جامېس جويىس)1882-1941( ئېرلاندىيىلىك دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە كاتتا يازغۇچى، شائىر. دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە «ئەدەبىيات ئۇستازى» دېگەن ھۆرمەتلىك نامغا ئىگە؛ «ئاڭ ئېقىمى»نىڭ مەشھۇر ۋەكىلى جامېس جويىسنىڭ «يولشىس» ناملىق نادىر رومانى يېزىلغان 80 يىلدىن بۇيان «دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك ئەسەرلەر» قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. يەنە بۇ رومان 1998-يىلى ئامېرىكىدا نيۇ-يورك نەشرىياتى ئۇيۇشتۇرغان «20-ئەسىردىكى ئەڭ بۈيۈك ئەسەر»نىڭ تىزىملىكىدە دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان. يازغۇچىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا «ياش سەنئەتكارنىڭ پورترېتى» (1919-يىل) ناملىق رومانى، «دۇبلىنلىقلار» (1914-يىل) ناملىق ھېكايە توپلىمى ۋە باشقا شېئىر، درامىلىرى بار.
جامېس جويىس 1882-يىلى ئېرلاندىيىنىڭ پايتەختى دۇبلىندا تۇغۇلغان، دادىسى دىن تەتقىقاتىغا قىزىقىدىغان ئادەم بولغاچقا، ئۇنى كىچىكىدىنلا كاتولىك دىنى بويىچە تەربىيىلەشكە كىرىشكەن. ئەمما، جامېس جويىس يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كاتولىك دىنىنىڭ بەزى تەرەپلىرىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان ۋە دىندىن قول ئۈزۈپ ئەدەبىياتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ كەتكەن. ئۇ 1898-يىلى دۇبلىن ئىنستىتۇتىغا كىرىپ پەلسەپە ۋە تىل ئۆگەنگەن؛ 1907-يىلىدىن باشلاپ شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1903-يىلى دۇبلىن جەمئىيىتىدىكى چاكىنا، مەنىسىز تۇرمۇشتىن ۋە ئېرلاندىيىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ، ئۆزى خالاپ «سەرگەردانلىق يولى»نى تاللىۋالغان ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كەتكەن. ئاساسلىقى پارىژدا ئولتۇراقلاشقان. دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە رومانى «يولشىس»نى دەسلىپىدە ئۆز ۋەتىنىدە، ئانا تىلىدا نەشر قىلدۇرالماي فرانسىيىدە تەرجىمە نۇسخىسىنى ئېلان قىلدۇرغان. يازغۇچى پارىژدا تۇرغان مەزگىلدە نۇرغۇن ئۇلۇغ يازغۇچىلارغا ئىلھام ۋە چىقىش يولى كۆرسىتىپ بەرگەن. داڭلىق يازغۇچى ئېزاپوندىنىڭ خالىس ياردىمىگە ئېرىشكەن. جامېس جويىس دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە باشقا ئۈچ ئۇلۇغ يازغۇچى بىلەن «ئاڭ ئېقىمى» ئەدەبىياتىنىڭ تۆت ۋەكىلى دەپ قارىلىدۇ. قالغان ئۈچ يازغۇچى ئەنگلىيە ئايال يازغۇچىسى ۋىرگىنىيە ۋۇلف («داۋېر خانىم» رومانىنىڭ ئاپتورى)، فرانسىيە يازغۇچىسى مارسېل پروست («سۇدەك ئۆتكەن يىللار»رومانىنىڭ ئاپتورى)، ئامېرىكا يازغۇچىسى ۋىليام فولكېنىر («شاۋقۇن ۋە غەزەپ» رومانىنىڭ ئاپتورى، 1949-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەمما، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاڭ ئېقىمى ئەدەبىياتىنىڭ تۇنجى باشلامچىسى جامېس جويىس. ۋىرگىنىيە ۋولفمۇ «داۋېر خانىم» رومانىنى جامېس جويىسنىڭ «يولشىس» ناملىق رومانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يازغان.