تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› فرانز كافكا ئىجادىيىتى ۋە مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتى(ئەركىن نۇر)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى
    فرانز كافكا ئىجادىيىتى ۋە مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتى(ئەركىن نۇر)

    فرانز كافكا ئىجادىيىتى ۋە مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتى
    ئەركىن نۇر
      

          فرانز كافكا 1883-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاۋىستىرالىيەدىكى پروگا شەھىرىدە ئوتتۇرا قاتلام يەھۇدى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئىرلاندىيە يازغۇچىسى جامىس جۇيىس (1882-1941)، ئەنگىلىيە يازغۇچىسى ۋىرگىنىيە ۋولف (1882-1941)، فرانسىيە يازغۇچىسى مارسىل فرۇسىت (1871-1922) قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە مۇدېنىزىم ئەدەبىياتىنى بەرپا قىلغان مۇھىم شەخس.

      

       فرانز كافكانىڭ دادىسى قاتتىق قول، خاراكتېرى ئۈستۈن، ھەممە ئىشتا ئۆزۈمنىڭ توغرا دەيدىغان، باشقىلارنىڭ تاللىشىغا ھەرگىز ھۆرمەت قىلمايدىغان سودىگەر ئىدى. ئانىسى بولسا ئاقكۆڭۈل، يۇۋاش ئائىلە ئايالى ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسى، ئۈچ سىڭلىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى قوغداپ قالالايدىغان ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى كىشىلىك قەدىر قىممىتىنى مۇھاپىزەت قىلغان ھالدا تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بۇ خىل ئائىلىۋى مۇھىت گۆدەك كافكانىڭ قەلبىدە ھاياتنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلغان يېتىمسىراش، ۋەھىمگە چۆكۈش، ئۈمىدسىزلىنىش، گاڭگىراش، بۇرۇختۇم بولۇشتەك خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن. بۇ خىل خاراكتېر ئۇنى كىچىدىكىدىنلا مول ھەم رەڭگارەڭ بولغان ئىچكى دۇنياغا غەرق قىلىۋەتكەن. ھېچقانداق نەرسە كاپالەتكە ئىگە بولمىغان رېئال دۇنيا ئۇنىڭغا قۇپقۇرۇق ھەم مەنىسىز بىلىنگەن.
    فرانز كافكا باشقا يەھۇدى بالىلارغا ئوخشاش نېمىس مائارىپى تەربىيىسىنى ئالغان. 1901-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ پراگا داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، دەسلەپتە نېمىس تىل-ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگەن. كېيىن دادىسىنىڭ زورى بىلەن قانۇن ئۆگىنىپ، قانۇن پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. 1906-يىلى داشۆنى پۈتتۈرۈپ قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش ئورنى، سوت مەھكىمىسى قاتارلىقلاردا ئىشلىگەن. قانۇننىڭ ساختا، ياسالمىلىقى ئۇنىڭ خىزمەت ئالماشتۇرۇشىغا سەۋەب بولغان. كېيىن شەخسىي ئىگىلىكتىكى بىر سۇغۇرتا شىركىتىدە ئىشلىگەن. 1908-يىلى 7-ئايدا يەنە بىر ئىش ئۈستىدە زەخىملەنگەنلەرنى سۇغۇرتا قىلىش شىركىتىگە يۆتكىلىپ بېرىپ، 1922-يىلى 7-ئايغىچە يەنى كېسەللىك سەۋەبىدىن خىزمەتتىن توختاپ قالغۇچە شۇ يەردە ئىشلىگەن. ئۇ 1924-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋىنادا 41 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
    فرانز كافكانىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىعا قوشقان عايەت زور تۆھپىسى ئۇ ھايات چېغىدا ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمىدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن «ئامېرىكا»، «سوت»، «قەلئە» قاتارلىق ئۈچ رومانى، كافكا ھېكايىلىرى ۋە خەت-چەكلىرىدىن تەركىب تاپقان «كافكا ئەسەرلىرى» نامىدىكى جەمئىي توققۇزتوم ئەسىرى نەشر قىلىندى.
    فرانز كافكانىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى يەھۇدىلارنىڭ ھايات ۋە پسىخىك كەچۈرمىشلىرى بىلەن ئىنتايىن زىچ باغلىنىشلىق. ئۇ بۇنداق ئۆزگىچە، مۇرەككەپ ھەم ئالاھىدە بولغان تېمىنى يورۇتۇپ بېرىشتە ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى، ئائىلىۋى كېلىپ چىقىشىنى، ئورۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلرىنىڭ جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنىنى، ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ھادىسىلەرنى بىرىنچى قول ماتېرىيال قىلىپ تاللىۋالدى. ھەربىر ئەسىرىدە ئۆزىنى يازدى، ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەپ بەردى. ھەتتا پىرسوناژلارنىڭ ئىسىملىرىغىچە ئۇنىڭ نامى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. فرانز كافكانىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇكىلىرى، ساۋاقداشلىرى، ئۇستازلىرى، دوستلىرى، خوجايىنلىرى، توي قىلماقچى بولغن قىزلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى پىرسوناژلارغا ئاساسىي ئەندىزە قىلىنغان. كافكا ياشىغان دەۋرنى، كافكانىڭ ئائىلىۋى ئەھۋالىنى، ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىگىلمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشەنگىلى ھەم چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.
    كافكا دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ئۆڭكۈر قۇشى» دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ بىر خىل قاراڭغۇ−زۇلمەت ئىچىدە ياشىيالايدىغان جانىۋار ئىكەن. فرانز كافكانىڭ بوۋىلىرى بۇ ئىسىمنى 1788-يىلىدىن تارتىپ قوللىنىپ كەلگەن. (ئەينى دەۋردە مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى ئىشلىتىشى قاتتىق چەكلەنگەن. ئۇلارغا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ھايۋانلارنىڭلا نامىنى فامىلە قىلىپ قوللىنىشقا ئىجازەت بېرىلگەن). كافكانىڭ «سەھرادىكى توي مۇراسىمى»، «شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرىسى»، «ئاكادېمىيىگە دوكلات»، «ئۆڭكۈر»، «يېزا مۇئەللىمى» دېگەن ئەسەلىرىدە يەھۇدىلارنىڭ ھاياتىدا ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىپ كېلىۋاتقان ئاشۇ خىل تراگىدىيەنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار مەسخىرە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. فرانز كافكا ياشىغان دەۋردە يەھۇدىلار ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ساقلاپ قالماقچى بولسا خىرىستىئان دىنىغا كىرمەي، يەرلىك مىللەت تىلىدا سۆزلىمەي ئامال يوق ئىدى. ئانا تىل كەمدىم كەم قوللىناتتى. فرانز كافكا ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدىكى نېمىس تىلىدا سۆزلەيدىغان يەھۇدى ئىدى. ئۇ دەل مۇشۇنداق مىللىي زۇلۇم چېكىگە يەتكەن دەۋردە چوڭ بولدى. ئىجتىمائىي مۇھىت ئۇنىڭغا خۇددى ئائىلىۋى مۇھىتتەك ئازراقمۇ ئىللىقلىق يەتكۈزەلمىدى. كافكا ئائىلىسى ئاشۇ جەمئىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى بۇ كىچىك دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى ئۆيدە بولسۇن، دۇككاندا بولسۇن ئادەم بار، يوق دېمەي ئائىلە ئەزالىرىنى ئاغزىغا كەلگەن قوپال گەپلەر بىلەن تىللايتتى. ئۇ دائىم دېگۈدەك ئائىلە ئەزالىرىغا ھەيۋە قىلىپ: «ھېلى بېكا بېلىقنى پارچىلىغاندەك قىيما-قىيما قىلىۋېتىمەن!» دەپ ۋارقىرايتتى. كافكا دائىم دادىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بىر مەغلۇبىيەتچىدەك، جىنايەتچىدەك ھېس قىلاتتى. دادىسىنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزىگە چىدىماق تەس بولغان مەسخىرە يوشۇرۇنغانىدى.
    كافكا كېيىنچە ئۆزىنىڭ تەقدىرى بىلەن ئىنسانلار تەقدىرىنىڭ  ئانچە پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. كافكا مەيلى ئائىلىدە بولسۇن، مەيلى جەمئىيەتتە بولسۇن ئۈزلۈكسىز تۈردە مەسخىرىگە ئۇچراۋاتقاندەك ۋەھىمىگە چۆكۈپ ياشايتتى. بۇ خىل روھىي كەيپىيات كېيىنچە ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىدىكى پىرسوناژلارنىڭ روشەن بەلگۈسىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ «ھۆكۈم» دېگەن ئەسىرىدە بۇنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلىدى.
    كافكانىڭ ئوقۇش ھاياتىدىكى ئۆگىنىش نەتىجىلىرى ئالاھىدە ياخشى بولسىمۇ يەنىلا ساۋاقداشلىرى ئالدىدا ئۆزىنى كەمسىتىشتىن ئىبارەت پسىخىك بېسىمدىن قۇتۇلالمىدى. ياتسىراش، ئۆزىنى كەمسىتىش، چىقىش يولى تاپالماسلىق ئۇنى خالىي بولغان ئىچكى دۇنياغا غەرق قىلىۋەتتى. كىتابلار دۇنياسى ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىلەن تەمىن ئەتتى. كافكا ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدا «گىرىم چۆچەكلىرى»، «ئاندېرسون چۆچەكلىرى»، «يۇنان ئەپسانىلىرى»، «ھومېر داستانلىرى»، «دانتى شېئىرلىرى» ۋە «داۋېن ئەسەرلىرى» بىلەن تونۇشۇپ چىقىپ ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى يېتىشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاستا-ئاستا ئەدەبىيات تۇپرىقىغا قەدەم قويدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ھەيۋەتلىك قەسىرلەر، سىرلىق قەلئەلەر، زوراۋان پادىشاھلار، تەكەببۇر ئەمەلدارلار ئاشۇ چۆچەك، ئەپسانىلەر دۇنياسىدىن كەلگەن. ئۇ بۇ دەۋرنى گىيوتى، شېللىر، سىلېنگىر، نېتزى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بېرىلىپ ئۆگەندى. ئېبسېن، ھوتمان قاتارلىقلارنىڭ دراممىلىرىنى كۆردى. چېخ، لاتىن، گىرىك تىللىرى ئۆگەندى. بىر قىسىم ئەسەرلەر بىلەن شۇ ئەسەر ئاپتورلىرىنىڭ ئانا تىلى ئارقىلىق تونۇشتى. ئۇ ئۆزىنىڭ «يا ئۆلمەيدىغان يا تېرىلمەيدىغان ئادەم» دېگەن ئەسىرىنى مۇشۇ دەۋردە يازدى. ئۇنىڭ جىمخور، غېرىبانە، مىسكىن خاراكتېرى «سوت»، «قەلئە» دېگەن ئەسەرلىرىدە ئېنىق ئىپادىلەندى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ خىل خاراكتېرى ئۈستىدە توختىلىپ: بۇنى تامامەن يەھۇدىلارنىڭ تەقدىرى ھەم مېنىڭ ئائىلىۋى مۇھىتىم كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل خاراكتېرىدىكى ھەم دادىسىغا بولغان ئىچكى تەلپۈنۈش ۋە ئۇنىڭدىن يىرگىنىشتىن ئىبارەت ئىككى ياقلىمىلىق قاتارلىقلار ھەرقانداق بىر ئەسىرىدە كۆڭۈل قويۇپ تەسۋىرلەندى. مەسىلەن، «ھۆكۈم» دېگەن ئەسەردە دادىسى بالىسىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدۇ. «شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرىسى» بولسا دادىسى قۇرتقا ئۆزگىرىپ قالغان ئوغلىنى بىر تال ئالما بىلەن باستۇرۇپ قويۇپ، ئۇنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوينىشىدۇ. «ئامېرىكا» دېگەن رومانىدا دادىسىنىڭ سەۋەبىدىن ئوغلى ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلىپ يېتىمچى بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە دادىسنىڭ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمرانلىقى ئۇنىڭ ئاجىز قەلبىگە سايە تاشلاپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كافكانى ھوقۇقنىڭ پاراكەندىچىلىكلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئىستەكلىرىنى سەنئەت ئارقىلىق قاندۇرۇشتىن ئىبارەت بىر كەيپىياتقا ئىگە قىلىدۇ. ئۇ شۇ ئارقىلىق ھوقۇقنىڭ بىمەنىلىكىنى مەسخىرە قىلىدۇ.
    1902-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى فرانز كافكا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش، نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىدە «شوپىنخوئېر پەلسەپىسىدىكى تەقدىر ۋە كېلىچەك» نامىدا نۇتۇق سۆزلەپ، شوپىنخوئېرنى تازا مەدھىيلەپ كۆككە كۆتىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزى تازا چوقۇنۇپ كەلگەن نېتزىنى ئىككىلىنىپ تۇرمايلا «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلەيدۇ. لېكىن ئۇ نېتزنىڭ تىراگىدىيىلىك پەلسەپىسىنىڭ تەسىرىدىن ئۆمۈرۋايەت قۇتۇلالمىدى. 1903-يىلىنىڭ ئاخىرىدا كافكا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەدەبىيات ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ھەققىدىكى نەزەر دائىرىسىمۇ كېڭىيىپ كېتىدۇ. كافكا 1905-يىلى كۈزدە يەنە بىر ئەدەبىيات-سەنئەت، پەلسەپە سالونىغا قاتنىشىدۇ ھەم بۇ يەرنىڭ قارشى ئېلىنىدىغان كىشىسىگە ئايلىنىدۇ.
    فرانز كافكا ئالىي مەكتەپتە قانۇن كەسپىنى ئۆگىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قانۇنغا بولغان قىزىقىشى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئۇ دەرس ۋاقتىدا بىر تەرەپتىن خاتىرە يازسا يەنە بىر تەرەپتىن خاتىرىنىڭ بىكار جايلىرىغا رەسىم سىزىپ ۋاقىت ئۆتكۈزەتتى. بۇ چاغدا سىزىلغان رەسىملەرنى گەرچە ئانچە ياخشى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، رەسىمدە تەسۋىرلەنگەن مىسكىنلىك چىقىپ تۇرغان ئوبرازلار ئۇنىڭ كېيىنكى ھېكايىلىرىدە تەسۋىرلەنگەن مىسكىنلىك چىقىپ تۇرغان ئوبرازلار بىلەن ماھىيەت جەھەتتە بىردەك بولغان ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان. فرانز كافكا قانۇنغا بولغان قىزىقىشى بارغانچە سۇسلىشىپ بارغىنىغا قارىماي، يەنىلا نۇرغۇن قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگەندى. ئۇنىڭ «سوت»، «قانۇن دەرۋازىسى ئالدىدا» دېگەن ئەسەرلىرىنىڭ يېزىلىشىدا قانۇن بىلىملىرىنىڭ رولى چوڭ بولدى.
    فرانز كافكا 1904-1905-يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرى «بىر مەيدان كۈرەش»نى يېزىپ چىقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرى بىلەنلا ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتتىكى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى كۈچلۈك ئىنكار قىلدى. ھېكايىدە «مەن»نىڭ يېقىن بىر سىردىشى بىلەن يېرىم كېچىدە تاققا ساياھەتكە چىققانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. يول ئۈستىدە ئىككىيلەننىڭ كەيپىياتى تۇراقسىز بولىدۇ. ئۇلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى قويۇق چۈشسىمان تەسۋىرلەنگەن. ھېكايىدىكى «مەن» بىردەم خۇشال بولسا، بىردەم خاپا بولىدۇ. بىردەم ساقچىغا ئۇچراپ قالسا، بىردەم سۇ ئۈزۈش قىياپىتىدە (يالىڭاچ) يول يۈرىدۇ. بىردەم بېشىنى ھەمراسىنىڭ دۈمبىسىگە قويۇۋالسا، بىردەم تېز يۈگرەيدۇ. كېيىن، دەرەخنىڭ شېخىغا چىقىپ ئۇخلاپ قالىدۇ. ئويغىنىپ دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدا ياپيالىڭاچ تۆت كىشىنىڭ بىر سىمىز كىشىنى كۆتۈرۈپ سۇغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئارقىدىنلا سېمىز كىشى ئىستىقامەت قىلغۇچى ھەققىدە ھېكايە سۆزلەيدۇ. بۇ قىسمىنىڭ ھېكايىنىڭ ئالدىنقى قىسمى بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى يوقتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ھېكايىدىكى دېئالوگلار ئاجايىپ-غارايىب، كىشىنىڭ چۈشىنىپ كېتەلىشى تەس. سېمىزنىڭ ھېكايىسىدىكى «مەن» تازا قىزىقىپ سۆزلەۋاتقاندا ئىستىقامەت قىلغۇچى «مەن ئىنتايىن خۇشال، سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى ئازراق چۈشەنگەن بولسام كاشكى» دەيدۇ. بۇ ھېكايىنى چۈشەنگىلى بولماسلىقىنىڭ سىرى يازغۇچىنىڭ كەيپىياتىنى ئاشكارىلاش نىيىتىنىڭ يوقلىقىدۇر. بۇ بىر پارچە ئەسەر بىلەن كافكانىڭ قىلىچ بىسىدەك ئۆتكۈر تالانتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. پەلسەپە ۋە ئىستېتىكىنىڭ تەرەققىياتى ئىسپاتلىدىكى كافكانىڭ تاللىشى توغرا بولغان. 1906-يىلى روژدىستىۋا بايرىمىدا ۋىنادىكى «دەۋر» گېزىتى ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇسابىقىسىدە كافكانىڭ ئۇتۇقلۇق چىققان «تار كوچىدىكى ھاۋا» دېگەن ئەسىرىنىڭ باھالىغۇچى جانابلارنى قىزىقتۇرالمىغانلىقى ئەينى دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇئامىلىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. 1908-يىلى 3-ئايدا كافكانىڭ ئۆمۈرلۈك دوستى، ئەينى دەۋردە تونۇلغان يازغۇچى بولۇپ قالغان ماكس بىرودنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن سەككىز پارچە نەسرى شېئىرى مىڭ تەستە ئېلان قىلىندى. بۇ ئىش كافكانى خۇشال قىلدى.
    1911-يىلى 2-، 3- ئايلاردا يازغان «شەھەر دۇنياسى» دېگەن ئەسىرىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىۋى مۇناسىۋىتىنى مۇلاھىزە قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە تۇنجى قېتىم دادىسى بىلەن بولغان زىددىيەتلىك مۇناسىۋەتنى ئىپادىلىشى، بۇ تېما «ھۆكۈم» دېگەن ئەسىرىدە تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ يارقىن ئېچىپ بېرىلدى.
    1915-يىلى 8-ئايدا فرانز كافكا 19-ئەسىردىكى ئەنگىلىيە يازغۇچىسى چارلىس دىكېنىسنىڭ ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇ دىكېنىسنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنى «بۈيۈك دورا» قاتارلىقلارنى زور قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتى. ھېكايىدىكى پاناھسىز قالغان ئاددى كىشىلەر ئوبرازى خاراكتېرىدىكى قۇدرەت، پاك قەلب، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغما ئاجىز ئەمەسلىكىنى، كۈچلۈكلەردىن بولالايدىغانلىقىنى، ھەرقانداق بىر سەنئەتكاردا بولۇشقا  تېگىشىلىك ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈش، ئوتتەك قىزىقىش ئارزۇ-ئارماننىڭ ئۆزىدە يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
    دىكېنىسنىڭ ئەسەرلىرى كافكانىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتتى. ئۇنىڭدا ئۇلۇغ بىر يازغۇچى بولۇش ئىستىكى پەيدا قىلدى. ئۇ دىكېنىسچە روھ بىلەن ئىجادىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى كۈتۈۋالدى. فرانز كافكا دىكېنىسنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايدىغان بىر شەكىلدە (بىراق نۇرغۇن ئەمەلىي ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى، بولۇپمۇ كافكا ئىجادىيىتىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن چۈشسىمان، غەيرىي چۈشسىمان تەسۋىرلەش، بىمەنىلەشتۈرۈش قاتارلىق تەسۋىرلەش ماھارىتى قاتارلىقلارنى ئىجادىي ئۆزلەشتۈردى) رېئاللىق تۇرمۇشتىكى كىشىلەر ھاڭ تاڭ قالدۇرىدىغان ماھارەت بىلەن تەسۋىرلەپ بەردى.
    فرانز كافكا شۇ دەۋردە يېزىشقا باشلىغان «ئامېرىكا» دېگەن يىرىك ئەسىرىدە دىكېنىسنىڭ ئىجادىيەت يولى  راۋاجلاندۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا «قەلئە»، «سوت»، «چىلەككە مىنىۋالغۇچى» دېگەن ئەسەرلەردىن 19-ئەسىر ئەدەبىياتىنىڭ قسىمەن ئىزنالىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
    1916-يىلى 9-ئايدا فرانز كافكا پارىژغا بېرىپ مۇزىيخانىدىكى ۋىناسنىڭ ھەيكىلىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىر بىلىكىنىڭ يوق بولۇشى زوقلانغۇچىلارنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان نۇقتا، ئۇ تاماشىبىنلارنى چەكسىز سېھرىي كۈچ ئىسكەنجىسىگە ئېلىپلا قالماي، ئۇلارنى تەسەۋۋۇر ۋە ئىجادىيەت قاينىمىغا يېتەكلەپ كىرىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ھەر ئىككى قولى مۇكەممەل بولسا، ھەرگىزمۇ ئۇنداق يۈكسەك مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ، دەپ قاراپ، ئىجادىيىتىدە يېڭىچە بىر ماھارەت شەكىللەندۈردى. ئۇ مۇزېيدا يەنە ئىتالىيە ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدىكى رەسسام مانتېگنا (1431-1506) سىزغان «جىنايەت ۋە غالىبىيەت پاراسىتى» دېگەن ئەسەرگە مەپتۇن بولۇپلا قالدى. رەسىمدە كېپىنەكتەك پەرۋاز قىلىۋاتقان پەرىشتىلەر ئارىسىدا ھايۋانلارنىڭ باش سۆڭەكلىرى ۋە بىر ئادەمنىڭ دەرەخكە ئايلىنىپ مومدەك تۇرغان، ئىككى بىلىكىدىن شاخلار كۆكلەپ چىققان ھالىتى سىزىلغانىدى. كافكا بۇ ئەسەر ئۈستىدە ئۇزاق پىكىر يۈرگۈزدى. بۇ ئەسەرلەر ئۇنىڭ ئىجادىيەت تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرۇۋەتتى. ئۇنىڭ 1907-يىلى يازغان «سەھرادىكى توي تەييارلىقى» دېگەن ئەسىرىدە تاسادىپىي پەيدا بولۇپ قالغان شەكىل ئۆزگەرتىش تېمىسى ئاشۇ قېتىملىق زىيارەتتىن كېيىن «شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرىسى» دېگەن ئەسەردە مەڭگۈلۈك ھەم مۇكەممەل دەرىجىدە يورۇقلۇققا چىقتى. فرانز كافكا ئىش ئۈستىدە زەخىملەنگەنلەرنى سۇغۇرتلاش شىركىتىدە ئىشلىسەم پاناھسىز قالغان كىشىلەرگە ئازتولا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىمەن دەپ ئويلىغانىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولماي چىقتى. بۇ بىر كىچىك دۇنيانىڭ كافكا ياشاۋاتقان دۇنيادىن ئانچە پەرقى يوقلۇقى ھەم سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن شىركەتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. كېيىن سىڭلىسىنىڭ يولدىشى قۇرغان تاش پاختا زاۋۇتىدا ئىشلەپ يەنىلا كۆڭلى ئارام تاپمىدى. جەمئىيەتكە مەڭگۈلۈك سايە تاشلاپ تۇرغان بىر ھوقۇق كۆلەڭگىسى ئۇنى توختىماي ئازابلىدى. ئۇنىڭ بۇ مەزگىللىك ھايات پائالىيەتلىرى «شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرىسى»، «ئامېرىكا»، «چىلەككە مىنىۋالغۇچى» دېگەن ئەسەرلىرىدە كۆڭۈل قويۇپ تەسۋىرلەندى. ئۇ بۇ ئەسەرلىرىدە تۆۋەن قاتلامدىكى ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان نامراتلار، ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا قالغان خوتۇن، بالىلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىدى. كافكا بۇ مەزگىلدە دادىسىنىڭ تاپا-تەنىلىرىدىن، ئائىلىسىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىن كېلىۋاتقان يەكلەش كۈچىدىن، ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە بولمىغان بويتاقلىق ھاياتىدىن جاق تويدى. ئائىلىسىنى، خىزمەتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىش نىيىتىگە كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئازابىنى تەقدىرىنى ئىپادىلەپ، 1912-يىلى «بەختسىز بويتاق» دېگەن ئەسىرىنى يازدى. يەنە كېلىپ شۇ تېمىدا چوڭراق ئەسەر يېزىپ چىقىش نىيىتىگە كەلدى. ئۇ شۇ يىلى 24-نويابىر يازغان بىر خاتىرىسىگە تەۋراتتىكى «خوتۇنى يوق ئەر ئادەم ھېسابلانمايدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتنى خاتىرىلەپ قويدى. 1915-يەنە «قېرى بويتاق بولۇمان» دېگەن ئەسەرنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى يېزىپ چىقتى. كېيىن ئۇ ئەسەرنىڭ تېمىسىنى «قېرى لۈكچەك بولۇمغېرد» دەپ ئۆزگەرتىپ تۈزەتتى.
    كافكا 1912-يىلى 3-ئايدا بۇرۇن يازغان ئەسەرلىرى ئىچىدىكى ئۆزى ئۇتۇقلۇق چىقمىدى، دەپ قارىغان بىر تۈركۈم ئەسەرلىرىنى شاللاپ كۆيدۈرۈۋەتتى. قالغان ئەسەرلىرىنى تەسۋىرلەپ «ئون بىر ئوغۇل» دېگەن ھېكايىنى يېزىپ چىقتى. ھېكايىدە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىر قىسىم ئەسەرلىرىگە ئىدراكى ھەم بەدىئىي يوسۇندا باھا يازدى، بىر تۈركۈم سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىش نىيىتىگە كەلدى.
    كافكا بۇ مەزگىلدە ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن ئەدەبىيات-سەنئەتتىكى يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن چوڭقۇر تونۇشتى. بولۇپمۇ سېمۋولىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئىستېتىك پرىنسىپلىرىنى، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلدى.
    1961-يىلى ئۇ بىر تەرەپتىن «ئامېرىكا»، «سوت» رومانلىرىغا ئىشلەپ يەنە بىر تەرەپتىن «ئوۋچى گراگس»، «يېزا دوختۇرى»، «ئەڭ يېقىن يېزا»، «كاندىكى ئىشلار» قاتارلىق ھېكايىلىرىنى يېزىپ تاماملىدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭمۇ كۆپچىلىكىدە كافكانىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ۋە ئۇ ئۆزى بېشىدىن كەچۈرگەن ئائىلىۋى ئىشلار ئاساسىي ئەندىزە قىلىندى. «ئوۋچى گىراگىس» دېگەن ئەسەردىكى گىراگىس كافكا بىلەن تونۇشىدىغان، ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بىر كىشى ئىدى. ئەسەردە ئۇنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلىرىمۇ قوشۇپ تەسۋىرلەندى، «يېزا دوختۇرى» دىكى دوختۇر كافكانىڭ تاغىسى ئىدى. بۇ ئەسەرلەردە بىۋاسىتە تۇيغۇنى ئىپادىلەش، سىموللاشتۇرۇش، چۈش مۇھىتىنى تەسۋىرلەشتەك ئامىللار قويۇق بولۇپ، پەلسەپىۋىلىكى چوڭقۇر، چۈشەنمەك بىر قەدەر قېيىن، ئەسەردە ئۆلۈم ۋە ھاياتلىق مەسىلىلىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان.
    1917-يىلى باھاردا فرانز كافكا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ «ئاكادېمىيىگە دوكلات»، «ئائىلە باشلىقىنىڭ نادامىتى»، «سەددىچىن سېپىلى قۇرۇلۇشى» قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقتى. بۇ ئەسەرلىرىدە تۇرمۇشنىڭ بىمەنە تەرەپلىرى كۈچلۈك مەسخىرە قىلىندى. «ئىت بىلەن ئەرەب»، «چىلەككە مىنىۋالغۇچى»، «ئۆتمۈشنىڭ بىر بېتى» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ مۇشۇ يىللاردا يېزىلدى.
    1922-يىلى 1-، 2-ئايلاردا كېسىلىنىڭ ئېغىرلىقىغا قارىماي، «دەسلەپكى ئازاب»، «ئاچلىق سەنئەتكارى» دېگەن مەشھۇر ھېكايىلىرىنى يېزىپ چىقتى. «دەسلەپكى ئازاب» دېگەن ئەسىرىدە بىر بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسەتكۈچىنىڭ ھاياتى ھېكايە قىلىنسا، «ئاچلىق سەنئەتكارى» دېگەن ئەسەردە بىر ئاچ قورساق ماھارەت كۆرسەتكۈچىنىڭ ھاياتى تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ ئىككى ئەسەردىكى كەيپىيات ئەينى ۋاقىتتىكى كافكانىڭ روھىي كەيپىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىر تەرەپتىن كافكانىڭ ئەگرى-توقاي سەنئەت ھاياتىنى كۆرۈۋالغىلى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى ئىزدەش تراگىدىيىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
    1923-يىلى كافكا «ئامېرىكا»، «قەلئە»، «سوت» دېگەن ئەسەرلىرىنى يېزىپ خېلى بىر يەرگە ئېلىپ باردى. ئېغىر كېسەل ئۇنى توختىماي ئازابلىدى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرقى بىر ئاخشىمى كافكا بىر ئولتۇرۇپلا «ئۆڭكۈر» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقتى. بۇ كافكانىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ تاكى بۈگۈنگە كەلگۈچە كافكا ھايات ۋاقتىدا ئۇچرىغان تەقدىرگە ئۇچراپ، ئەدەبىياتچىلارنىڭ ئەمەلىي باھاسىغا ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقانلىقى ئەجەبلىنەرلىك. ئەسەردە كافكانىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىپ تۇرغان ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئالدىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەنىدى. 1924-يىلى كافكانىڭ سالامەتلىكى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئۇ شۇ يىلى 3-ئايدا ئاخىرقى قېتىم «ئايال ناخشىچى يوسىفىن ۋە موزې مىللىتى» دېگەن ئەسىرىنى يېزىپ بولۇپ، ئىككىنچىلەپ قولىغا قەلەم ئالمىدى. تېخى يېزىپ بولالمىغان ئۈچ رومانىمۇ شۇ پېتى قالدى.
    فرانز كافكا ئىجادىيىتى ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن كۆپ خىل ئالاھىدىلىك سېمۋولىزىم، ئاڭ ئېقىمى، كەگۈسىچىلىك، ئىپادىچىلىك، دادائىزىم، سۈررىئالىزى، ئىماگىزىم، مەۋجۇدىيەتچىلىك، يېڭى ھېكايىچىلىق، بىمەنىچىلىك، سېھرىي رېئالىزىم، تەركىي دۇنياچىلىق قاتارلىق مۇدىرنېزىم ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن بارلىق ئېقىملارغا بېرىپ تۇتىشىدۇ.
    مۇدېرنىزىمچىلار يەنى «ئاۋانگارتلار» دەپمۇ ئاتىلىدۇل. مودېرنىزىم ئۇ ئەدەبىياتقا خاس نام بولۇپ قالماستىن، بەلكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت قاراشلىرىغا قارشى ھالدا بارلىققا كەلگەن بارلىق ئىدېئولوگىيە ھادىسلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى.
    مودېرنىزىم ئەينى دەۋردىكى سەنئەت، دىن، پەلسەپە، ئىستېتىكا، ئىتىكا قاتارلىق نۇرغۇن پەنلەرنىڭ يېڭى بىر پەللىسىنىڭ ئومۇمىي ئاتالغۇسى بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ بىلەن مودېرنىزىملىق ئەدەبىيات دېگەن ئاتالغۇنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك.
    مودېرنىزىم ئەدەبىياتى بىلەن ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئەدەبىياتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ياۋروپا ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئەدەبىياتىدىن 19-ئەسىردىكى تەنقىدىي رېئالىزىم ئەدەبىياتىغىچە بولغان ئەدەبىيات ئەقلىيلىكنى مەنبە قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلدى. بۇ ئەدەبىيات شوپىنخوئېرنىڭ مەۋجۇدىيەت ئىرادىچىلىكى تەلىماتى، كېركىگارتنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك تەلىمەتى، نېتزىنىڭ تىراگىدىيىلىك پەلسەپىسى، بېرگسوننىڭ ھاياتلىق ھاياجىنى تەلىماتى، فرىئودنىڭ يوشۇرۇن ئاڭ  تەلىماتى قاتارلىقلارنى ئۆزىگە كۈچلۈك مەنبەئە قىلىپ بارلىققا كەلدى.
    يۇقىرىقى تەلىماتلار دۇنيانىڭ بىلىشىنىڭ قايسى خىل نۇقتىسىدىن بارلىققا كەلگەن بولمىسۇن، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلارنى مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنى بېيىتتى ھەم راۋاجلاندۇردى دېيىشكە بولىدۇ. مودېرنىزىم ئەدەبىياتى مۇھىت تەسۋىرىگە بېرىلىپ كەتمەستىن ئىنساننىڭ سۇبيېكتىپ دۇنياسىنى تەسۋىرلەشنى ئاساسىي مەقسەپ قىلدى. مودېرنىزىمچى يازغۇچىلار شەخسىنىڭ زىددىيەتكە تولغان سۇبيېكتىپ ئىجادىيىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، پسىخىك ئامىللارنى ئىنچىكە تەپسىلاتلار بىلەن سۈرئەتلەپ، پىرسوناژلارنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى باغلانما تەسەۋۋۇر خام خىيالى، تۇيغۇ ۋە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ھېسسىياتلارغا قەدەر ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بەردى. مودېرنىزىمچى يازغۇچىلار ئادەمنىڭ ياتلىشىشى قاتارلىقلارنى تەسۋىرلەپ، خۇدا ئادەمگە، ئادەم تەڭرىگە ئاسىيلىق قىلدى. ئادەم ئۆزلۈكىنىڭ ماھىيىتىنى يوقىتىپ قويدى، بىزنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىمىز ئېتىقادنى، ئۆزلۈكىدىن ئىزدەشتىن ئىبارەت دەپ قارىدى.
    مودېرنىزىملىق ئەدەبىيات ھادىسىسىنىڭ قايسى ۋاقىت، قايسى جايدا بارلىققا كەلگەنلىكىگە ئائىت كۆز قاراشلار ناھايىتى نۇرغۇن بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇئەييەن كۆز قاراشلىرى بىلەن پۇت تىرەپ كېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭچە مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ئەنگىلىيە يازغۇچىسى دېكىنىس (1812-1870)، روسىيە يازغۇچىسى دوستويېۋىسكىي (1821-1881)، فرانسىيە يازغۇچىسى فلوبېر(1821-1881)، فرانسىيە شائىرى بودلېر(1821-1867) قاتارلىقلارنىڭ ئىجادىيىتىنى مودېرنىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكلىنى جاكارلىدى دەپ قاراش ئەڭ مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ. بىراق ئۇ دەۋردىكى ئەدەبىيات ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتتىن تېخىچە تولۇق ئايرىلىپ چىقمىغانىدى. بودلېرنىڭ 1857-يىلى يېزىلغان «رەزىللىك گۈلى» دېگەن ئەسىرى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ تۈرلۈك چەكلىملىرىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇپ يېڭى ئەدەبىيات يول ئېچىپ بەردى.
    مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى فرانز كافكانىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى، كافكانىڭ ئەسەرلىرىنى مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئىستېتىك پرىنسىپلىرى ئاساسىدا تەھلىل قىلغىلى بولىدۇ. بىز كافكا ئەسەرلىرىنى تەھلىل قىلغاندا تىلغا ئالغان ئەنئەنىنى ئىنكار قىلىش، سىمۋوللاشتۇرۇش، ئاڭ ئېقىنىنى(ھاياتلىق ھاياجىنىنى) تەسۋىرلەش، بىمەنىلەشتۈرۈش قاتارلىقلار ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، كافكا ئەسەرلىرىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. كافكا ئەسەرلىرىنى چۈشۈنىشتە ئەدەبىيات-سەنئەت ئېقىملىرى ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمىز. مودېرنىزىم ئەدەبىياتى دېگەن بۇ ئاتالغۇ ناھايىتى كەڭ مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى بەلگە قىلغان ھالدا دەسلەپكى مودېرنىزىم ۋە كېيىنكى مودېرنىزىم، دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بىز ماقالىمىزنىڭ بۇ قىسمىدا توختىلىدىغىنىمىز دەسلەپكى مودېرنىزىملىق ئەدەبىيات بولۇپ، دەسلەپكى مودېرنىزىملىق ئەدەبىيات ئىپادىلەش ۋە دۇنيا قاراش جەھەتتىكى مەلۇم ئۆزگىچىلىككە قاراپ: سىمۋولىىزم ئەدەبىياتى، ئاڭ ئېقىمى ئەدەبىياتى، كەلگۈسىچىلەر ئەدەبىياتى، ئىپادىچىلىك ئەدەبىياتى، دادائىزىملىق ئەدەبىيات، سۈررىئالىزىم ئەدەبىياتى، تەركىي دۇنياچىلار ئەدەبىياتى، ئىماگىزىمچىلار ئەدەبىياتى، مەۋجۇدىيەتچىلىك ئەدەبىياتى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. بىز ماقالىنىڭ بۇ قىسمىدا فرانز كافكا ئىجادىيىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قىسىم ئېقىملارنىڭ ئىستېتىك قاراشلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارىمىز.
    ئەنئەنىۋى رېئالىزىم ۋە رومانتىزىمى ئىنكار قىلىش مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدىكى ئېقىملارنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتىدۇر. مودېرنىزىم ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك پىرسوناژنى تەسۋىرلەش ۋە خاراكتېر يارىتىش ئىنكار قىلىپ، سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق دادىل يېڭىلىق يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇلار تەسۋىرلىگەن پىرسوناژلارنىڭ سىمۋوللۇق خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك ئۇلار دائىم سىمۋوللاشتۇرۇپ يېزىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ يېزىشقا ماھىر، مەسىلەن، فرانز كافكانىڭ «قەلئە»، بودلېرنىڭ «رەزىللىك گۈلى»، رىمبونىڭ (1854-1891) «مەس كېمە»، توماس ئىليوتنىڭ (1888-1965) «جەزىرە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىكى پىرسوناژ، ۋەقە، شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىگە سىمۋوللۇق بىشارەتلەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئوقۇغان كىشىنىڭ كۆڭلىنى رام قىلىۋالىدۇ. ئىختىيارسىز ھالدا ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى ئىچىگە باشلاپ كىرىپ سۇبيېكتىپ ھاياجان ئىچىدە بۇرۇختۇم بولۇپ تۇرغان ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى قاندۇرىدۇ ۋە يۈكسەك دەرىجىدىكى پەلسەپىۋى بىلىملەرگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ خىل بىلىمگە ئىگە قىلىش ئاپتورنىڭ زورىقىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى كىتابخاننىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشى ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ. مودېرنىزىمچى يازغۇچىلار ئابىستىراكىتلاشتۇرۇپ يېزىشقا ماھىر بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تۈرلۈك ھادىسىلەر ئىچىگە يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشكە ماھىر. ئۇلار بۇ جەھەتتە شەكىل ئۆزگەرتىش، چۈش مۇھىتىنى تەسۋىرلەشنى ئاساسىي ۋاسىتە قىلىش، تاللاپ يېزىشقا ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا يۈكسەك مەنانى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، فرانز كافكانىڭ «چۈش»، «يېزا دوختۇرى»، «چىلەككە مىنىۋالغۇچى» دېگەن ئەسەرلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى، مودېرنىزىم  ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى بىۋاسىتە تۇيغۇنى يېزىش ئارقىلىق ئىدىيە، ھېسسىيات ۋە كەيپىياتنى ئىپادىلەشكە ماھىر.
    ئاڭ ئېقىنىنى تەسۋىرلەش ئاڭ ئېقىمى يازغۇچىلىرىنىڭ ئادەتتە كەڭ قوللىنىدىغان ئىجادىيەت ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، ئۇلار پىرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تەسۋىرلەشتە ئىنچىكە پسىخىك تەسۋىرلەشنى ئىشلىتىشتىن باشقا، كەيپىياتقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك تاشقى ھادىسىلەرنى يېزىشقا ھازىر. بۇ فرانز كافكا ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بىر جۈملىدە تاشقى ھادىسە، يەنە بىر جۈملىدە سۇبيېكتىپ ھېسسىيات، بىر جۈملىدە تىراگىدىيە يەنە بىر خىل جۈملىدە كومېدىيەت تەسۋىلەپ، كىتابخانىلارنىڭ چىنلىق تۇيغۇسىنى ئۇرغىتىدۇ. «شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرىسى»، «قېرى لۈكچەك بولۇمغېرد» ھېكايىلىرىدىكى قۇرۇتقا ئايلىنىپ تۇرۇقلۇق ئادەمدەك خىيال سۈرۈش، ئارقىسىغا كىرىۋالغان ئىككى شار جىسىمغا ئادەمگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلىدە بولۇش قاتارلىقلار.
    ئۇلار يەنە رېئاللىقتىن ھالقىغان شەكىلدىكى ئىچكى مونولوگ ۋە سەكرەتمە تەسەۋۋۇر قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئىنسان تەبىئىتىدىكى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مۇرەككەپ ھەم ئۆزگىرىشچان ئىچكى ماھىيەتنى يورۇتۇپ بېرىشكە ماھىر. فرانز كافكانىڭ «ئاكادېمىيىگە دوكلات»، «ئاچلىق سەنئەتكارى» دېگەن ئەسەرلىرى بۇ خىل يېزىشنىڭ مۇكەممەل ئۈلگىسى بولۇپ، بۇ ئەسەرلەردە سەنئەتنىڭ يۈكسەك سېھرىي خۇسۇسىيىتى، كىشىلىك دۇنيانىڭ بىمەنىلىكى قاتارلىقلار ئەقلىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ تەسۋىرلەنگەن. ئاڭ ئېقىمى ئەدەبىياتىدا سەكرەتمە تەسەۋۋۇر ئىنتايىن مۇھىم. شۇ ئارقىلىق چۈش بىلەن رېئاللىق، بۈگۈن بىلەن ئەتە، ئەتە بىلەن يىراق ئۆتمۈش، ئاددىي ئاڭ بىلەن يوشۇرۇن ئاڭ گىرەلەشتۈرۈپ تەسۋىرلىنىپ، ئۆزگىچە سەنئەت دۇنياسىنى ياراتقىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى مەخپىي ھەم كۆپ قاتلاملىق پسىخىك پائالىيەتلەرنى ئەركىن، ئازادە تەسۋىرلەشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى بولۇپ، ئۇ مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى.
    بىمەنىلەشتۈرۈش تەركىي دۇنياچىلار ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاددىي تۇرمۇش ھادىسلىرى ۋە خىيالىي مەنزىرىلەر ئۆزئارا كىرىشتۈرۈلۈپ تەسۋىرلىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق رېئال دۇنيانىڭ بىمەنە تەرەپلىرى كۈچلۈك مەسخىرە قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ قاراتمىچانلىقى ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، ئۇنىڭدا كىشىلەر قىممەتلىك دەپ قارىغان نەرسىلەرنىڭ قىممەتسىز، مۇھىم دەپ قارىغان ئىشلارنىڭ مۇھىم ئەمەس بولىدىغانلىقى داراتما شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. فلوبېر: «بىز كومېدىيىگە توشقان تىراگىدىيىلىك دەۋردە ياشاۋاتىمىز» دېگەنىدى. ئۇ رېئال تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن جانلىق مىسال ئېلىپ، بۇ خىل كۆز قاراش ناھايىتى ئىلمىي شەرھىلەنگەن. بىز كىشىلىك تۇرمۇشقا، تارىخقا نەزەر تاشلايدىغان بولساق ئۆزىمىزنىڭ ئىنتايىن كۈلكىلىك بىر رېئاللىقنىڭ مەركىزىدە تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز ھەم كۈلىمىز. بۇ خىل كۈلكە كەينىگە يوشۇرۇنغان ئاچچىق تىراگىدىيە ھەرقانداق بىر كىشىنى ئۈنسىز ئۆكىنىش ئىچىگە ئېلىپ كىرىدۇ. فرانز كافكانىڭ «يېزا دوختۇرى» ئەسىرىدىكى كېسەل ئىگىسىنىڭ دوختۇرنى قىپيالىڭاچ قىلىپ كېسەل كارىۋاتىدا ياتقۇزۇپ قويۇشى، يېزا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بالىلارنى باشلاپ كېلىپ، سەكراتقا چۈشۈپ قالغان كېسەلنىڭ يېنىدا ئالاتاغىل ۋارقىراپ، دوختۇرنى مەدھىيلەپ ناخشا ئوقۇشى، «ئاكادېمىيىگە دوكلات» دېگەن ئەسەردە ئالىملارنىڭ مايمۇننىڭ ئىلمىي دوكلاتىنى بېرىلىپ ئاڭلىشى قاتارلىقلار.
    سىگموند فرىئودنىڭ چۈش ھەققىدىكى بىر يۈرۈش تەلىماتلىرى ھەم ئۇنىڭ ئىستېتىك ئىدىيىسى كافكانىڭ ئىجادىيىتىگە بىر خىل تەبىئىي رەۋىشتە تەسىر كۆرسەتتى. بىر يازغۇچىسى بىرەر پەلسەپىۋى ئىدىيىنى قوبۇل قىلىشتا ئالدى بىلەن شۇ يازغۇچىدا شۇ خىل تەلىماتقا ماس كېلىدىغان دۇنيا قاراش ۋە سەنئەت چۈشەنچىسىنىڭ بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر. ئەگەر ئۇنىڭدا بۇ خىل ئالدىنقى شەرت ھازىرلانغان بولسا ئۇ ھالدا بۇ تەلىمات ھەقىقىي تۈردە ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىپ مۆجىزە يارىتىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن ئىجادىيەتنى چەكلەش ۋە زاۋاللىققا يۈزلەندۈرۈش ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۇنيا ئەدەبىيات-سەنئىتىدە مۇنداق مىساللار كۆپ.
    فرانز كافكادا 20-ئەسىر پەلسەپىسىنى قوبۇل قىلالايدىغان بىلىم جۇغلانمىسى، ئاكتىپ ھالەتتىكى دۇنيا قاراش، ئۇرغۇپ تۇرىدىغان سەنئەت ۋە پەلسەپە تالانتى بار ئىدى. بۇ خىل ئىمكانىيەت ئۇنى 20-ئەسىر پەلسەپىسىنى ئىختىيارىي رەۋىشتە قوبۇل قىلىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى. كىركىگارتنىڭ تەڭرىنى مەركەز قىلغان مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى، شوپىنخوئېرنىڭ ئىرادىچىلىك تەلىماتى، نېتزىنىڭ تەڭرى ۋە ئالەم ھەققىدىكى يېڭى تەسەۋۋۇرى، بېرىگسوننىڭ ھاياتلىق نەزەرىيىسى، فرىئودنىڭ چۈش، ئاڭ، جىنسىيەت ۋە سەنئەت ھەققىدىكى تەلىماتلىرى ئۆزئارا بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، كافكانىڭ ئىستېتىك، دۇنياسىنى تېخىمۇ بېيتتى.
    ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى يازغۇچىنىڭ ئويغاق ھالەتتىكى چۈشى، بۇ فرانز كافكانىڭ ئىستېتىك دۇنياسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى. فرانز كافكا رېئال دۇنيادىكى بارلىق ھادىسىلەرنى ئىنساننىڭ ئويغاق ھالەتتىكى كۆرگەن چۈشى، دەپ قارىغان. بۇ ئۇزاققا سوزۇلغان ھايات زور چۈش ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە يەنىلا ھەقىقىي چۈشنى ئاساسىي قۇرۇلما قىلغان ھالدا ئىپادىلەنگەن.
    كافكانىڭ رېئال دۇنيادىن يارتسىرىشى، تۈرلۈك شەيئىلەردىن ۋەھىمىگە چۆكۈشى، غېرىبلىق ۋە سۇلغۇنلۇق قاپلاپ كەتكەن پسىخىك دۇنياسى ئۇنىڭغا ئۇخلىغان چاغدىمۇ ئارامچىلىق بەرمەيتتى. ئۇ ئۇخلاپلا قورقۇنچلۇق ھەم بىمەنىلىك بىلەن تولغان چۈش كۆرەتتى. بۇ چۈشلەر ئۇنىڭ «ئۆزلىكى»گە يىلتىز تارتقان ھالدىكى ئەينى دەۋرنىڭ ماھىيەتلىك كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئاپتور بۇ ھادىسىدىن ئىجادىيىتىدە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.
    يامان چۈش ۋە ئۇيقۇسىزلىق ئۇنىڭغا قۇتۇلۇش تەس بولغان ئازاب ئېلىپ كەلدى. بىراق ئۇ بۇ چۈشلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، بىمەنىلىك قاپلاپ كەتكەن رېئال دۇنيانى چۈش مۇھىتىغا قويۇپ تەسۋىلەپ، كىشىگە يارقىن، چىن شۇنداقلا بىمەنە تۇيۇلىدىغان سەنئەت دۇنياسىنى ياراتتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئامىل شۇكى، ئۇ ئىجادىيىتىنى چۈشتىكى تەرتىپ ئاساسىدا ئېلىپ باردى. بىراق رېئاللىق گەرچە چۈشكە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشىمىسىمۇ، بىمەنىلىك بىلەن تولغان تۈمەنلىگەن ھادىسىلەرنى پەقەت ئالدىن بىشارەت بېرىش، يوشۇرۇن ئاڭنى ئىپادىلەش، كۈچلۈك سىمۋوللۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە چۈش ئارقىلىقلا يورۇتۇپ بەرگىلى بولاتتى. بۇ خىل ئىپادىلەش ئاخىرقى ھېسابتا بارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ئاقسۆڭەك يازغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق ئىجادىيەت مىتودى بولۇپ قالدى.
    فرانز كافكا ئەسەرلىرىدە باشتىن ئاخىر يەھۇدىيلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ كىشىنىڭ ئوڭايلىقچە ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان، خۇددى قورقۇنچلۇق چۈشكە ئوخشايدىغان سەرگۈزەشتىلىرىنى ئىپادىلەشنى ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى قىلدى. «ئامېرىكا»، «قەلئە»، «سوت» دېگەن چوڭ تىپتىكى ئەسەرلىرىدە بىر تەرەپتىن بىر يەھۇدى مىللىتىنىڭ سەرسانلىققا توشقان كۆچمەنلىك ھاياتىنى تەسۋىرلىسە يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسانلارنىڭ قاغچىراپ كەتكەن روھىي تىراگىدىيىسىنى ئىپادىلەپ بەردى. شۇ ئارقىلىق ئىلاھىيەت، مەنىۋىيەت ۋە ئىرادە يېتىشسىزلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەدىن قاتتىق ئۆكۈندى. فرانز كافكا 1912-يىلى 21-سىنتەبىر كەچ سائەت ئون بىردىن ئەتىگەن سائەت ئالتىگىچە خۇددىنى يوقاتقان ھالدا ئىشلەپ، ناھايىتى ئۇتۇقلۇق چىققان ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولغان «ھۆكۈم»نى براقلا يېزىپ چىقىرىۋەتتى. بۇ ھېكايە ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە چوڭ بىر بۆسۈش ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر تۈركۈم نادىر رومان ۋە ھېكايىلەرنى يازدى.
    «ھۆكۈم» دېگەن ھېكايىدە ئاتا-بالىنىڭ بىر قېتىملىق ئاددىي سۆھبىتى تەسۋىرلەنگەن. ئاپتور بۇ ئەسەرگە ئۆزىنىڭ بارلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى يىغىنچاقلاپ، ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىزارلىق، ياتلىشىش، پاناھسىراش قاتارلىقلارنى تىراگىدىيىلىك مۇھىتقا قويۇپ، ئېغىر بېسىقلىق بىلەن سىدام ھالەتتە تەسۋىرلىگەن. بۇ خىل سىدام تەسۋىرلەش كىتابخانىلارنى دەسلەپ ئانچە ئېرەن قىلدۇرمىسا ئاخىرىدا كۈچىتىپ قويىدۇ. كافكا ئەسەرلىرىدىكى بۇ ئالاھىدىلىكنى بىر، ئىككى جۈملە سۆز بىلەن چۈشەندۈرمەك تەس.
    «ھۆكۈم» دېگەن ئەسەردە ئاتا-بالىنىڭ ئۆزئارا يەكلىشى ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، بۇ تېما ئەينى دەۋردە ياۋروپادا كەڭ تارقالغان ئىپادىچىلىكتىن ئىبارەت ئەدەبىيات-سەنئەت ھەرىكىتى تەشەببۇس قىلغان بىر تېما. ئىپادىچىلىك ئېقىمىدىكى يازغۇچىلار ئاتا-بالىلارنىڭ ئۆزئارا يەكلىشىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق كونا بىلەن يېڭى ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن زىددىيەتنى ئېچىپ بېرىشنى مەقسەت قىلاتتى. فرانز كافكا گەرچە ئىپادىچىلىك ئېقىمىدىكى يازغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغان بولسىمۇ ئۇلار بىلەن ئىرادە ۋە نىيەت جەھەتتە بىرلىكىنى ساقلاپ، ئۆز ئىجادىيىتىدە ئىپادىچىلىك سەنئەت ئېقىمىنىڭ ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى. ئەلۋەتتە بىز ئۇنىڭغا قاراپ فرانز كافكانىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىگە چەك قويۇپ، ئۇنى ئىپادىچىلىك ئېقىمنىڭ ۋەكىلى، دەپلا قاراپ تۇرالمايمىز. كافكا ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ھەرقانداق بىر ئىپادىچىلىك ئېقىمىدىكى يازغۇچىنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ باي ھەم كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى دەسلەپكى مودېرنىزىم ۋە كېيىنكى مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدىكى ئاساسىي ئېقىملارنىڭ ئىستېتىك خۇسۇسىيەتلىرىگە بېرىپ چىتىلىدۇ.
    فرانز كافكانىڭ چەكلىك بولغان ئىجادىيەت مىراسلىرى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ موللىقى، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنىڭ ئونۋېرساللىقى بىلەن چەكسىز بولغان بىر ئىستېتىك دۇنيانى ياراتتى. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى غەربنىڭ ئەنئەنىۋى ئىدىئولوگىيىسىنى ئىنكار قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان. فرانز كافكا تېما جەھەتتە قېلىپلاشقان «ئادەم»نى ئىنكار قىلىش شەكلى ئارقىلىق ھەقىقىي ئادەمنى ئېتىراپ قىلىپ، خام خىيال كەلتۈرۈپ چىقارغان غايىنى ئوبيېىكلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت سېسىق رامكىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئىستېتىكا جەھەتتە رەزىللىكنى تەسۋىلەش ئاساسىدا گۈزەللىكنى ئىپادىلەشنى مەركەز قىلىپ، چوڭقۇر مەنىدىكى ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ بىمەنىلىكى ئاساسىدا يورۇتۇپ بەردى. سەنئەت مىتۇدى جەھەتتە رېئال دۇنيانىڭ بىمەنىلىكىنى، ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈش، پرىسلاش، شەكىل ئۆزگەرتىش، سىمۋوللاشتۇرۇش، مەسخىرە قىلىش يېڭىدىن تەرتىپكە تۇرغۇزۇش قاتارلىقلار بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، خاراكتېرسىزلەشكەن ئادەم (سىمۋوللاشقان)، بىمەنە كۆرۈنۈش ھەم چۈشسىمان قۇرۇلما ئارقىلىق يۇقىرى دەرىجىدىكى پەلسەپىۋى كەڭلىكنى ياراتتى.
    فرانز كافكا بىلەن بىر دەۋرد ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان بىر تۈركۈم ئالدىنقى قاتاردىكى يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ سەنئەتكە قوشقان ئالەمشۇمۇل تۆھپىلىرى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بىراق كافكا ھايات چېغىدا خەلقئارا جامائەتچىلىككە تونۇلمىغانىدى. ئۇ ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەندە بولسا، ئاللىبۇرۇن ھاياتى بىلەن خوشلاشقانىدى.
    ئويلىشىمىزچە 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىنسانپەرۋەرلىك، مېھىر-شەپقەت، گۈزەل ئارزۇ-ئارمان ۋە رومانتىك سۆيگۈ-مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەرگە نوبېل مۇكاپاتى بېرىلگەنىدى. ئەگەر كافكا ئەسەرلىرى ئەينى دەۋردە كەڭ تارقالغان بولسىمۇ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بولسا ئىنساننىڭ ياتلىشىشى، رېئال تۇرمۇشنىڭ بىمەنىلىكى، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن دۇنياۋى كىرزىس يېڭىچە ئىستېتىك پىرىنسىپلار ئاساسىدا ئۆزگىچە شەكىللەرب ىلەن ئىپادىلەنگەن ۋە ئىنساننىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە ئالاھىدە يېڭىلىق ياراتقان يازغۇچىلارغا نوبېل مۇپاكاتى بېرىلدى. دەۋر نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا فرانز كافكا نوبېل ئەدەبىياتى مۇكاپاتىنى ئېلىشقا تامامەن ھەقلىق ئىدى. مىڭ ئەپسۇس...
    فرانز كافكا گەرچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە پەلسەپە ساھەسىدىكى شان-شۆھرىتى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەرقانداق بىر دەۋردىكى، ھەرقانداق بىر يازغۇچىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بىر قىسىم دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەيلاسوپ ۋە ئەدەبىياتشۇناسلارنىڭ پۈتكۈل 20-ئەسىر ئەدەبىياتىنى «كافكا دەۋر ئەدەبىياتى» دەپ ئاتىشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

    فرانز كافكا ئەسەرلىرىنىڭ دۇنياۋى شان-شۆھرىتى ۋە كېيىنكى مودېنىزىم

    فرانز كافكا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان يازغۇچى، ئۇ ئۆزىنىڭ يازغانلىرىدىن ئوڭايلىقچە رازى بولماي كەلگەن. شۇڭا ئۇ ئەسەرلىرىنى بىردەم بۇنداق يازسا، بىردەم ئۇنداق يېزىپ، توختىماي پىششىقلاپ ئۆزگەرتىپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزى ئۇچراتقان بارلىق پەلسەپىۋى ئەسەرلەر ھەم بەدىئىي ئەسەرلەردىن قانائەت تاپمىغانغا ئوخشاش ئۆز ئەسەرلىرىدىمۇ ئاسانلىقچە قانائەت تاپماي، نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى يېزىپ بولالمىغان ياكى بەزى ئەسەرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمىغان. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ كېيىنكى شان-شۆھرىتىگە داغ تەگكۈزەلمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ساقلىنىپ قالغان قول يازمىلىرىدىن تارتىپ، رومانلىرىغىچە مەيلى بىر، ئىككى قۇر بولسۇن، مەيلى نەچچە يۈز بەتلىك بولسۇن دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئىنتايىن قىممەتلىك مىراس بولۇپ قالدى. كافكا ئەسەرلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر سەۋەب نەتىجىلىك مۇناسىۋەت رامكىسىغا كىرىپ قالمايدىغان خۇسۇسىيىتى، ساقلىنىپ قالغان بارلىق قوليازمىلىرىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى. كافكا ئەسەرلىرىنىڭ ھەربىر جۈملە ھەربىر ئابزاسى ۋە ھەربىر بۆلەكلىرى نىسپىي مۇستەقىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، بىرقانچە بەتنىڭ چۈشۈپ قېلىشى، ئاخىرلاشتۇرمىغانلىقى، ئاخىرلاشتۇرالمىغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ ئەسەرلەرگە نۇقسان يەتمىدى. مىڭ ئەپسۇس، فرانز كافكا ھايات چېغىدا كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشىگە، قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلمەي، دۆلەت ماشىنىلىرىغا ۋە ئەتراپنى ئوراپ تۇرغان ئاتالمىش ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرىغا بولغان مەنسىتمەسلىك ھېسسىياتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن نۇرغۇن قوليازمىلىرىنى ئىككى قېتىم كۆيدۈرۋەتكەن. ئۇ يەنە ئۆزىنى ئەدەبىيات سېپىگە باشلاپ كىرگەن، ئەينى چاغدا خېلىلا نامى چىقىپ قالغان ئەدىب ۋە ئۆمۈرلۈك دوستى ماكىس بىرودقا:
    «دوستۇم ماكىس:
    مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەلىپىم، سەن چوقۇم (كىتاب جازىسى، كىيىم ئىشكابى، ئائىلەمنىڭ باشقا جايلىرى ھەم ئىش ئۈستىلىمدىكى ياكى بولمىسۇن تېپىش ئىمكانىيىتى بولغان ھەرقانداق جايدىكى) ماڭا مەنسۇپ بولغان بارلىق كۈندىلىك خاتىرە، قوليازما، خەت-چەك (مەيلى باشقىلار ماڭا يازغانلىرى بولسۇن)، ئەدەبىي پارچە قاتارلىقلارنى بىرىنىمۇ قالدۇرماي، بىرىنىمۇ ئوقۇماي كۆيدۈرۋەتسەڭ، سېنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قولىدىكى بارلىق ماتېرىياللارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، رەسىممۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇلارنى ماڭا ۋاكالىتەن بېجىرىۋەتكەن بولساڭ، ئەگەر باشقىلار بەزىلىرىنى بەرگىلى ئۇنىمىغان تەقدىردىمۇ، ئەڭ يۇقىرى ئىمكانىيەت بىلەن يىغىۋېلىپ كۆيدۈرۋەتسەك.
    ھۆرمەت بىلەن:
    فرانز كافكا»
    دەپ ۋەسىيەت قىلغانىدى. بىر قىسىم ئەدەبىياتشۇناسلار «كافكانىڭ بەزى ئەسەرلىرى ئۇتۇقلۇق چىقمىغان، شۇڭا كۆيدۈرۋېتىشىنى ھاۋالە قىلغان» دەيدۇ. ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغان بولسا ئۇ ئارزۇ قىلىپمۇ نەشر قىلالمىغان «ئامېرىكا»، «قەلئە»، «سوت» قاتارلىق رومانلىرى، «بىر ئىت ھەققىدە تەتقىقات» دېگەن پەلسەپىۋى ئەسىرى، «ئۆڭكۈر» دېگەن پوۋېستى «ئاچلىق سەنئەتكارى» ۋە ئەڭ ئاخىرىدا يازغان «ئايال ناخشىچى يوسېفىن ۋە موزېي مىللىتى» دېگەن ھېكايىسى قاتارلىق يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرىگە نېمە دەپ باھا بېرىمىز؟ فرانز كافكا تەلەپچان لېكىن ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدىغان مول بىلىم زاپىسىغا ۋە تۇغما ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە پەيلاسوپ ھەم تالانتىلىق يازغۇچى.
    ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۈچىنچى قېتىم كۆيدۈرۈلگەن بولسا دۇنيا ئەدەبىيات ئۈچۈن مىسلىسىز يوقىتىش بولغان بولاتتى. ئۇنىڭ ئۆزى ئەڭ ئەرزىمەيدۇ دەپ قارىغان تېز سىزما رەسىملىرى ۋە بىر، ئىككى مىسرالىق شېئىرلىرىمۇ دۇنيا ئەدەبىيات-سەنئەت خەزىنىسىدىكى بىباھا ئەڭگۈشتەرگە ئايلىنىپ قالدى.
    فرانز كافكانىڭ ئەسەرلىرىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ: بىرىنچى، ئۇ ھايات چېغىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر: «كۆزىتىش» (ھېكايىلەر  توپلىمى)، «يېزا دوختۇرى» (يېزا دوختۇرى)، «ھۆكۈم»، «پېچ ئالدىدا»، «شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرىسى»، «سۈرگۈندە» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پوۋېست، ھېكايىلەر توپلىمى)، «ئاچلىق سەنئەتكارى» (ھېكايىلەر توپلىمى)، «چىلەككە مىنىۋالغۇچى» (ھېكايىلەر توپلىمى) قاتارلىق تۆپ توپلام. بۇلارنىڭ ھەممىسى قىرىق پارچە ئەسەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى، كافكا ھايات چېغىدا ئېلان قىلالمىغان ئەسەرلەر: «بىر مەيدان كۈرەش»، «يېزا مۇئەللىمى»، «بىرئىت ھەققىدە تەتقىقات»، «تارىخنىڭ بىر بېتى»، «ئۆڭكۈر» ۋە كۈندىلىك خاتىرە، ئەدەبىي پارچە، خەت-چەك قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇز تۆت پارچە ھېكايە بار. ئۈچىنچىسى، فرانز كافكا ھايات چېغىدا ئېلان قىلالمىغان «ئامېرىكا»، «قەلئە»، «سوت» قاتارلىق ئۈچ رومانى قاتارلىقلار.
    فرانز كافكانىڭ ۋەسىيىتىنى ئىنسانىيەتكە قىلىنغان يەنە بىر قېتىملىق چاقچاقسىمان مەسخىرە دەپ تونۇش كېرەك.
    1934-يىلى ماكىس.بىرود كافكانىڭ ئومۇمىي ئەسەرلەر توپىلىمىنى چىقىرىشقا توختام تۈزۈپ، دەسلەپتە بىرىنچى توم «ھېكايە-نەسرلەر» توپىلىمى نەشر قىلدى. يەنە شۇ يىلى ئىككىنچى توم «ئامېرىكا»، ئۈچىنچى توم «سوت»، تۆتىنچى توم «قەلئە» قاتارلىقلارمۇ كەينى-كەينىدىن نەشر قىلىندى. شۇ يىلى يەنە ماكىس برودنىڭ كافكانىڭ خەت-چەكلىرى، كۈندىلىك خاتىرىلىرى ۋە ئەسەرلىرىدىكى ئۇچۇرلار ئاساسىدا يازغان « فرانز كافكانىڭ ئۇلارنىڭ ھېكايلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي ھەم چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئاممىباب ئەسەرلەرنىڭ ياكى رازۋېتكا ھېكايىلىرىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرىگە «رەشىك»، «سىرلىق قەلئە» (روببى گرىللېت)، «دەپنە قىلىنغۇچى»، «پرانت تاش يولى»، «ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانا» (كرود سىمون)، «مەشھۇر بولمىغان فورتېرىت»، «ئالتۇن مېۋە» قاتارلىقلار بار. بۇ ئەسەرلەردىن كافكانىڭ «ئاچلىق سەنئەتكارى»، «قانۇن دەرۋازىسى ئالدىدا»، «ھۆكۈن» دېگەن ئەسەرلىرىنىڭ پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ.
    يېڭى ھېكايىچىلىك ئېقىمىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىدە كافكاچە سىدام تەسۋىرلەش، سىرلىق قەلئە شەكلىدىكى قۇرۇلما ۋە ماددىي ئىنچىكىلىك بىلەن ئېرىنمەستىن يېزىش قاتارلىقلار ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.
    يېڭى ھېكايىچىلىك ئېقىمىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىدە كافكاچە سىدام تەسۋىرلەش، سىرلىق قەلئە شەكلىدىكى قۇرۇلما ۋە ماددىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئېرىنمەستىن يېزىش قاتارلىقلار ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.
    فرانز كافكانىڭ فرانسىيىدە كۆپ تەتقىق قىلىنىشى فرانسىيە ئەدەبىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ  گۈزەل-سەنئەت، شېرىيەت، مۇزىكا، ھەيكالتاراشلىق قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.
    بىمەنە تىياتىرچىلىق ئەدەبىياتى كېيىنكى مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدىكى نوپۇزلۇق ئېقىملارنىڭ بىرى. بۇ ئەدەبىيات كافكا قىزغىنلىقى فرانسىيىدە تازا ئەۋجىگە چىققان 50-يىللاردا مەيدانغا كېلىپ، 60-، 70-يىللاردا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىگە، 80-، 90-يىللاردا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا كېڭىيىپ، ھازىرغىچە كۈچلۈك تەسىرىنى يوقاتماي كەلمەكتە.
    1950-يىلى 11-ماي كەچتە پارىژدا يونېسكۇنىڭ «تاقىر باش ئايال ناخشىچى» دېگەن تاق پەردىلىك دراممىسى سەھنىگە ئېلىپ چىقىلدى. بۇ ئەسەردە ۋەقەلىك، درامماتىك توقۇنۇش، لوگىكىلىق باغلىنىش، ئېنىقراق پىرسوناژ دېگەندەك نەرسىلەر يوق بولۇپ، پەقەت ئىككى جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ چۈشىنىكسىز تۇيغۇ بېرىدىغان دىئالوگىلا بار. سەھنە ئەسىرىدە بۇ ھەقتە ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىش، غېرىبسىنىش، چەتكە قېقىلىش مۇناسىۋىتىنىڭ بېمەنە بولغان بىر دەۋرگە كىرگەنلىكى ھەققىدە بايانلار بار. كېيىن يونېسكو «ئورۇندۇق» دېگەن سەھنە ئەسىرىنى يېزىپ چىقتى. 1953-يىلى فرانسىيە يازغۇچىسى بېكىت يەنە شۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا «گېدونى كۈتۈش» دېگەن سەھنە ئەسرىنى يېزىپ چىقىپ تاماشىبىنلار ئارىسىدا زىلزىلە پەيدا قىلدى. ئارقىدىنلا ئۇلار يەنە بىر تۈركۈم ئەسەرلەرنى يېزىپ ياۋروپادا كۈچلۈك بەس-مۇنازىرە شەكىللەندۈردى.
    بۇ ئېقىمدىكى يازغۇچىلار شەكىل، مەزمۇن ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن ئەنئەنىۋى دراممىچىلىقنى ئىنكار قىلىپ، فرانز كافكا ئەسەرلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئادەم بىلەن دۇنيا، ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن ئۆز-ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى سىرلىق مۇناسىۋەتنى ئابستىراكىتلاشقان شەكىلدە ئىپادىلەپ بەردى. يونېسكۇ فرانز كافكا ھەققىدە يازغان بىر پارچە تەتقىقات ماقالىسىدا «بىمەنىلىكنىڭ يېتىشسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئادەم دىننىڭ، ئۈستىقۇرۇلمىنىڭ، تەجرىبىنىڭ ئىنكار قىلىشىغا ئۇچراپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمىدى. ئۇنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى ئەھمىيەتسىز نەرسىگە ئۆزگىرىپ، كۈلكىلىك كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى» دېگەنىدى. بىمەنە تىياتىرچىلىق ئەسەرلىردىن كافكانىڭ بىمەنىچىلىك پەلسەپىسى ۋە ئۇنىڭ ئىستېتىك قاراشلىرىدىن كەلگەن ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ، ئادەم بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى بىر  تەرەپ قىلىش ئالامەتلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بىمەنىلىكنى كۆپتۈرۈپ تەسۋىلەش جەھەتتە بۇ ئېقىم يازغۇچىلىرى تاشقىي دۇنيا قۇپقۇرۇق نەرسە، ئۇ ماھىيەت جەھەتتىن قارىغاندا بىر بىمەنە مەۋجۇدىيەت، ئادەم بىلەن ئادەم ئۆزئارا ياتلاشتى. ماھىيەتنى يوقىتىپ ماددىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالدى. ئادەم بىلەن ئۆزلىكىنىڭ مۇناسىۋېتىمۇ بىمەنىلەشكەن بىنورمال ھالەتتە تۇرماقتا دەپ قاراشتى. ئۇلار بۇ خىل ئىستېتىك قاراشلىرىنى ئىپادىلەشتە مەلۇم جەھەتتىن ئەنئەنىۋى دراممىچىلىكنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرىنى ئىنكار قىلىش ئاساسىدا قوبۇل قىلدى، سەھنە ئەسەرلىرىنى تىپىك چۈش مۇھىتى ۋە پەلسەپىۋى چوڭقۇرلۇق ئىچىگە قويۇپ يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ سۇبيېكتىپ ئېڭى ھەم ئابستراكىتنى ئىدىيىسىنى ئىپادىلىدى. ئۇلار ئادەمنىڭ بىلىپ يېتەلىشى مۇمكىن بولمىغان تېمىلاردىن چىقىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئىزدىنىش، ۋەھىمىگە چۆكۈش، ياتسىراش، غەم-قايغۇ ھەم ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى بەدىئىي تەرتىپ، پىرسوناژلار ئوبرازى، تەبىئەت تەسۋىرى، تىل ئىشلىتىش ئامىللىرى، چىراق نۇرى، سەھنە جابدۇقلىرىنىڭ ھەممىسىدە بىمەنىلەشتۈرۈش ۋە كۆپتۈرۈش قاتارلىقلار ئاساسىي ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولۇپ قالدى.
    بۇ خىل يېزىش ئۇسۇلى ئىستېتىكا پرىنسىپى جەھەتتە كافكانىڭ ئەسەرلىرىگە تولىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. بىمەنىچىلىك ئەدەبىياتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى يارقىن، شەكلىنىڭ ھۈجەيرىسىمانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەسەرلەردە ئەپسانىۋى تەپەككۇر، تۇيغۇ، چۈش مۇھىتى قاتارلىقلار خاسلىقى كۈچلۈك بولغان ئالاھىدە تەييارلانغان كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق مۇكەممەل بىر گەۋدىگە ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، «ئورۇندۇق» دېگەن ئەسەردە ئۈچ بۇرجەك مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، سەھىنىدە گەۋدىلەندۈرۈلدىغىنى سەھنىنى لىق ئالغان ئورۇندۇق، ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى ئايال ۋە بىر ئەرنىڭ بېشى. «باش»، «مۇھەببەت»، «نەرسە» ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشتىن ئادەمنىڭ ماددا ئالدىدىكى خۈنۈكلەشكەن مەۋجۇدىيىتىنى ئىپادىلەش ئەسەرنىڭ يەتمەكچى بولغغان بەدىئىي پەللىسى قىلىنغان. «ئاھ! بەختىيار كۈنلەر» دېگەن ئەسەردىكى موماينىڭ ئوبرازى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. بۇ ئايال يەر يۈتۈپ كېتىۋاتسىمۇ ھاياتلىق ئۈچۈن، ئۆز ئىرادىسى ئۈچۈن خۇددى ئاچلىق سەنئەتكارىدەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. چىشىنى چوتكىلايدۇ، لەۋ سۇرخ سۈرىدۇ، تىرنىقىنى ياسايدۇ، قاش كىرپىكلىرىنى تۈزۈشتۈرىدۇ. بۇ ھادىسىلەر سەھنە شەكىللىرى بىلەن بىرلىشىپ بىر خىل كەيپىيات شەكىللەندۈرىدۇ. يونېسكو ئۆزىنىڭ ئىستېتىك قاراشلىرىنى «سەنئەت ئىپادىلەشكە مۇمكىن بولمىغان راست ئىشنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلىشى، بەزىدە مەنزىرە ۋاسىتىسى ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يېتىش كېرەك» دەپ قارايدۇ. ئېتىراپ قىلىش كېرەككى بىمەنە تىياتىرچىلىق تارىختىن بېرى ھەرقانداق بىر سەنئەت شەكلى ئىپادىلىيەلمىگەن مول ئىستېتىك دۇنيانى ئىپادىلەشتە ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ 20-ئەسىردىكى باشقا سەنئەت ژانىرلىرىغا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. ئۇلار سەھنىدە ئادەمنى نەرسىلەشتۈرۈپ، نەرسىنى ئادەملەشتۈرۈپ  تەسۋىرلەپ تىل بىلەن ئاسانلىقچە بايان قىلغىلى بولمايدىغان سىرلىق ئەمما قىممەتلىك بەدىئىي ئۈنۈم ياراتتى.
    بىمەنە تىياتىرچىلىق ئەدەبىياتنىڭ تىل ئىشلىتىش جەھەتتە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرى ئالاھىدە بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلىنىدۇ. تىل ئەسلىدىن ئىنسانلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش قۇرالى بولۇپ كەلگەنىدى. بۇ يازغۇچىلار بىر تەرەپتىن تىلنى مەنىسىدىن ئايرىپ چىقىپ مۇزىكا خۇسۇسىيىتىگە ھەم تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن سمۋول تۈسىگە ئىگە قىلسا، يەنە بىر  تەرەپتىن نەرسىلەرگە سۆزنىڭ مەنىسىنى بېرىپ، تۈرلۈك ئىماگلار (بىشارەتلىك شەكىل، رەڭ، ئاۋاز) ۋە باشقا تۇيغۇدىن شەكىللەنگەن تىلسىز تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆزلىرى كۆزلىگەن بەدىئىي مەقسەتكە يەتتى. شۇ ئارقىلىق ئۇلار ئىنسانلارنىڭ تىل ئالاقىسىنى كىنايە قىلدى. مەسىلەن: ئادەملەر سۆزلىمەي نەرسىلەر سۆزلەيدۇ. ئادەملەر گەپ ئاڭلىماي نەرسىلەر گەپ ئاڭلايدۇ. ئادەملەر ئورنىنى نەرسىلەر، نەرسىلەر ئورنىنى ئادەملەر ئىگىلەيدۇ. بىمەنە تىياتىرچىلىق ئەدەبىياتنىڭ ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن «تاقىرباش ئايال ناخشىچى»، «ئورۇندۇق»، «بوشلۇقتا سەپەر قىلغۇچى»، «كەركىدان»، «يىگانە ئادەم» (يونېسكو)، «گىدونى كۈتۈش»، «ئاھ! بەختىيار كۈنلەر»، «نامسىز ئادەم» (بېككت)، «پروفېسسور تېرانا»، «بارلىق ئادەم بارلىق ئادەمنىڭ رەقىبى»، «جىنايەت» (ئاداموف)، «نىگىرقۇل»، «ئاپتاپخانا»، «شامال» (راڭېرن)، «تۇغۇلغان كۈن ئاخشىمى»، «باشقۇرغۇچى»، «بىر ئېغىز ئۆي»(فىد)، «ئامېرىكىنىڭ چۈشى»، «قۇم ساندۇق»، «ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھېكايە» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن فرانز كافكا ئەسەرلىرىنىڭ روشەن يالدامىلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ بىمەنىچىلىك ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىنىڭ كافكانى ئۇستاز تۇتقانلىقىدىن بولغان.
    ئامېرىكىنىڭ كافكاغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئىنتايىن كەسكىن ھەم ئادىل ئىدى. ئامېرىكىدا كۆتۈرۈلگەن كافكا قىزغىنلىقىنى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكا بىردىنلا كافكا تەتقىقاتىنىڭ دۇنياۋى مەركىزى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرى  نەشر قىلىندى ھەم كۈچلۈك بەس مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. كافكانىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئىستېتىك قاراشلىرى پەلسەپە، دىن، ئېتىكا، پسىخولوگىيە، تارىخ، سەنئەت قاتارلىق نۇقتىلاردىن ئىزاھلاندى. يەنە بىر قىسىم ئالىملار، ئىجتىمائىي تەنقىدچىلىك ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بۇ ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلدى. پوزىۋتىزىم تازا گۈللەنگەن 50-يىللاردا بولسا ھايات باسقۇچلىرى مۇھىت، پسىخىك ھالەت قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، سەۋەب نەتىجىلىك باغلىنىش ئاساسىدا تەتقىقات ئېلىپ باردى. ئەيتاۋۇر كافكا ئەەسرلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ تەتقىق قىلىنمىغان ساھە قالمىدى. نەچچە يۈزلىگەن مەخسۇس ئەسەرلەر يېزىلدى. ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان كافكانى تونۇشتۇرۇش ھەم كافكانى تەتقىق قىلىش كۆپ قىر ھەم كۆپ قاتلاملىق بولۇشتەك خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئامېرىكا ئەدەبىياتىغا مىسلىسىز تەسىر كۆرسەتتى. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ساپاسى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى سەۋەب بولدى. ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان كافكاشۇناسلىقنىڭ كەڭ دائىرلىكىدىن، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن گېرمان تىلى كىتابخانلىرىنىڭ كافكادىن ئالغان پايدىسىغا قارىغاندا ئامېرىكا تىلىنى ئاساس قىلغان كىتابخانلارنىڭ ئالغان پايدىسى ئېشىپ چۈشۈشتەك كۈلكىلىك ئەھۋال كېلىپ چىقتى. ئامېرىكىدا كافكا ئەسەرلىرى ھەرخىل شەكىلدە كەينى-كەينىدىن نەشر قىلىنىپ ئىنتايىن تېز تارقىتىلدى. ئومۇملىشىشمۇ ناھايىتى تېز بولدى. بۇنى سۆز بىلەن ئاسانلىقچە ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ.
    قىزىق ئىش كافكاشۇناسلىق قەيەردە ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدە گۈللەنگەن بولسا شۇ يەرنى مەركەز قىلغان ھالدا كېيىنكى مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ نوپۇزلۇق ئېقىملىرى پەيدا بولدى. ئامېرىكىدىكى كافكا قىزغىنلىقى مەزگىلىدە ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن نوپۇزلۇق ئېقىملارنىڭ بىرى قارا يۇمۇرچىلىق ئەدەبىياتىدۇر.
    فرانز ئەسەرلىرىدىكى يېقىنلا يەردە كۆرۈنۈپ تۇرغان، يەتكىلى بولمايدىغان قەلئە، ھايۋانلارنىڭ ئادەملەرگە ئىلمىي دوكلات بېرىشى، ئىتنىڭ مۇزىكا ئورۇنلىشى، ئادەمنىڭ تاماقنى مەڭگۈلۈك تەرىك قىلىشى، ئىنسانلارنىڭ ئاتالمىش ئەركىنلىك بىلەن ئۆزىنى ئالدىشى، سەھۋالىقنىڭ ھېچقانداق سەۋەبسىز زېرىكمەي-تىرىكمەي قانۇن ئىچىگە كىرىشىنى كۈتۈشى، بىگۇناھلارنىڭ گۇناھسىز تۇرۇپ سوراقنى كۈتىشى، پاكار چوشقا قوتىنىدىن پاچاقلىرى ئۇزۇن ئارغىماقلارنىڭ يىلاندەك سۇغۇرۇلۇپ چىقىشى قاتارلىقلار قاپ-قارىلا يۇمۇر ئىدى.
    ئامېرىكىدا مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، فرانز كافكا ئەسەرلىرىنىڭ كەڭ تارقىلىشى، كافكاشۇناسلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى كېيىنكى مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدىكى يەنە بىر دۇنياۋى ئابرويغا ئىگە ئەدەبىيات ھادىسىسى قارا يۇمۇرچىلىق ئەدەبىياتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. 60-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن بىر تۈركۈم قارا يۇمۇرچىلىق ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەر تېزلا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. 1965-يىلى ئامېرىكا يازغۇچىسى فېرىدېمان بىر پارچە توپلام تۈزۈپ چىقتى. توپلامغا ئامېرىكا ئەدەبىياتىدا باش كۆتۈرگەن ئون ئىككى يازغۇچىنىڭ ئەسىرى تاللاپ كىرگۈزۈلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇ ئەسەرلەر ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىك «قارا يۇمۇرچىلىق ئەدەبىياتى» دەپ ئاتالدى. كېيىن بۇ خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى يازغان يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى «قارا يۇمۇرچىلىق ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى» دېگەن ئومۇمىي نام بىلەن ئاتالدى.
    قارا يۇمۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى ئىنسانلارنىڭ قاراڭغۇلۇق قاپلاپ تۇرغان دۇنيادا چىقىش يولى تاپالماي، ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە يېتەلمەي، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، گۇمان ۋە قورقۇنچ ئېڭىغا غەرق بولغان، يادرو قوراللىرى ۋە يۇقىرى سەۋىيىلىك بىئولوگىيىلىك قۇراللار مەركەز قىلىنغان بۈگۈنكى زامان پەن-تېخنىكىسى−ئادەم ئۆلتۈرىدىغان غايەت زور ماشىنا ئالدىدا بۆرىگە يولۇققان قوزىدەك غال-غال تىترىگەن بۇ دەۋرنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتى. ئۇلار پۈتمەس-تۈگىمەس ئۆكۈنۈش ۋە ھەسرەت، نادامەت ئىچىدە ئىجادىيەتكە كىرىشىپ كەتتى. ئۇلار ئىجادىيەت جەريانىدا فرانز كافكانىڭ ئالدىن كۆرەرلىككە باي ئىستېتىك تەشەببۇسلىرىدىن مەنىۋى ئوزۇق ئېلىپ، كافكاچە ئىجادىيەت يولىنى يۈكسەك بىر مەنزىلگە ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار ھەر قېتىم قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەندە كافكا ئەسەرلىرىدىن كۈچلۈك تەسەللىگە، زور ئىشەنچكە ئىگە بولدى.
    قارا يۇمۇرچىلىق ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى قاراڭغۇ، رەزىل تەرەپلەرنى كۆپتۈرمە قىلىپ، بىمەنە شەكىلدىكى قورقۇنچ ئېڭىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە ئازابلىق كۈلكە پەيدا قىلىش جەھەتتە باشقا ئېقىملاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەسەرلەرنى يۇمۇر ژانىرىغغا تەۋەمىكىن دەپ ئويلاپ قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىلىۋېلىشقا تېگىشىلىك مۇھىم بىر ئىش بۇ ئەسەرلەر−يۇمۇر تۈسىنى ئالغان يۇمۇردىن تامامەن باشقىچە بولغان تۇرمۇش ھادىسلىرىگە كۈچلۈك تىراگىدىيىلىك دارتىما سىڭدۈرۈلگەن، ئۆزىگە خاس پەلسەپىۋى ئاڭ، ئۆزىگە خاس ئىستېتىك پرىنسىپ، ئۆزىگە خاس ئىپادىلەش ئۇسلۇبىغا ئىگە ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ «ۋەيت دېسە ۋويت...» دەپ ئۈچەي ئۈزۈلگۈدەك كۈلۈپ، بىردەمدىن كېيىن ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىدىغان چاقچاق ئەمەس.
    قارا يۇمۇرچىلىق ئەدەبىياتى ئۆزىگە خاس مۇكەممەللىككە ئىگە سىستېمىلاشقان بىر پەن. ئۇنىڭ سەنئەتتە ئىپادىلىگىنى باشقىچە بىر ئىداراكى مەنىگە ئىگە يۇمۇر بولۇپ، ئۇ بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىگە ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىگە قىلغان مەسخىرىسى، دېگەن يېزىم بىلەن يۈزەكى بىر خىل مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ خىل ئازابلىق يۇمۇر، تىراگىدىيىلىك يۇمۇر، كۈلكە بىلەن ئەمەس قانلىق كۆز ياشلىرى بىلەن بويالغان چاقچاقتۇر. زاغرا تىل بىلەن چۈشەندۈرگەندە، ھەرقانداق بىر يۇمۇر يازغۇچىسى ئۆزىنىڭ بەدبەشرە ھالىتىنى سىدام شەكلىدە سىزىپ چىققان كېسەلمەي رەسسامغا ئوخشايدۇ. بۇ رەسىمدە ئادەمنىڭ باش قىسمىغا جايلاشقان بىنورمال بۇرۇن مورىدەك، كۆز زۇلمەتلىك قاراڭغۇ ھاڭدەك، چىش شېغىل تاشلاردەك، تېرە قاقاس زېمىندەك... تەسۋىرلەنگەن. كىممۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرگەندە كۈلەلەيدۇ؟ ساراڭمۇ؟ ياق! ساراڭمۇ كۈلەلمەيدۇ. ئېھتىمال ئەڭ «نورمال كىشىلەر»لا كۈلەلىشى مۇمكىن.
    قارا يۇمۇرچىلىق ئەدەبىياتى خەلق ئەدەبىياتىدىكى لەتىپىگىمۇ، يۇمۇرغىمۇ ئوخشىمايدىغان ژانىر. دۇنيا ئەدەبىياتىدا بۇ خىل يۇمۇر دەسلەپتە فرانز كافكا ئەسەرلىرىدە دېكىنىس، مارك  تىۋىن قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان شەكىلدە بارلىققا كېلىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغا كەلگەندە ئاندىن ئامېرىكىدا مۇكەممەل بولغان ئىپادىلەش شەكلىگە ئايلاندى. ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى يۇمۇرلارنىڭ كومىدىيەلىك تۈسى قويۇق بولسا، قارا يۇمۇرچىلىق ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن يۇمۇرنىڭ تىراگىدىيىلىك مەنىسى ۋە پەلسەپىۋى مەنىسى چوڭقۇر بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. قارا يۇمۇر يازغۇچىلىرى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى تىراگىدىيىنى ئۆزىگە خاس مەنىگە ئىگە كومېدىيە شەكلىدە ئىپادىلەشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. ئۇلار ئىپادىلەش ئوبيېكتى قىلغان ئىنسانىيەتنىڭ بەختسىزلىكى، ئادەمنىڭ غەم-قايغۇلىرى، سەكرات ئىچىدىكى دات-پەريادلىرى ھەرگىزمۇ كۈلكىگە سەۋەب بولالمايدۇ.
    قارا يۇمۇر يازغۇچىلىرىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئادەم ئۆز مەنىسىدىن ھالقىپ كەتكەن كېسەللىك ھالىتىدىن بىنورمال ئادەم بولۇپ، ئۇ چوڭقۇر ئىستېتىك پىششىقلاشنىڭ مەھسۇلى، ھەرگىزمۇ بىئولوگىيىلىك ئادەم ئەمەس.
    قارا يۇمۇرچىلىق ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى تۇرمۇشنى ئىپادىلەشتە فرانز كافكا ئەسەرلىرىدىكى ئىلغار ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن تۇرمۇش بىمەنىچىلىكىنى پسىخىك ۋاقىت ۋە چۈش مۇھىتى بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئىجادىي ھەم بېيىتىپ ئۆزلەشتۈردى ھەم ئۆزىگە خاس ھالدا ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى، تىلى شەكلى ۋە مەزمۇنلىرىغىچە بولغان بارلىق تەكلىپلەرنىمۇ بىمەنىلەشتۈرۈش ئاساسىدا قارا يۇمۇرچىلىق ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتتى.
    قارا يۇمۇرچىلىق ئەدەبىياتىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى تىل، قۇرۇلما، شەكىل جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئەدەبىيات سەنئىتىدە يەنە بىر يۇقىرى دولقۇن شەكىللەندۈردى.
    قارا يۇمۇرچىلىق ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىدىن توماس فېنچىن، يۈسۈپ ھېللېر، يوھاس باس، ئېدىۋارد ئاربىي، جامىس بودىي، رېچارد شىمڭس، نابىكوف، كورد ۋوننڭوت قاتارلىقلار «مەن سېنى يەنە سۆيەلەيمەن»، «قارلىق قەلئە»، «چاتاق چىقتى»، «ئالتۇنرەڭ ياخشى»، «ھەربىي ئىنتىزامنىڭ 22-ماددىسى» (يۈسۈپ ھېللېر)، «مۈشۈك بۆشۈكى»، «بەشىنچى نومۇرلۇق قۇشخانا»، «روسېۋات ئەپەندى، سىزنى خۇدا ساقلىسۇن» (كۇرد ۋوننىگوت)، «جەلپكار ھەسەن-ھۈسەن» (توماس فېنچىن)، «يولنىڭ ئاخىرقى چېكى»، «تاماكا بېدىگى» (يوھاس باس) دېگەن ئەسەرلىرى بىلەن دۇنيا ئەدەبىياتى سەھنىسىدە يۇقىرى شان-شۆھرەتكە ئىگە. يەنە تېخى ۋىليام فولكنېر، بىرنارد مالامود، ئوكېننار، جون شېۋىر، ئاپدايىك ۋە ئوتېس قاتارلىقلار بار.
    ئومۇملاشتۇرغاندا قارا يۇمۇرچىلىق ئەدەبىياتى مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى ۋە فرانز كافكانىڭ ئىستېتىك ئىدىيىلىرىنى ئاساس قىلىپ، فرانز كافكاچە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنى دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى گۈللەنگەن بىر پارلاق سەھىپىنى ئاچتى.
    فرانز كافكا 20-يىللارنىڭ ئاخىرىسىدا لاتىن ئامېرىكىسىغا تونۇشتۇرۇلۇشقا باشلىغانىدى. 40-يىللارغا كەلگەندە ئۇنىڭ ئومۇمىي ئەسەرلىرى ئىسپان تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولدى. كافكا ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە نەشر قىلىشتا بورگىسنىڭ ئوينىغان رولى ناھايىتى چوڭ بولدى. ئۇ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئۆز قولى بىلەن تەرجىمە قىلدى. فرانز كافكا ئەسەرلىرىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدا تارقىلىشى ئەينى دەۋردە يېڭى باش كۆتۈرۈۋاتقان پارتلاش ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەشتۈردى. 50-يىللار كافكا قىزغىنلىقىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدا يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ھەم لاتىن ئامېرىكىسى پارتلاش ئەدەبىياتى ئەڭ گۈللەنگەن باسقۇچقا قەدەم قويغان بىر دەۋر بولدى.
    لاتىن ئامېرىكا پارتلاش ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن جۇئان رولفو، بورگس، گارسىيە، ماركىس قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن كافكاچە ئىجادىيەت يولىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى مەدەنىيەت تۇپرىقىدىكى ئۆزگىچە بولغان بىر تەرەققىياتنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. فرانز كافكا ئەسەرلىرى بىلەن پارتلاش ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ۋە پىرسوناژلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدىكى ئورتاقلىقلار بۇنى تېخىمۇ ئىسپاتلايدۇ.
    كافكاشۇناسلىقنىڭ گېرمانىيەدە قانات يېيىشىنىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. گېرمانىيە ئۇرۇشتىن كېيىن ئۆزىنىڭ سىرتقا دۇنيا بىلەن ئۈزۈلۈپ قالغان 20 يىللىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. گېرمانىيەدە كافكاشۇناسلىقنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق باش كۆتۈرۈش تازا مۇشۇ دەۋرگە توغرا كەلدى. بۇ دەۋرگە كەلگەندە كافكاشۇناسلىققا ئائىت ماقالىلەر ھەم ئۇنىڭ ئەسەرلىرى پۈتكۈل مەتبۇئات سەھىپىلىرىنى دېگۈدەك تولۇق قاپلاپ كەتتى. فرانز كافكانىڭ باشقا دۆلەتلەردىمۇ تېخى نەشر قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن بىرقىسىم ئەسەرلىرى قوشۇلۇپ، بارلىق ئەسەرلىرى كەينى-كەينىدىن بېسىپ تارقىتىلدى. گېرمان تىلى كىتابخانلىرى كېيىنكى دەسلەپكى يىللاردا ئاندرى ژىدنىڭ كافكا ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ كافكا ئەسەرلىرىگە يەنىلا ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئەدەبىياتشۇناسلىقلار ۋە ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ دىن، پەلسەپە، پسىخولوگىيە، پوزىۋىتىزىم نۇقتىلىرىدىن چىقىپ، كافكا ئەسەرلىرىنى شەرھلىدى. ئاندرى ژىدنىڭ 50-يىللاردا ئېلىپ بارغان بىر قىسىم ئىدىئولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئىدىيىلىرى سولچىل پىكىر ئېقىمدىكىلەرنىڭ تازا قىزغىن بولمىغان مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ قالدى. ئۇلار ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيە بارلىق نەرسىلەر كۆزنى چاقنىتىدىغان دەرىجىدە گۈزەل بىر دەۋردە تۇرۇۋاتىدۇ، يەنە چۈشكۈنلۈك، خۇراپاتلىق قاتارلىقلارنى كۆتۈرۈپ چىقىدىغان دەۋر ئەمەس، دەپ خاتا قاراشتا بولدى. ئۇلار يەنە ئەدەبىيات دېگەن ئەدەبىيات، ئەدەبىياتقا پەقەت سەنئەتكارلارغا خاس مەيداندا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك، ئەدەبىياتقا باھا بېرىشتە، ئەدەبياتنى چۈشىنىشتە غەيرىي ئەدەبىيات مۇناسىۋەتلىرىنى تەكىتلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ئەسەرگە بىۋاسىتە قاراش كېرەك. ئەدەبىي ئەسەرلەرنى پەقەت مەدەنىيەت، سەنئەت ئامىللىرى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندىلا كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ، دەپ قاراشتى. 70-يىللارغا كەلگەندە ئىستېتىكانى ئاساسىي نۇقتا قىلغان ئىلمىي مىتود رەسمىي شەكىللەندى. كىتابخانلارغا خېلى كۆپ ئىمكانىيەت بېرىدىغان بايان قىلىش ئۇسۇللىرى شەكىللەندى. كافكانىڭ ئەسەرلىرىدىكى نۇرغۇن بوشلۇقلار ئوبزورچىلارنىڭ ئەمەس بەلكى كىتابخانلارنىڭ تولۇقلاپ ئوقۇشىغا كەڭ يول ئېچىپ بەردى. ئۇرۇشتىن ئىلگىرى گېرمانىيەتنىڭ داڭلىق يازغۇچىلىرىدىن دوبېرد، مىجىر، توماس مان، ھېرمان، ھېسسىي قاتارلىقلارنىڭ كافكاغا بەرگەن باھاسى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن ئاندىرى ژىدنىڭ ئېلىپ بارغان بىر قاتار پائالىيەتلىرى ھەم مەخسۇس تەتقىقات ئەسەرلىرى گېرمانىيە كافكاشۇناسلىقنىڭ ئاساسىنى سېلىپ بەردى.
    70-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە كافكا ئەسەرلىرى گېرمانىيە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىلىرىگە كىرگۈزۈلدى. ئالىي مەكتەپ ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىدا كافكاشۇناسلىق مەخسۇس بىر پەن سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. فرانز كافكانىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، پەلسەپە جەھەتتىكى نەتىجىلىرى، ئىجادىيەتتىكى ئەستايىدىللىقى گېرمانىيەلىكلەر پەخىرلىنىدىغان تېمىسىغا ئايلاندى. شۇنداقتىمۇ گېرمانىيەتلىكلەرنىڭ كافكاغا تۇتقان پوزىتسىيىسى يەنىلا فرانسىيە، ئامېرىكا ۋە لاتىق ئامېرىكىسىدەك قىزغىن بولماستىن بەلكى بىر خىل سوغۇققانلىق ئاساسىدا تۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ بىر سىر...
    شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كافكانى قوبۇل قىلىشى يەنىلا 2-جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئىش. ئۇلارنىڭ فرانز كافكا ئەسەرلىرىنى قوبۇل قىلىشى مول زىددىيەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان. دەسلەپتە، ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنىپ، شۇ ئاساستا ئۇنىڭغا باھا بېرىلدى. كافكاغا رېئالىزىمچى يازغۇچى دەپ باھا بېرىپ، سىياسىي مەيداندا تۇرۇپ ماركىسزىملىق ئەدەبييات-سەنئەت نەزەرىيىلىرى ئاساسىدا بىر يۈرۈش تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى، لېكىن بۇ تەتقىقاتلار كېيىنكى يىللاردا پۇت تىرەپ تۇرالمىدى. چىخسلوۋاكىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەر بىر قەدەر ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولدى. ئۇلار «سوت»، «ئامېرىكا»، «دادامغا خەت» دېگەن ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى. پولشا «سوت»، «قەلئە»، «ھۆكۈم»، «مىلىننانىڭ خەت-چەكلىرى»، «كافكا ھېكايىلىرى»، «كۈندىلىك خاتىرە» قاتارلىقلارنى تەرجىمە قىلدى. 1961-يىلىغا كەلگەندە رۇس يازغۇچىلىرىنىڭ قولىدا ئاپتورى نامەلۇم بولغان «سوت» ناملىق بىر روماننىڭ ماشىنكىدا ئۇرۇلغان رۇسچە نۇسخسى پەيدا بولۇپ قالدى. زىيالىيلار بۇ ئەسەرنى مەخپىي ھالدا قولدىن-قولغا ئېلىپ ئوقۇپ، سوۋېت جەمئىيىتىنى بۇنداق ماھارەت بىلەن تەسۋىرلىيەلىگەن قانداق تالانت ئىگىسىدۇر، دەپ ھەيران قېلىشتى. بۇ نامەلۇم يازغۇچىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، سوۋېتتىن يېڭى بىر تالانت ئىگىسى چىققانلىقىدىن سۆيۈنۈپ، ئاپتورنى مەدھىيلەشتى. ئاپتور ھەققىدە خىلمۇخىل پەرەزلەرنى قىلىپ قايمۇقۇپ يۈرگەن كىشىلەر 1965-يىلى «سوت»نىڭ رۇسچە نۇسخىسى رەسمىي نەشر قىلىنغاندا ئاندىن بۇ ئاپتورنىڭ فرانز كافكا ئىكەنلىكىنى بىلىپ لاسسىدە بولۇپ قېلىشتى. 1966-يىلىغا كەلگەندە سوۋېت ئىتتىپاقىدا كافكاغا ئىلمىي باھا بېرىلىپ، قامۇسلارغا كىرگۈزۈلدى ھەم خېلى كۆپ ئەسەرلىرى رۇس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك خەلقلىرىگە تونۇشتۇرۇلدى.
    80-يىللاردا ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنىڭ كافكانىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى بىلەن ئانا تىلىدا تونۇشقان دەۋر بولدى. كافكا ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىغا «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى، «تارىم» ژۇرنىلى قاتارلىقلار ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. بىزدە ھازىرغىچە فرانز كافكانىڭ «يېزا دوختۇرى» (مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى)، «ئاچلىق سەنئەتكارى» (مۇساجان ئەزىز تەرجىمىسى)، «قانۇن دەرۋازىسى ئالدىدا» (مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى)، «چۈش» (كۈرەشچان ئۆمەر تەرجىمىسى)، «كۆۋرۈك» (كۈرەشچان ئۆمەر تەرجىمىسى)، «ئاكادېمىيىگە دوكلات» (كۈرەشچان ئۆمەر تەرجىمىسى) قاتارلىق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىپ كىتابخانلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا «ھۆكۈم» دېگەن ئەسەرنى تونۇشتۇردۇق. ئۇنىڭدىن باشقا كافكانىڭ «شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرىسى»، «چىلەككە مىنىۋالغۇچى»، «ئون بىر ئوغۇل»، «ئىت ھەققىدە تەتقىقات» دېگەن ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولدى. ژۇرنىلىمىزنىڭ كېيىنكى سانلىرىدا بۇ ئەسەرلەرنىمۇ دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

    خاتىمە

    فرانز كافكا ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشى بۈگۈنى ۋە ئەتىسىگە مەنسۇپ يازغۇچى. ئۇ 20-ئەسىر مەدەنىيەت تارىخىدىكى خۇددى سىگموند فرىئودقا ئوخشاش چۈشۈنۈپ يېتىش تولىمۇ مۈشكۈل بولغان يەنە بىر سىرلىق شەخس.
    فرانز كافكانىڭ دۇنياۋى شان-شۆھرىتى ئۇنى تەتقىق قىلىش، ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ئىشلىرىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بۇ كىچىك ئەمگەك دۇنيا ئەدەبىياتىغا قارىغاندا ھەر جەھەتتىن ئارقىدا قالغان ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن ئاز-تولا نەپ بېرەلىسە ئەجەپ ئەمەس.
    مەن بۇ ماقالىدا فرانز كافكانىڭ ئىجادىيىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان پەلسەپە، ئەدەبىيات-سەنئەت ھادىسلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتۈم.
    بۇ ماقالىنى يېزىش جەريانىدا راخمان مامۇت قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ، پەرھات تۇرسۇن، مېھرىنسا ئىسمائىل، مەمتىمىن ئەلا، پەرھاد ئىلىياس... قاتارلىق دوستلارنىڭ يېقىندىن قوللىشىغا ئېرىشتىم. ئۇلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن.


    - تەڭرىتاغ ژورنىلى دىن ئېلىندى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : كافكا , مودېرنىزىم ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-5-16 13:23:07
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 371
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证