدىڭ. شۇنداقتىمۇ سەن ئايالىڭنىڭ مېھمانلىرىنى چىرايلىق ئۇزىتىشىۋېتىپ، ئۇنىڭغا كۆپ تەربىيە قىلغانىدىڭ. ۋەھالەنكى، ئۇ جاھىللىقنىڭ ئېگىز چوققىسىدا تۇرۇۋېلىپ، گېپىڭنى قېتىغىمۇ ئالمىغانىدى.
    بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ دۇنياسى سالماق قەدەم تاشلاپ يۈرگەن ھالىتىڭنى قوبۇل قىلالمايتتى، ئۇلار نېرۋا فۇنكسىيەڭنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى، ئەقلىڭنىڭ تامچىلاپ - تامچىلاپ چۈشۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىشاتتى. ئۇلار سېنىڭ شوتىنىڭ ئۈستىدىكى بالدىقىغا دەسسەپ قېلىشىڭدىن ئەنسىرەيتتى. ساق يۈرۈشۈڭنى ئەقلىگە سىغدۇرالمايتتى. سېنى پات - پات ئاچىقىپ مەست قىلىپ قوياتتى. بۇنى كېيىنچە سېزىپ قالغانىدىم. «كىم ھەقىقىي دوست، ئارىۋال، ئاكا...» دېسەم، «خاتىرجەم بولغىن، ئۇكام، ساڭا شۇنداق تۇيۇلۇۋاتقان ئوخشايدۇ...» دېگەندەك گەپلەرنى قىلاتتىڭ دائىم.
    .. نېمىشقىمۇ ئىچكەن بولغىيتتىم؟!...
    كەڭ قورساقلىقىڭ بېشىڭغا بالا بولغانىدى. ئايالىڭ سېنى يەككە - يېگانە تاشلاپ كەتكەندىن كېيىن، ھېلىقى دوستلىرىڭ سېنى ھاراققا زورلاپتۇ. ئاخىر سەن ھاراقنى كۆپ ئىچىپ سوغۇق يەردە قۇرتتەك يېتىپ قاپسەن...
    ... يۈز نەچچە مېتىر!... شۇنچىلا يېقىن يەر... دوختۇرخانا ئاجايىپ يېقىن ئىدى، جېنىم ئاكا، سەن داۋاملىق سۆزلەۋاتاتتىڭ، بۇ ئۇزۇندىن بېرى يىغىلغان قورساق كۆپىكىڭ بولۇشى چوقۇم ئىدى،... ئىككى قىزىم مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرالمىدى. مەن ئەزرائىلنىڭ رەھىمسىز باغرىدىن قېچىش ئۈچۈن ھەدەپ تىركىشىۋاتاتتىم. ساڭا ئۇلار ئاخشامدىن تارتىپ ئەتىسى ئەتىگەنگىچە توختىماي تېلېفون قىلدى، پەقەتلا كەلمىدىڭ، كەلگىلى ئۇنىمىدىڭ. ئۇلار تېلېفوندىكى رەھىمسىز ئاۋاز ھەم ئېچىنىشلىق كۆلەڭگەم ئوتتۇرىسىدا قامىلىپ قېلىپ يامغۇرغا ئايلىنىپ كېتىۋاتاتتى. ئاخىر ئۇلار مۇئەللىملىرىدىن قورقۇپ مەكتەپكە ماڭغاندا، مېنىڭ چۈشنى مەڭگۈلۈك ئاخىرلاشتۇرغىنىمنى بىلىشمەي قالغانىدى. ئۆلۈمۈم تولىمۇ  ئېچىنىشلىق بولغانىدى. مەن ھېچكىمگە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلالماي ئۆلۈپ قالغانىدىم. ھەقىقەتەن ئۆلۈپ قالغانىدىم. قانداقتۇر بىر قاراڭغۇ جايغا چۈشۈپ كېتىۋاتاتتىم. مەن ئۆلۈۋېتىپ پەقەت ئۆزۈم بىلىدىغان ئاۋازدا يىغلايتتىم. نۇرغۇن نەرسىلەر ئۈچۈن يىغلىغانىدىم...
    «ياخشىدۇق دېيەلمەسمىز بەلكىم بىر كۈنى،
    چۈشزارلىق يوقالغان يىراق بىر جايدا...» يېنىمدىن بىرسى شۇنداق دەپ ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلدى... ئاكا، قەدىرلىك ئاكا، تۇنجى قېتىم ئۆلۈمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر مەنىسى بىلەن چۈشەنگەندەك بولغانىدىم. توۋا، بىز ئادەملەر دۇنيادا چەكسىز يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئۆلۈمنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ياشايدىكەنمىز. قالىدىغىنى پەقەتلا كۆلەڭگە ئىكەن.
    ... ئىلگىرى سەن بىلەن ئىككى ئوماق قىزىمىزنى دەپلا ئاجراشمىغانىدىم، سەن تېخىچە ئايالىڭغا نەپرەت بىلەن تىكىلىپ تۇراتتىڭ، ئەمدى ئىككى قىزىمنى بىردىن بۆلۈشۈپ ئاجرىشىپ كېتەيلى. مېنىڭغۇ ھەر ئىككىسىنى ئالغۇم بار. لېكىن بىرسى ساڭا ھەمراھ بولسۇن. ئۇنىڭ تۇرمۇش، ئوقۇش خىراجىتىنى ئۈزمەي بېرىپ تۇرىمەن...
     قەدىرلىك دادا، ھەر ئىككىمىز سەن بىلەن تۇرىمىز!... زېمىن قوينىدا ئويماقتەك ئىككى ئېغىزدىن چىققان ھەسرەتلىك ھەم كۈچلۈك ئاۋاز ياڭراپ كەتتى.
     ياق،... ياق، ياق،... ياق، دادا، دەيتتى چوڭ قىزىڭ ھۆڭرەپ يىغلاپ تۇرۇپ، ئۇ  ئانا بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس. سەن كەتكەندىن كېيىن ئۇ بىزگە تۈزۈك قارىمىدى... ئۆيدە بەزىدە تاڭ ئاتقۇچە ئەرلەر بىلەن ئولتۇرۇش قىلدى. بىز ئۇنىڭ ئەرلەر بىلەن قىلىشقان  تېتىقسىز گەپلىرىنى ئاڭلىغىنىمىزچە ئۇيقۇغا كېتەتتۇق... بەزىدە ئۇ قانداقتۇر بىر ئەردىن كەلگەن تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن، سىرتقا خىزمەتكە كەتتىم دەپ قويۇپ، ھەپتە - ھەپتە يوقاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ تېخى بىر دوستىغا «ئىلگىرى ئېرىم چۈشەك بولغاچقا قىسىلىپ قالغانىدىم، ئەمدى ئازادىلىككە چىقىپ قالدىم...» دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇ باشقىلار ئالدىدا نامىڭنى ئاتاپ يىغلاپ قويغان بىلەن يەنىلا ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ كەلدى...
     شۇنداق قىلىپ يەنە يېزىۋاتامسەن، ئۇكام؟! بىر كۈنى چۈشتە مەن بىلەن ئىلگىرىكىدەكلا يانمۇيان كېتىۋېتىپ سورىدىڭ.
    مەن ساڭا غەمكىن قاراپ قويۇپ بېشىمنى لىڭشىتتىم. يېزىقچىلىقنى ئويلىسام غەمكىنلىشىپ كېتەتتىم. لېكىن غەملىكنى ئۆزۈم تەربىيىلەپ ئۆستۈردۈممۇ ياكى ئۇ مېنى ئۆزۈم سەزمىگەن ئاساستا كونترول قىلىۋالدىمۇ بۇنى ئېنىق بىلمەيتتىم. ئەمما ئۇنى يەنىلا ياخشى كۆرەتتىم. ئىچىمنىڭ بىر يېرىدىكى قانداقتۇر بىر كۆلەڭگە بۇ مىجەزىمنى غەلىتىلىككە چىقىرىپ مەسخىرە قىلىشقا ئامراقتەك تۇراتتى.
     ھەي ئۇكام، يازغۇچىلىق تەس ئىش ئىكەن، دېدىڭ كۆزلىرىمگە كۆيۈنۈش ئىلكىدە قاراپ، شۇنداقتىمۇ سېنى بۇ كەسىپتىن چەكلىيەلمەيمەن. روھىمدىمۇ بۇنى ھۆرمەتلەيدىغان ئېلېمېنت بار... ھە راست، مەن كەتكەندىن كېيىن ئىدارىدە كۈنۈڭ قانداق كېتىۋاتىدۇ؟!...
     نېمىسىنى سورايسەن، ئاكا؟! سەن كەتكەندىن كېيىن بەزىلەرنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى ئۈششۈك تەگكەندەكلا ئۆزگىرىپ كەتتى. يولدا بەزى دوستلىرىڭ قاراپمۇ قويمايدىغان بولدى. ئادەم تۇرمۇشتا خېلى كۆپ ئىشلارنى چۈشىنىشكە قادىر بولالمايدىكەن...
     ئەمدى مەن بار. كۆڭلۈڭ توق تۇرسا بولىدۇ. بۇ ئىدارىدە باشلىقنىڭلا بىرنېمىسى ئىشلىسە بولىدۇ. چۈنكى باشلىقنىڭ بىرنېمىلىرى تۈزۈك ئىشلىمىسىمۇ، ئالىقان ئۈستىدە پۈدەپ تۇرۇلىدۇ. بۇنى باشلىقلاردىنلا كۆرۈۋالغىلى بولمايدۇ. بەزىلەر باشلىقلارنىلا ئەمەس، توغقانلىرىغا خۇشامەت قىلىشنى ئۆزىگە شەرەپ دەپ بىلىدۇ.
     يەنە قانداق ياخشى سۆزلىرىڭ بار، سۆيۈملۈك ئاكا؟! دېدىم كۆزۈڭگە رازىمەنلىك بىلەن قاراپ، ئاشۇ سۆزلىرىڭنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدىغاندەك تۇراتتىم.
        - ئۆيلىنىۋالغىنىڭ ياخشى بوپتۇ، دېدىڭ ماڭا ئىللىق تەبەسسۇمدا بېقىپ، ئايالىڭ كۆزۈمگە خېلى ئىسسىق كۆرۈنۈۋاتىدۇ.
       مەن كۈلۈپ قويدۇم. لېكىن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئىشىكىم ئالدىدا ئۆيگە تۇتقىنىمغا ئۇنىماي ئۆيۈڭ تەرەپكە كېتىپ قالدىڭ. خېلى كۈنلەر بۇرۇنلا سېنى بىر ئوقۇتقۇچى ئايالغا ئۆيلەپ قويغانىدۇق. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئانامنى كۆرگەندەك بولۇۋاتاتتىم. بەزىدە ئىدارىنىڭ ئالدىدا خىيالچان تۇراتتىم. سەن ئىدارىنىڭ يېنىدىكى پىيادىلەر يولىدىن يەڭگىل دەسسەپ ئىشقا چۈشۈشكە ئۈلگۈرۈپ چىقاتتىڭ. مەن قەدەم تاشلاپ كېلىۋاتقان ھالىتىڭگە قاراپ سۆيۈنۈپ كېتەتتىم.
    تاماققا قوپقىلىۋاتقان ئايالىم ئىشىكنىڭ ئۇرۇلغانلىقىنى مەندىن بۇرۇن بىلگەنىدى. مەن سەل جىددىيلەشتىم. ئەمما ئىشىكنىڭ ئۇرۇلمىغانلىقىدىن ئۇرۇلغانلىقىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئىشىڭ ئالدىدا خىيالىمدىكىدەكلا كۈلۈپ تۇراتتىڭ.
        - ئايالىڭ بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇپ تۇرسۇن، دېدىڭ كەيپىياتىڭ ياخشى ھالدا، ئۇزۇن بولدى بىللە ئولتۇرۇشقا بارماپتۇق، يۈرە، بېرىپ كېلەيلى.
        - بولدى، شۇ ئولتۇرۇشقا بارمىساق قانداق؟! دېدىم يېنىڭدىكى تەكلىپ قىلغۇچىغا ئېھتىيات بىلەن قاراپ قويۇپ، ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرۇش ئەڭ خاتىرجەم بولىدىكەن.
    سەن ئىككىلىنىپ قالدىڭ.
        - قالغانلار سىلىنى ساقلاپ قالدى، دېدى چاقىرىپ كەلگۈچى ساڭا، كىرمىسىلە چوقۇملا رەنجىيمەن جۇمۇ. بىزنى تۆۋەن كۆرۈۋاتامدىلا يا؟...
        - ياق، ئۇنداق دېسىلە مۇۋاپىق بولمايدۇ، سىلىنى كىم تۆۋەن كۆرۈپتۇ. ئۆزۈمنىڭ بارغۇم يوق تۇرىدۇ، سەن مېنىڭ سۆزۈم ئۈستىدە ئويلىنىپ قىلىۋاتاتتىڭ.
        راست، بارما ئاكا، ئۇ يەرگە بارساڭ ئۇلار ئىچمەيمەن دېگىنىڭگە ئۇنىماي ئىچۈرىدۇ، دېدىم جىددىي قىلىپ، جىگىرىڭ ياخشى ئەمەس، ھاراق زورلىغۇچىلار بۇنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. بۇرۇنمۇ ئايالىڭغا قېيىداپ يۈرگەندە باشقىلار زورلاپ ئىچۈرۈپ قويۇپ، ھاراقتا زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەنىدىڭ. ئەمدى ئۆلسەڭ بولمايدۇ، كۆزۈمگە ئاستا ياش ئالدىم. ئۆزۈمدىن ئۆزۈم ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتاتتىم.
     كۆڭۈللىرىنى يەردە قويغۇم يوق. ئەمما سىلە خاپا بولمىسىلا، سەن خىجىللىق ئىچىدە ھېلىقى ئادەمگە ئۆزرىخاھلىق قويدۇڭ. سەن بەك كۆڭۈل ئايايتتىڭ.
     ئۇنداق قىلسىلا قانداق بولىدۇ، ئۇلار سىلىنى چوقۇم باشلاپ چىقىشىمنى جىكىلىگەنىدى. سىلە سورۇنغا بارمىسىلا سورۇن سورۇن بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنى ئوسال قىلىپ قويدىلا...
        -بوپتۇ، بارايلى ئۇكام، لېكىن ھېلىقىنى ئىچمەيلى!...
       ئاخىر سەن بىلەن بىللە ماڭدىم. قەۋەتمۇ قەۋەت بىنالار، سۈتتەك يورۇپ تۇرغان كەڭرى كوچىلار ئارقىمىزدا قالماقتا ئىدى. يىراقتىن كۆزۈمگە قاپقارا كېچە سوغۇق كۆزىنى غەلىتە تىكىپ تۇراتتى.
    سورۇن ئاللىبۇرۇن باشلىنىپ كەتكەنىدى. خىلمۇخىل نەقىشلەر، ھالرەڭ پەردىلەر، نەپىس ئۆي جاھازىلىرى بىلەن تولغان ئۆيدە ئولتۇرغان غەلىتە چىرايدىكى ئادەملەرنىڭ ئېگىز - پەس ۋارقىراپ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ساپانىڭ بىر بوش ئورنىغا بېرىپ ئولتۇردۇق.
       كىملەردۇر قولۇڭغا بىر دۇتارنى ئەكېلىپ تۇتقۇزدى. دۇتار چېلىشقا ئاجايىپ ئۇستا ئىدىڭ. قولۇڭ مۇلايىم تارلار ئۈستىدە يەڭگىل جەۋلان قىلاتتى. ياڭراۋاتقان ئاجايىپ سېھرىي  كۈيۈڭ قېتىدىن رەڭمۇرەڭ گۈللەر بىلەن تولغان گۈلزارلىقلار، قوۋناق تۇرمۇش، گۈزەل جىمجىتلىق، پاراقلاپ يانغان يۇلتۇزلۇق كېچىلەر، ھەيۋەتلىك تاغلار، زۇمرەتتەك دېڭىز... قاتارلىقلار بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقاندەك قىلاتتى...
       - ئەمدى نۆۋەت سىلىنىڭ، دېدى كۆزلىرى غىلدىرلاپ تۇرغان بىر ئادەم، ئۇنىڭ قولىدىكى رومكىغا لىقمۇلىق قۇيۇلغان ھاراق ھەدەپ چايقىلاتتى، بىر خۇش كەتتى قىلىپ بېرىڭ.
     - مېنىڭ جىگىرىم چاتاق، دوختۇر ھاراق ئىچسەڭ ھاياتىڭغا خەۋپ يېتىدۇ دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پەرھىز تۇتتۇم، خاپا بولۇشمىسىلا.
     - دوختۇر دېگەن ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلاۋېرىدۇ. دوختۇرنىڭ يېنىغا بارسا ئادەمنىڭ ئۆزىدە يوق كېسەللىرى كۆپىيپ كېتىدۇ... ماقۇل دەپ مۇشۇ بىر رومكىنى ئىچىۋەتسىلە، ھېچنېمە بولمايدۇ.
     ئۇنىڭ كۆڭلى سىلىنىڭ كۆڭۈللىرى، ئىچىۋەتسىلە...
    «كۆڭۈلنى ھاراق ئارقىلىق بىلدۈرۈشسە، نېمىدېگەن پەس كۆڭۈل ئۇ» دەۋەتكىلى تاس قالغانىدىم. شۇ چاغدا بەك ئاچچىقىم كەلگەنىدى. بىراق سېنىڭ كۆز ئىشارىتىڭنى كۆرۈپ جىم بولۇپ قالغانىدىم. بۇ يەردە تەن بۇلغانماقتا، كۆڭۈل كىرلەشمەكتە، ۋاقىت ئىسراپ بولماقتا ئىدى. لېكىن ئادەملەر ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايتتى.
     بىز سىزنىڭ جان دوستلىرىڭىز. دۇنيادا دوستنىڭ كۆڭلىنى دەپ ياشايدۇ كىشى. ھېچبولمىغاندا مۇنۇ بىر رومكا ھاراقنى ئىچىپ بېرىڭ...
    سەن ئويلىنىپ قىلىۋاتاتتىڭ. چىرايىڭدىن ئاچچىقمۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كېلەلمەسلىكمۇ، بىرەر - ئىككى رومكا ھاراقنىڭ تەسىرى بولماس دەيدىغان ئالامەتلەرمۇ چىقىپ تۇرغاندەك قىلاتتى. ئاخىر سەن رومكىنى قولۇڭغا ئالدىڭ - دە، ئەتراپقا قاراپ قويۇپ:
        - ماقۇل! بىرنى - ھە! دەپلا گۈپپىدە ئىچىۋەتتىڭ.
       - ھەئە، يارايسىز، يارايسىز... ئەمدى بىزنىڭ دوستىمىزغا ئوخشىدىڭىز. دوست دېگەن دوستىنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويمايدۇ... ئەتراپتىن ھەر خىل تەلەپپۇزدىكى ۋارقىرىغان ئاۋازلار تارالدى. قۇلىقىم ئاۋازلار ئىچىدە غۇڭۇلدايتتى.
       - بىرنى ئىچكەن ئادەم ئىككىنىمۇ ئىچەلەيدۇ، ئۇلار شۇنداق دەپ، ئاخىر سېنىڭ ئۇنىمىغىنىڭغا، چىراي ئىپادەڭگە، يالۋۇرۇشلىرىڭغا ئۇنىماي، زورلاپ يۈرۈپ كەينى - كەينىدىن ئۈچ رومكا ئىچۈرۈۋەتتى.
       - سىلەر مېنىڭ دوستلىرىم... سىلەر... مېنىڭ دوستلى... بىر چاغدا سەن تەستە شۇنداق دېيەلىدىڭ - دە، قۇچىقىمغا گۈپپىدە يىقىلىپ چۈشتۈڭ. چىرايىڭ مىنۇت ئىچىدە خىلمۇخىل رەڭلەردە ئۆزگەرگەنىدى. مەن سېنى تېزلا تۇتۇۋالدىم.
       سەن بىردىنلا ئۇزۇن تىندىڭ - دە، تىزىم ئۈستىگە بېشىڭنى تاشلاپ جىمىپ كەتتىڭ. مەن جىددىيلىشىپ قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئاجايىپ جىمجىت ياتقان ھالىتىڭگە قاراپ مېڭەم چاچراپ كېتىدىغاندەك بولماقتا ئىدى. ئايلىنىۋاتقان كۆزۈم تېخىچە غېمىدە يوق ھاراق ئىچىشىۋاتقان ئادەملەرگە چۈشۈپ قالدى - دە، دەھشەت ئۆرلەپ چىققان غەزەپ، ئازاب  پايانىدا تۇرۇپ:
       - ھۇ شاياتۇنلار!... دەپلا ۋارقىراپ كېتىپتىمەن.
    ئۇلار چۆچۈپ كەتتى. لېكىن كەيپلىك ئىچىدە ھەرىكىتىمگە ئانچىلا دىققەت قىلىشمايتتى. سىرتتىن ئۆي ئىگىسى ئايال ئۇچقاندەك ئېتىلىپ كىردى - دە، يۈرىكىڭنى تۇتۇپ بېقىپ، كۆزۈمگە ئېچىنىش، ھېسداشلىق، چوڭقۇر قايغۇ - ئەلەم ئىچىدە قاراپ بېشىنى ئۈمىدسىز لىڭشىتتى:
     ئۇ كېتىپ قاپتۇ ئەمەسمۇ... ئاۋاز تولىمۇ بوش ئىدى.
     ياق،... ياق، ياق... بارلىق ئاۋازىم بىلەن ۋارقىراپ كەتتىم. ئاۋازىم گۈلدۈرمامىدەك چىقاتتى. ئىچىمدە بىرنېمە گۈلدۈرلەيتتى. لېكىن ئۆزۈم ئۆرۈلگەن غايەت زور بىنا ئاستىدا مىجىلىپ قالغاندەك ئىدىم. يۈزلىرىمنى ساراڭ بولغاندەك كاچاتلايتتىم. مەن يىغلاۋېتىپ يىغلاۋاتقان ئادەملەر قاتارىدىكى ھېلىقى كۆزلىرى غىلدىرلاپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ چىرايىدىكى تۇماندەك ئاجايىپ سۇس بىر كۈلكىنى كۆرۈپ ئىچ - ئىچىمدىن ئېزىلىپ تېخىمۇ بەكرەك يىغلاپ كەتتىم.
     ۋاي ئاكام،... مەن دۇنيادىكى ئەڭ بەختسىز ھەم بىچارە كىشى سۈپىتىدە بارلىق ئاۋازىم بىلەن ھازا ئاچتىم، ئارمان بىلەن كەتكەن ئاكام، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى دەپ كەتكەن ئاكام...
    سەن كارىۋات ئۈستىدە جىمجىت ياتاتتىڭ... ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىش قانداق مۇكاپاتتۇ؟!... ئىنسانىيەت نېمىشقا ئۆزىنىڭ رەزىل چۈشىنى كۆرۈۋېرىدىغاندۇ؟!... سەن ئىككىنچى قېتىم ئۆلۈپ كېتىۋاتاتتىڭ. مەنمۇ ساڭا قوشۇلۇپ ئىككىنچى قېتىم ئۆلۈپ كېتىۋاتىمەن دەپ ئويلىدىم تەرەپ - تەرەپلەرگە تۇتاشقان ئازابلار ئىچىدە ئۈزلۈكسىز كىچىكلەۋېتىپ.
     شۇنداق، مەن يەنە ئۆلۈپ كەتتىم، ئۇكام، تولىمۇ مەيۈس ھالدا شۇنداق دەۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى، بۇنداق ياشىغان ئادەم سانسىز قېتىم ئۆلىدۇ.
    ئۆزۈمدىن ئۆزۈم ھەيران قالدىم. مەن ۋارقىراۋېتىپ ئويغىنىپ كەتكەنىدىم. ئۆيۈمدىكى خاس ياتاق ئۆيۈمدە ياتاتتىم. ئەتراپتا مەندىن باشقا ئادەم كۆرۈنمەيتتى. بېشىم ھەدەپ تۇمان قوينىدا ئايلىنىۋاتاتتى. خېلى ۋاقىت خىيال سۈرۈپ يېتىپ كەتتىم. چۈش كۆرگەنلىكىم ئېنىق ئىدى. ياستۇقۇم چىلىق - چىلىق سۇ بولۇپ كەتكەنىدى. يوتقان - كۆرپىلەرمۇ قالايمىقان تۇراتتى. دېرىزە كۆزنەكلىرىدىكى قاراڭغۇلۇق قېتىدىن يەنە بىر نەمخۇش سەھەر تەستە كېلىۋاتاتتى.
    چىراغنى يېقىپ چوڭ تاش ئەينەك ئالدىغا كەلدىم. ئەينەكتە كۆزلىرى كۆپ يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن بىرسى تولىمۇ سۇس روھىي كەيپىيات ئىچىدە قاراپ تۇراتتى. ئاشخانا ئۆي تەرەپتىن ئانامنىڭ دۇئا - تىلاۋەت ئىچىدىكى پىغانلىق ئاۋازى كېلەتتى. ئۇ سەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن جاينامازدىن قوپقىلى ئۇنىماي كۆپ يىغلايدىغان بولۇپ قالغانىدى. كاللامدا يەنىلا چۈشتىكى مەزمۇنلار كېزىپ يۈرەتتى. بۇ كېچە مەن تۇغۇلغاندىن بېرى يەنە بىر قېتىم ئۇزۇن چۈش كۆرگەنىدىم... مەن نېمىشقا بۇنداق ئۇزۇن چۈش كۆرىمەن؟!...
     يىغلىدىڭمۇ نېمە؟ بالام؟ ئانام كۆزلىرىمدىن گۇمانلىنىپ قالدى.
     كۆزۈمگە بىرنەرسە كىرىپ كەتتى، مەن ئانامغا يالغان ئېيتتىم. چۈشۈمنى ئۇنىڭغا ئېيتماسلىق قارارىغا كەلگەنىدىم. چۈشۈم ئۇنى ئازابلاپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى. بۇ مەڭگۈ ئاشكارىلانمايدىغان چۈش بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۆتەر يولۇمدىكى قەبرىستانلىقتىكى قەبرەڭ يېنىغا ئاستا كەلدىم. خىلمۇخىل قەبرىلەر تولىمۇ سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. ئىچىدە سەن مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن قەبرەڭگە خېلى ئۇزۇن جىمجىت قاراپ قالدىم. ھەي...ي، ھايات مەڭگۈلۈك بولمىغان بىلەن ئۆلۈم مەڭگۈلۈك بولىدىكەن. كۆزۈمگە يەنە ياش كەلدى. مەن سۈكۈت ئىچىدىن قايتىپ چىقىپ روھىڭغا ئاتاپ دۇئا قىلدىم - دە، قەبرەڭ يېنىدىن قىيمىغان ھالدا ئايرىلدىم. قەبرەڭ يېنىدا مەن چېچىپ قويغان بۇغداي دانلىرى قالغانىدى...
     ۋاي بالام... ۋاي بالام...
    يېنىمدىن چاچلىرى ئۆسۈپ چاڭگىلىشىپ كەتكەن، كىيىملىرى جۇل - جۇل بىر بوۋاي ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە ئۆتتى. ئۇنىڭ ئاۋازى ئارانلا  چىقاتتى.
     ئۇنىڭ ئوغلىنى بىرسى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ، يېنىمدىن بىر ئەر ئايالغا شۇنداق دەپ ئۆتۈپ كەتتى. يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ قالدى. بىردىنلا ئۆيىمىزدە قالغان دادامنى ئەسلەپ قالدىم.
    ئالدىمدىكى ئادەملەرنىڭ بىرلىرىنىڭ چىرايىدىن غەمكىنلىك، بىرلىرىنىڭ چىرايىدىن تەبەسسۇم، بىرلىرىنىڭ چىرايىدىن مۇغەمبەرلىك چىقىپ تۇراتتى. بىردىنلا ئۇلارنىڭ ئوي - خىياللىرىنىڭ تولىمۇ غەلىتىلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم. ئۆزۈمنى تولىمۇ يېگانە سەزدىم. كۆزۈمدىن يەنە بىر تامچە ياش ئاستا سىرغىپ چۈشۈپ كەتتى... ئەڭ يېقىن ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالغان يېگانە يولۇچى...
    يوقلىما دەپتەردىن ئىسمىڭنىڭ چاقىرىلمىغانلىقى، بۇ مېنىڭ ئازابىم!... كىيىمىڭ نېمە ئۈچۈن ئۈستۈمگە چىقىپ قالىدۇ؟... بىردىنلا ئۆزۈمنى ساڭا ئايلىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ قالدىم... ياشىغانلىرىڭنىڭ ئەبەدىي ئۇنتۇلماس بىر چۈشكە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىسام، ئۆزۈمنى بېسىۋالالماي بۇقۇلداپ يىغلايمەن...
     مەن ئۆلۈپ كەتتىم، ئۇكام!...
    ئۆلگەنلەر ئۆلۈپ كەتكەن بولىدىكەن، ياشىغانلار ياشاۋېرىدىكەن. ئاسمان قېتىدىكى يېگانە تورغايغا ئايلىنىپ يىراق - يىراقلارغا كەتكۈم كېلىدۇ... ئانام ياش مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزىدە ئۆيدىكىلەر بىلەن ئوپچە چۈشكەن سۈرىتىڭدىكى تەبەسسۇم لەيلەپ تۇرغان ھالىتىڭگە قاراپ تۇرىدۇ. كۆزىدىن بىر تامچە ياش ئاستا سىرغىپ چۈشىدۇ... چىرايلىق سۈرىتىڭ... ئالدىمدا پەقەتلا گەپ قىلىپ بەرمەي قاراپ تۇرىدۇ. لېكىن ئۇ يەنە مەن بىلەن خۇشاللىق ھەم ئازاب ھەققىدە سۆزلىشىۋاتقاندەك قىلىدۇ... ئانام بەختىمنى تىلەپ دۇئا قىلىۋاتىدۇ. كۆزىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلۇۋاتىدۇ... قاراپ تۇرغان سۈرىتىڭ... ھەممىمىز ئۇنىڭغا قارايمىز... سەن چوقۇم ئەۋلىياغا ئايلىنىپ كەتتىڭ. بۇنىڭدىن بىزار بولۇپ ناھايىتىمۇ يىراق يەرلەردە يېڭىدىن ياشاپ يۈرىسەن... سەن يەنىلا يېنىمدا خىيالچان قاراپ تۇرىسەن. خىيالىمدا سەن بىلەن توختىماي مۇڭدىشىمەن... دېرىزە ئالدىدىكى سولاشقان گۈللەر!... كۆزلىرىمدىن يەنە بىر تامچە ياش ئاستا سىرغىپ چۈشىدۇ...
    شۇنىسى ئېنىق، سەن ھامان ئىشىكتىن كىرىپ كېلىدىغاندەك تۇيۇلىسەن، شۇنداق سالماق قەدەم تاشلاپ كىرىسەن. بەخت ئىچىدە شادىمان كۈلۈمسىرەيسەن. قولۇڭ كۆكسۈڭدە بىزگە ئىللىق سالام قىلىسەن. بىزمۇ ئىللىق سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز. لېكىن شۇ چاغدا يەنىلا يىغلاپ تاشلىماي قويمايمىز!...
    ... ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولسۇن، قەدىرلىك ئاكا!... ماڭا يېنىمدىلا تۇرغاندەك بىلىنىسەن. سەن بىلەن داۋاملىق سۆزلىشىمەن...

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئادىلجان تۇرسۇن , قېرىنداش
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-18 19:05:20
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 210
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证