تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمئيەت ›› مىللەت ›› باۋئەن مىللىتى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Biliwal
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 285
    biliwal@qq.com

    يازما سانى : 170
    باھا يازما سانى : -1
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-9-23 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    باۋئەن مىللىتى

    باۋئەن مىللىتى ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىدىغانلىقى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى يەرلىك خۇيزۇلارغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن يەنە « باۋئەن خۇيزۇلىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1950-يىلى مىللەت نامى باۋئەن دەپ بېكىتىلگەن. باۋئەن مىللىتى ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ چىڭخەي ئۆلكىسى بىلەن چېگرىلىنىدىغان، 1981-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى قۇرۇلغان جىشىشەن باۋئەن-دۇڭشياڭ- سالا ئاپتونوم ناھىيىسىدىكى داخىجيا، ليېجى ئەتراپىغا جايلاشقان. نوپۇسى 15 مىڭدىن ئاشىدۇ. (2000-يىلىدىكى بەشىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى) باۋئەن مىللىتى جۇڭگۇدىكى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان ئون مىللەتنىڭ بىرسى بولۇپ باۋئەنلەرنىڭ 95% ئاھالىسى ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبىگە ئىشىنىدۇ.

      باۋئەن تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسى موڭغۇل تىل ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ، دۇڭشاڭ تىلىغا ئوخشاپ قالىدۇ. باۋئەن مىللىتىنىڭ نوپۇسى ئاز بولغانلىقتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مىللى مائارىپ ۋە مەتبۇئاتى بولماي پەقەت دىنى مائارىپقىلا تايىنىپ ئەرەب تىل-يېزىقىنى ئىشلەتكەن، ئۆزىنىڭ يېزىقى يوق ئىدى. ھازىر ئۇلار ئاساسەن مائارىپ ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا خەنزۇ تىل-يېزىقىنى قوللانغاندىن باشقا دىنى تۇرمۇشىدا يەنىلا ئەرەب تىل يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ.

      باۋئەن مىللىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە يازما خاتىرىلەر بەك ئاز ۋە يېقىنقى زامانلاردىنلا باشلانغان بولۇپ، باۋئەنلەرنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان موڭغۇللار دەيدىغان قاراش بار. بۇنىڭغا باۋئەنلەرنىڭ تىلىدىن باشقا يەنە موڭغۇللارغا ئوخشاش كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلىرىنىڭ ئادەتلىرى بولۇشى سەۋەپ بولغان بولۇشى مۈمكىن، مەسىلەن، باۋئەنلەر چېلىشىشنى، ئاتقا مىنىپ ئوقيا ئېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. باۋئەنلەرنىڭ قول ھۈنەرچەنچىلىكى تەرەققى قىلغان بولۇپ ھەر خىل نەقىشلەر چۈشۈرۈلگەن باۋئەن پىچىقى گەنسۇ چىڭخەيدىكى قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا ناھايىتى داڭلىق.
        باۋئەن مىللىتىنىڭ كىيىم كېچىكى خيزۇلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئاياللىرى ياغلىق ئارتىدۇ، ئەرلىرى دوپپا كىيىدۇ.
        باۋئەنلەر يىمەكلىكتە  گۈرۈچ، ئۇن تامىقىنى ئاساس قىلىدۇ، باۋئەن مىللىتىنىڭ بايراملىرى ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىدىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭكىگە ئوخشاش، ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ قۇربان ھېيت، روزا ھېيتلارنى ئۆتكۈزگەندىن باشقا يەنە مەۋلۇد بايرىمىنىمۇ مۇھىم بىلىپ ئۆتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ روزا ھېيتتا ئۆيمۇ ـ ئۆي ساڭزا، قۇيماق پىشۇرىدۇ. باۋئەنلەر ئادەتتە ئىسلام كالىندارى بويىچە «جۈمە» كۈنىنى تاللاپ، قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى , موڭغۇل ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-5-20 1:15:25
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 744
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证