تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› قۇرغاقچىلىق(سىدىقجان غوپۇر)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى
    قۇرغاقچىلىق(سىدىقجان غوپۇر)

    -سۇ
    -سۇ
    قۇرۇپ كەتتى
    شورلۇشۇپ كەتتى
    ئاياغ ئاۋازىمنى يۈتىۋەتكەن زىمىن.
    يىغلىماقتا تۇپراق
    بۇغدايلىرىمنىڭ پۈكۈلدى تېزى...

    تۈكۈلمەكتە بىر تالدىن ياپراق

    كۆمۈلۈپ كەتتى ھاياتلىق ئىزى...

     

    -سۇ

    -سۇ

    يىغلاپ كەتتى قەلىب ئېتىزى

    سۇ نەلەردە يۈرىدۇ سەرسان

    غەمسىز ئۈزۈپيۈرىدۇ بولۇت

    گىدەيگەنچە تۇرىدۇ ئاسمان

     

    سۇ

    سۇ ئىچمىگىلى ئەسىرلەر بولۇپتۇ.

    ئۇھ،

    شورلۇق قەلىبلەر

    سۇ ئېزدىمەكتە ئىنسانلار قەلبى

    دېڭىزلاردا سادا يوق

    دەريالاردا بىلىق ياتىدۇ

    ئۆلۈپ كەتكەن روھىنى سۆرەپ...

     

    -سۇ

    -سۇ

    قۇرۇپ كەتتى ھەممە نېمىلەر

    قۇرۇپ كەتتى ئىنسانلار قەلبى.

     

    تۇپراق-بۇغداي

    دەرەخ-ياپراق

    ئادەم قەلىب

    قۇرۇپ كەتتى ھەممە-ھەممىسى...

     

    ئۇھ،

    سۇ ئىچكىم كەلدى

    سۇ ئىچمىگىلى ئەسىرلەر بولدى...



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-6-3 17:58:44
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 313
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证