تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   بىلىۋېلىڭ ›› ئىقتىسادى خەۋەرلەر ›› 2010-يىللىق ›› خېۋلېت پەككارد (HP) شىركىتى Palm نى سېتىۋالدى
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
خېۋلېت پەككارد (HP) شىركىتى Palm نى سېتىۋالدى
Biliwal
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 14
biliwal@qq.com

يازما سانى : 162
باھا يازما سانى : -1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى كومپىيۇتېر ۋە قوللىنىشچان قاتتىق دېتاللار ساھەسىدىكى مۇھىم شىركەت بولغان خېۋلېت پەككارد (HP) ئىقتىدارلىق قول تېلفون ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە ئەمدىلا كىرگەن ، ئەمما تەسىر كۈچى زور بولغان يەنە بىر شىركەت پالم(Palm) نى بىر مىلىيارد 200مىلىيۇن دوللارغا سېتىۋالدى. ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىگەللىشىچە سېتىۋېلىش كېلىشىمىدە خېۋلېت پەككارد (HP)ھەر بىر پاينى 5.7 دوللاردىن سېتىۋېلىش شەكلى بىلەن، پالم(Palm)نىڭ ھازىرقى باش ئىجرائىيە مۇدىرى جون روبىنىستېين Palm دا داۋاملىق قېلىش شەرتى ئاستىدا نەق پۇل چىقىرىپ Palm نى قوشۇۋالغان. نۆۋەتتە بۇ سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىككى تەرەپ پايچىكلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن.
    سېتىۋېلىش خىزمىتى 7-ئايدا تاماملىنىدىغان بۇ چوڭ سودا خېۋلېت پەككارد (HP)شىركىتىنىڭ پايچېكىنى بىر نەچچە پوئنت ئۆرلەتكەن بولسىمۇ ئەمما Palm نى سېتىۋېلىش مەقسىدىدە ئىپادە بىلدۈرگەن جۇڭگۇ بىرلەشمە ئالاقە گۇرۇھى، خۇاۋېي، جۇڭشىڭ قاتارلىق جۇڭگۇ كارخانىلىرى پايچېكىنى قولدىن چىقىرىش جەريانىدا تېخىمۇ چوڭراق پايدىغا ئېرىشكەن. تەھلىلچىلەر تېخى ئەمدى پەقەت ئىككى خىللا ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلفون ئىشلەپ چىقارغان Palm غا نىسبەتەن بۇ باھانى بىر ھەسسە قىممەت بولۇپ كەتتى دەپ قاراش بىلەن بىللە يەنە خېۋلېت پەككارد (HP)نىڭ پالم(Palm) نى سېتىۋېلىشىدا بەش خىل سەۋەپ بار دەپ قارىدى.
    1. نۆۋەتتە خېۋلېت پەككارد (HP)قول تېلېفون ساھەسىدىكى مۇھىم سېستىما Windows Phone 7 سېستىمىسىنىڭ قوللىغۇچىسى شۇنداقلا مۇھىم چوڭ خېرىدارى بولسىمۇ Windows Phone 7 ئاساسلىقى كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرىگە قارىتىلغانلىقتىن، ئاساسى تىجارىتىنى شەخسلەر ئىستىمالىغا قاراتقان خېۋلېت پەككارد (HP)پالم(Palm)نى سېتىۋېلىش ئارقىلىق شەخسلەر ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفون ساھەسىدىكى ئورنىنى تىكلىمەكچى بولغان.
    2. پالم(Palm) ئىشلىتىۋاتقان webOS مەشغۇلات سېستىمىسى خۇددى روبىنىستېيىن لايىھەلىگەن يەنە بىر مەھسۇلات IPhone نىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىغا ئوخشاشلا كۆركەم، ئىقتىدارلىق ۋە جەلپ قىلارلىق بولۇپ ئۇنىمۇ خۇددى IPhone نى IPad كە تەدبىقلىغانغا ئوخشاش تەكشى يۈزلۈك ئالقان كومپىيۇتېرى شەكلىدىكى شەخسلەر ئىستىمالى بازىرىغا كېڭەيتكىلى بولىدۇ.
    3. Palmنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق HP بىر تۈرلۈك نوپۇزلۇق، ئىستىقباللىق ئەمما زور كۈچى بولمىغان رەقىبىنى بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرۇپ ، قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال، پاتنىت ۋە تالانلىق خزمەتچىلەر قوشۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلفون بازىرىغا ئېرىشدۇ.
   4. ھەر ئىككى شىركەت كالىفورنىيەدىكى كىرىمنى جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ يۇقىرى قاتلام خادىملىرى دائىم بېرىش كېلىش قىلاتتى، بۇ كېيىنكى بىرلىشىكە ناھايىتى پايدىلىق.
   5. خېۋلېت پەككاردنىڭ 14 مىلىيارد دوللار نەق پۇل زاپىسى بار، بىر مىلىيارد 200مىلىيۇن دوللار ھىچ گەپ ئەمەس، يەنە كېلىپ بۇ پۇلغا پالم دەك بىر ئىستىقباللىق ، تەسىرى بار شىركەتنى سېتىۋېلىش تامامەن چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش..

مۇھىم خەتكۈچلەر : سېتىۋالدى , HP , Palm
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-7-14 18:27:10 باھا : 0 كۆزىتىش : 575
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证