تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› باشقا ئاتالغۇلار ›› دۆلەتلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشى=国家转性
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
دۆلەتلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشى=国家转性
Biliwal
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 7
biliwal@qq.com

يازما سانى : 152
باھا يازما سانى : -1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

دۆلەتلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشى=国家转性

   دۆلەتلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشى   «تىپ ئۆزگەرتىش» دېگەن سۆز ئىككى خىل مەنىگە ئىگە بولۇپ، بىرىنچى مەنىسى، ئىجتىمائىي قۇرۇلما، مەدەنىيەت فورماتسىيەسى، قىممەت قارىشىدا ئۆزگىرىش بولۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچى مەنىسى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسى تەرتىپتە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، قانۇن نوپۇزىنىڭ ھەقىقى تىكلىنىپ ساختا دىموكراتىيە ۋە مۇستەبىتلىكنىڭ، شۇنداقلا دىكتاتۇرىنىڭ دىموكراتىيە ۋە خەلق رايىغا ئورۇن بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ.
 
   كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي قۇرۇلما، ئىقتىسادىي قۇرۇلما، سىياسىي تۈزۈم، مەدەنىيەت فورماتسىيەسى، قىممەت قارىشى قاتارلىقلاردا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولغان دۆلەتنى «تىپ ئۆزگەرتكەن دۆلەت» دېيىشكە بولىدۇ. تار مەنىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگونى، شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن سىياسىي(مەسىلەن، سىياسىي تۈزۈم، ئېدولوگىيە) ۋە ئىقتىسادى (پىلانلىق ئىگىلىكتىن بازار ئىگىلىكىگە ئۆتۈش)دا ئۆزگىرىش بولغان دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا دائىم ئۇچرىتىدىغان «تىپ ئۆزگەرتكەن دۆلەت» ئەمەلىيەتتە تار مەنىدىكى ئۇقۇمنى كۆرسىتىدۇ.
   غەرب دۆلەتلىرىدىكىلەر مۇنداق قارايدۇ: تىپ ئۆزگەرتىش شەكلىدىن قارىغاندا، ئۇ «تەدرىجىي ئىلگىرىلەش شەكلى» ۋە «پارتلاش شەكلى» دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئالدىنقىسى جۇڭگو، ۋېيتنام، سىلوۋېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكىسى رۇسىيە، پولشا، چېخىيە، ئۇكرائىنا، بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. تەدرىجىي ئىلگىرىلەش شەكلىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىسلاھاتى ئادەتتە بالدۇر باشلانغان بولىدۇ، بىر قەدەر ئېنىق ئەندىزىگە بويسۇنىدۇ. «پارتلاش شەكلى»دىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىسلاھاتى نىسبەتەن كېچىكىپ باشلانغان بولىدۇ. 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئاخىرى 90 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، تىپ ئۆزگەرتكەن نۇرغۇن دۆلەت ئېدولوگىيەدە ئەركىن بازار ئىگىلىكى ۋە كاپىتالىزمنى يېتەكچى قىلغان.
   خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 2000 - يىلى تۆۋەندىكى دۆلەتلەرنى«تىپ ئۆزگەرتكەن دۆلەت» دەپ بەلگىلىگەن. ئۇلار ئالبانىيە، ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان، بېلارۇسىيە، بۇلغارىيە، بىرما، جۇڭگو، كىرودىيە، چېخىيە، ئېستونىيە، گىرۇزىيە، ۋېنگرىيە، ھىندستان، لائوس، لاتۋىيە، لىتۋا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ماكېدونىيە، مولدوۋا، پولشا، رۇمىنىيە، رۇسىيە، سىلوۋاكىيە، سىلوۋېنىيە، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئۇكرائىنا، ئۆزبېكىستان، ۋېيتنامدىن ئىبارەت.
    2002 - يىلى بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا، يۇگوسلاۋىيە، يەنى كېينكى سېربىيە، مونتېگرولارمۇ «تىپ ئۆزگەرتكەن دۆلەت» دەپ قارالدى. يەنە باشقا تەتقىقاتچىلار موڭغۇلىيە بىلەن ئىراننىمۇ «تىپ ئۆزگەرتكەن دۆلەت» دەپ قارىدى. 2004 - يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا سەككىز دۆلەت (چېخىيە، ئېستونىيە، ۋېنگرىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، پولشا، سىلوۋاكىيە، سىلوۋېنىيە) تىپ ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى.
«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دىن


مۇھىم خەتكۈچلەر : ئالبانىيە , ئەرمېنىيە , ئەزەربەيجان , بېلارۇسىيە , بۇلغارىيە , بىرما , جۇڭگو , كىرودىيە
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-5-14 19:59:49 باھا : 0 كۆزىتىش : 126
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证