تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› مىجىت ناسىرغا خەت(قاينامى)
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
مىجىت ناسىرغا خەت(قاينامى)
kaynami
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 40
kaynami@163.com
1471648165
يازما سانى : 10
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

مىجىت ناسىرغا خەت

 

سۇغا چىقىمەن

قولۇمدا چېلەك

سۇنۇق ئەپكىشىم يىغلاپ قالار تونۇر بېشىدا

سۇغىرىمەن گۈللەرنى

تاڭغىچە يامغۇردىن تىلىگەن سۇدا

ئاندىن ماڭىمەن ئۆيۈمگە

يوقلۇق دەپ ئاتالغان تىلدا

 

سەھەرنىڭ سۈزۈك پەردىلىرىدە

يېزىقنىڭ ياپيېشىل كىيىملىرىدە

ئاۋازىڭىزنىڭ ناتونۇش دىيالۇگىدا

كۆرىمەن كۆزلىرىڭىزنى كۈلۈپ تۇرغان

سېزىمەن قولۇمنى تۇتقان بىر قولنىڭ

يېنىككىنە تىترەشلىرىنى

ئارىمىزدا بىر دەرت ئاھ ئۇرغان...

 

سىز تېرىغان بۇغدايلار

كىردى ئەمدى ئورما پەسلىگە

بىزلەر ئەمدى خامانلار ئارا

قوللىرىمىزدا تۆمۈر ۋە ياغاچ ئارا

چۆرگىلەيمىز چەمبەرلەرنى كۈن ئولتۇرغىچە

ناخشا توۋلايمىز ئاي چىققۇچە

كۈتىمىز تاڭنى قېرىپ كەتكۈچە،ئۆلۈپ كەتكۈچە...

 

ئېتىزلارنى ئارىلايمەن

كۆرىمەن سانسىز سىزنى

ئۆلگەن دەرەخلەرنىڭ ئاياغلىرىدا...

 

تاغلارغا چىقىمەن

يۈكسەكلىكنى كۆرىمەن،سىيلايمەن

ياش تۆكىمەن

ئۇچۇۋاتقان قۇشلارغا قاراپ

توزۇۋاتقان قىزىل گۈللەرگە تاراپ

سۇ بولىمەن،بارىمەن،بارىمەن...

 

ئويلايمەن ئاتىلارنى،ئاكىلارنى،تەڭتۇشلىرىمنى

تېرىپ يۈرگەن سۆڭەكلەرنى قەبرىلەردىن

ئانىلارنىڭ كۆز يېشىدا ئۇزۇن دەريا

ئىگەم بىزنى كۆكلەتكەيسەن سەبرىلەردىن

 

مىنگەن ئېتىم كۆرەڭ قاشقا

ئەمما مېنىڭ ئىسمىم باشقا

چىقاي دېسەم تاغ-دالىغا

بېشىم تېگىپ كېتەر تاشقا

چۈشۈم سىزنى چاقىرىدۇ:

مىجىت ئاكا،مىجىت ئاكا...

 

قان ئالدۇرغىلى بارسام

سېستىرالار كۆتۈرۈپ چىقار

جادۇلارنى قان تېمىپ تۇرغان

قاچىمەن  قولۇمدا قۇپقۇرۇق چېلەك

ئۆيۈمگە يوقلۇق دەپ ئاتالغان...

2010.05.28

 

 

 

 

 

 

[admin تەستىقلىدى . 2010-5-28 19:25:53]

مۇھىم خەتكۈچلەر : قاينامى , مىجىت ناسىر
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-5-28 16:32:33 باھا : 0 كۆزىتىش : 180
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证