تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› ئابدۇرېھىم مۇھىتى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    YusufAhmad
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11115
    584042474@qq.com
    584042474
    يازما سانى : 245
    باھا يازما سانى : 2
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2009-4-6 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئابدۇرېھىم مۇھىتى

    ئابدۇرېھىم مۇھىتى


       ئابدۇرېھىم مۇھىتى موسۇل مۇھىتىنىڭ ئۇچىنچى ئوغلى بولۇپ، 1912 ـ يىلى تۇرپان ئاستاندە تۇغۇلغان. 1918 ـ يىلىدىن 1924 ـ يىلىغىچە ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن. 1932 ـ يىلى مەخسۇت مۇھىتى، مۇھمۇت مۇھىتىلار باشچىلىقىدا قوزغالغان تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. قوزغىلاڭچى قوشۇن بىلەن بىللە قانلىق جەڭلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، مەھمۇت شىقاڭ ۋە جوجىنىياز ھاجىلار بىلەن بىللە قەشقەر شەھىرىگە بارغان، 1934 ـ يىلى مەھمۇت شىجاڭنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن بىر تۈرمۈ ياشلار قاتارىدا ئۆزبېكىتان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىگە بېرىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ مەمۇرىي ھوقۇق فكۇلتېتىدا ئىككى يىل ئوقۇپ، 1936 ـ يىلى7 ـ ئايدا ئوقۇشنى غەلىبىلىك تاماملاپ، چۆچەك ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن. ئۈرۈمچىگە كەلگەندە شېڭ شىسەي ئۇنى ئۆلكىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان. ئابدۇرېھىم مۇھىتى ئۆلكىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە خىزمەت ئىشلىگەن مەزگىلدە ھەققانىيەتنى ياقىلاپ، ۋەتەنپەرۋەر كۈلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى زورايتىش، ئەكسىيەتچىلەرگە قارشى تۇرۇش جەھەتلەردە ئاكتىپ خىزمەت قىلغان.
       1939 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۈرمىگە قامالغان. تۈرمىدە غېنى باتۇر بىلەن بىر مەزگىل بىر كامېردا ياتقان. 1944 ـ يىلى تۈرمىدىن چىقىپ ئانا يۇرتى تۇرپان ئاستانىگە قايتىپ كېلىپ، ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرغان.
       1947 ـ يىلى ئاكىسى ئابدۇراخمان مۇھىتى باشچىلىقىدا تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، سىڭگىم ئېغىزىدا ئېلىپ بېلىغان كەسكىن جەڭگە قاتناشقان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن پارتىزانلار بىلەن بىرلىكتە يول بويى قانلىق جەڭلەرنى قىلىپ، 1947 ـ يىلى8 ـ ئايدا شۇ چاغدىكى شىنجاڭ مىللىي ئىنقىلابىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىگە يېتىپ بېرىپ، مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى بولغان.
       ئابدۇرېھىم مۇھىتى 1949 ـ يىلى ئاستانىگە قايتىپ كېلىپ، سودا قىلىش ۋە لەنجۇ شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان تۇغقىنى ئابدۇخالىقنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن تۇرپاننىڭ قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ لەنجۇغا بارغان. بۇ دەل جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغۇچى قىسىملىرى لەنجۇغا يېتىپ كەلگەن چاغ بولۇپ، بۇنىڭدىن خوشال بولغان ئابدۇرېھىم مۇھىتى ئىككى ماشىنا (تەخمىنەن يەتتە توننا) قۇرۇق ئۈزۈمنى ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن ھال سوراپ تەقدىم قىلغان. 1951 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە لەنجۇ شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.
        1952 ـ يىلى ئەتىيازدا تۇرپان ئاستانىگە قايتىپ كەلگەن بۇ ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش، سىنىپى تەركىب ئايرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چاغ بولۇپ، خىزمەت ئەترىتى ئابدۇرېھىم مۇھىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ئۇنى «ۋەتەنپەرۋەر زىيالىي»دەپ بېكىتكەن.
       ئابدۇرېھىم مۇھىتى 1952 ـ يىلىدىن1956 ـ يىلىغىچە ئاتىسى مۇسۇلباي سىڭگىم ئېغىزىدا قۇرغان پاختا ئايرىش زاۋاۇتىنى باشقۇرغان. 1956 ـ يىلى سەيپىدىن ئەزىزى ۋە ئابدۇراخمان مۇھىتىلار تۇرپانغا خىزمەتكە كەلگەندە سىڭگىم ئېغىزىدىكى مۇسۇلباي پاختا زاۋۇتىغا بېرىپ ئابدۇرېھىم مۇھىتىنى ئالاھىدە يوقلاپ ھال سورىغان. بۇ دەل سودا ـ سانائەتنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان چاغ ئىدى. ئابدۇراخمان مۇھىتى ئابدۇرېھىم مۇھىتىغا پاختا زاۋۇتىنى شۇ چاغدىكى ئۇمۇمى مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىگە ئاۋاز قوشۇپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىگە پاي قىلىپ قوشۇش تەكلىپىنى بەرگەن. ئابدۇرېھىم مۇھىتى بۇنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان. شۇ چاغدىكى ئاستانە، قاراغوجا يېزىلىرى بويىچە ئەڭ چوڭ ھېسابلىنىدىغان بۇ پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى 5000 پاي باھالىنىپ تۇرپان ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىگە قوشۇۋېتىلگەن. ئابدۇرېھىم مۇھىتى شىركەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1958 ـ يىلى سول لۇشيەننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ شىركەتتىن بوشىتىلغان.
       1958 ـ يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئابدۇرېھىم مۇھىتى تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغاندا سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. ئابدۇرېھىم مۇھىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئىشسىز قالغانلىقىنى ئۇققان سەيپىدىن ئەزىزى ئۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شىركىتىنىڭ مال سېتىش ماگىزىنىغا پرىكازچىكلىققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان. ئۇ بۇ خىزمەتنى كىچىك كۆرمەي، بىجانىدىل ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقى، خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە ئەلا مۇلازىمىتى بىلەن خىزمەتداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.
       1962 ـ يىلىدىكى ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاش، كادىرلارنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش دولقۇنىدا ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ، ئانا يۇرتى تۇرپان ئاستانىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ ئاستانىدە ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە قاتنىشىش بىلەن بىرگە ئاتىسى موسۇلباي ۋاقتىدا بەرپا قىلىنغان «چوڭ باغ»دەپ ئاتىلىدىغان باغقا كۆچۈپ بېرىپ، باغنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يېڭى مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 1972 ـ يىلى 7 ـ ئايدا رېماتىزم كېسىلى بىلەن  تۇرپان ئاستانىدە ۋاپات بولغان، ئۇنىڭ جەسىتى ئاۋات قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

     

    - ئەنۋەر ئابدۇگۈل، يالقۇن روزىلار يازغان ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «مۇھىتىلار جەمەتى» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-15 0:35:06
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 310
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证