ئامېرىكىنىڭ ئون چوڭ قەرز ئىگىسى قايسىلار ؟
2010-يىلى6-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ گېزىتى
ئامېرىكىنىڭ زايومى ئامېرىكا قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتى زايوم سېتىۋالغانلارغا قەرز بولغان مەبلەغنى كۆرسىتىدۇ، ئامېرىكا زايومى ئامېرىكىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلاردىن سىرت يەنە باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغىمۇ سېتىلىدۇ. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكىنىڭ چەت ئەلدە سېتىلغان دۆلەت زايومىنىڭ %40ى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ قولىدائىكەن.
2010 – يىلى 3 – ئايدا ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ بولىدىكى زايومى 3 تىرىليون 884 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن. ئامېرىكا زايومىنى سېتىۋېلىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئون دۆلەت ۋە رايون تۆۋەندىكىچە: جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى 895 مىليارد 200 مىليون دوللار، 23.04% نى ئىگىلەيدۇ ؛ ياپونىيە 784 مىليارد 900 مىليون دوللار، 20.21%نى ئىگىلەيدۇ؛ ئەنگلىيە (چاننېل تاقىم ئارىلى ۋە مائىن ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 279 مىليارد دوللار، 7.18% نى ئىگىلەيدۇ؛ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى(ئېكۋادور، ۋېنېزۇئېلا، ھىندونېزىيە، بەھرەيىن، ئىران، ئىراق، كۇۋەيت، ئومان، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئالجىرىيە، گابون، لىۋىيە ۋە نىگېرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 229 مىليارد 500 مىليون دوللار، %5.91نى ئىگىلەيدۇ؛ بىرازىلىيە 164 مىليارد 400 مىليون دوللار، %4.23نى ئىگىلەيدۇ؛ جۇڭگو شياڭگاڭ رايونى 150 مىليارد 900 مىليون دوللار ، %3.88 نى ئىگىلەيدۇ ؛ كارىب بانكىسى مەركىزى (باھاما، بېرمۇدا تاقىم ئارىلى، كايمان تاقىم ئاراللىرى، گوللاندىيەگە قاراشلىق ئانتېللېس، پاناما ۋە ئەنگلىيەگە قاراشلىق ۋىرگىن تاقىم ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 148 مىليارد 300 مىليون دوللار، %3.82نى ئىگىلەيدۇ؛ جۇڭگو تەيۋەن رايونى 124 مىليارد 800 مىليون دوللار، 3.21%نى ئىگىلەيدۇ؛ رۇسىيە 120مىليارد 100 مىليون دوللار، 3.09%نى ئىگىلەيدۇ، ليۇكسېمبۇرگ 84 مىليارد 600 مىليون دوللار، %2.18نى ئىگىلەيدۇ.
ئۆتكەن نەچچە يىلدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكا زايومىنى سىجىل سېتىۋالدى. لېكىن، ئامېرىكىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ئىلكىدىكى ئامېرىكا زايومىنى توختىماي ساتتى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئامېرىكا زايومىنى سېتىۋالماسلىقىغا ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ كىشىلەرنى جەلپ قىلالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقى سەۋەب بولغان. بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكا زايومىنى سېتىۋېلىشتا ئامېرىكا زايومىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى كۆزلىمەستىن، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا ئايرىۋاشلىنىش نىسىبىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېكسپورت كەسپىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن ھۆكۈمەت تارمىقى پاراۋانلىق تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنمىسا، ھۆكۈمەتنىڭ باج كىرىمى 2030 – يىلىدىن 2040 – يىلىغىچە بولغان پاراۋانلىق چىقىمىغا يەتمەسلىكى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى. 2009 – يىلى 12 – ئايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما دۆلەت مەجلىسى ماقۇللىغان ئامېرىكا زايومىنىڭ سېتىلىش چېكىنى ئۆستۈرۈشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قەرزدارلىق يۇقىرى چېكىنى 290 مىليارد دوللاردىن 12 تىرىليون 400 مىليارد دوللارغا كۆپەيتتى.
«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دىن