مەن كەلدىم
مەن كەلدىم
ئىنىڭ ئىچىدىن
شۇ چوڭقۇرلۇقتىن
يەتكىلى بولمايدىغان ئۈچ قارا پەردە ئىچىدىن
مەن كەلدىم
سىنىڭ يېنىڭدىن ئۆتتۈم
ئۇنىڭ يېنىنى كۈتتۇم
بىر توپ ئىچىدە تۇرۇپ خۇددى قاراڭغۇ كېچە تاڭ يورىغان چاغدا
بىردىنلا يىغلاپ قالغاندەك
يۈتتۇم
ئاجايىپ خىيالچان بىر ئاپەت
مېنى يىتىلەپ كەلدى بۇ تامان
مەن كەلدىم
كەلگەنلەر قاتارى
ھەي
ناكەس رېياللىق
مېنى ئۇرۇپ كەتمە
مېنىڭ كېلىشىم
سېنىڭ نابۇت بولغىنىڭ ئەمەس
يىراق بىر يەردە
بەلكىم سەن مېنى كۆردۇڭ.
ھەي ناكەس
مېنى ئىتتىرىۋەتمە
مېنىڭ كېلىشىم
سېنىڭ ياشىشىڭ ئۈچۇن