تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   بىلىۋېلىڭ ›› ئىقتىسادى خەۋەرلەر ›› ئىقتىسادى بىلىملەر ›› كىرىدىت كارتىسى ياخشى نەرسىمۇ؟
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
كىرىدىت كارتىسى ياخشى نەرسىمۇ؟
Biliwal
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 7
biliwal@qq.com

يازما سانى : 152
باھا يازما سانى : -1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

    كىرىدىت كارتىسى يەنە ئىناۋەتلىك قەرز كارتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تۇراقلىق كىرىمى بار نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە كىرىدىت كارتىسى خالىغاندا پۇل قەرز ئېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ياخشى نەرسە ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭغا ئېرىشىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ئەمما كىرىدىت كارتىسىدا يىللىق 200سومدىن 2000سومغىچە ئېلىنىدىغان باشقۇرۇش ھەققىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھەق ئۈندۈرۈش شەكىللىرى بولۇپ كارتا ئىگىسى ھەر يىلى تۇيمايلا نۇرغۇن پۇلنى بانكىغا سېلىپ بېرىدۇ. تۆۋەندىكىلىرى بانكىنىڭ كىردىت كارتىسىدىن ئارتۇق كىرىم قىلىشنى بىلىۋالىدىغان ئۇسۇللار.

    ئېھتىيات قىلىدىغان بىرىنچى نۇقتا: كىرېدىت كارتىسىغا پۇل ئامانەت قويسىڭىز ئۆسۈم بەرمەيدۇ، بىراق ئۇنىڭدىن پۇل ئالسىڭىز ھەق ئالىدۇ. كىرېدىت كارتىڭىزدىن پۇل ئالغانلىقىڭىز ئۈچۈن ھەق ئېلىپلا قالماي، يەنە ئۆزىڭىز كارتىغا قويۇپ قويغان پۇلنى چىقىرىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ ھەق ئالىدۇ.
   ئېھتىيات قىلىدىغان ئىككىنچى نۇقتا: كىرېدىت كارتىسىدىن ئالغان نەق پۇلنىڭ ئۆسۈمسىز مۇددىتى بولمايدۇ. كارتا ئارقىلىق ئىستېمال قىلغان پۇلغا بىر ئايغىچە ئۆسۈم ھېسابلانمايدىغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشى كىرېدىت كارتىسى ئىشلىتىشكە ئامراق. ئەمما كارتا ئىشلەتكەندە شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، كارتا ئارقىلىق ئىستېمال قىلىش كارتىدىن نەق پۇل ئېلىش دېگەنلىك ئەمەس. كارتىدىن ئالغان قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈمى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، بەلكى كۈنىگە %0.0005 بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ.
   ئېھتىيات قىلىدىغان ئۈچىنچى نۇقتا: چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىستېمال قىلسىڭىز ھەق ئېلىنىدۇ. ھازىرقى كىرېدىت كارتىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىناۋەت چېكىدىن ئاشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ، بۇ، چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىستېمال قىلىش، دېيىلىدۇ. ئەگەر چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىستېمال قىلغان قەرز پۇلنى ھېسابات تالونى چىقىدىغان كۈندىن بۇرۇن تۆلىۋەتمىگەندە، چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىستېمال قىلغان سوممىنىڭ %5ى بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ.
   ئېھتىيات قىلىدىغان تۆتىنچى نۇقتا: ئاپتوماتىك قەرز پۇل قايتۇرۇشتىن چاتاق چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. نۇرغۇن كىشى ‹‹قەرز پۇلنى قايتۇرۇۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالارمەنمىكىن›› دەپ ئەنسىرەپ، كىرېدىت كارتىسىدىكى قەرز پۇلنى دېبېت كارتىسىدىن ئاپتوماتىك تۆلىنىدىغان قىلىپ، بۇ ئىككى كارتىنى بىر – بىرىگە باغلاپ قويىدۇ. لېكىن بۇ ئىككى كارتا ئوتتۇرىسىكى ھېسابات ئەڭ كېچىككەندىمۇ قەرز پۇل قايتۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مۆھلىتىدىن ئىككى كۈن ئاۋۋال ئۈزۈلۈپ بولۇشى كېرەك. چۈنكى باغلانما مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئاپتوماتىك تۆلەنگەن قەرز پۇلنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى دەلىللەشكە ئۇزاق بولغاندا ئىككى كۈن كېتىدۇ، بۇ ئىككى كۈندە قەرز پۇل قايتۇرغىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئاخىرقى قەرز پۇل قايتۇرۇش مۆھلىتى مۇشۇ ئىككى كۈنگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇ چاغدا ئاپتوماتىك قەرز پۇل قايتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي قالىدۇ.
   ئېھتىيات قىلىدىغان بەشىنچى نۇقتا: تەكرار قەرز پۇل قايتۇرۇش. بەزىلەر دېبېت كارتىسىدىن ئاپتوماتىك قەرز پۇل قايتۇرىدىغان قىلىپ بېكىتىپ قويغان بولسىمۇ، «تېخىمۇ بىخەتەر بولسۇن» دەپ، يەنە ئۆزى نەق پۇل سېلىپ قەرز پۇل قايتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىستېما ئاپتوماتىك قەرز پۇل قايتۇرۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن پۇل تۇتۇۋېلىش ھۆججىتىنى شەكىللەندۈرۈپ بولىدۇ، ئەگەر قەرز پۇل قايتۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مۆھلىتىدە شۇنداقلا ئاپتوماتىك قەرز پۇل قايتۇرۇشتىن ئىلگىرى كىرېدىت كارتىسىغا نەق پۇل سېلىۋېتىلسە، ئاپتوماتىك تۆلىنىدىغان قەرز پۇل يەنە ئوخشاشلا تۆلىنىۋېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا پۇل كارتىغا ئارتۇق كىرىپ كېتىدۇ، ھالبۇكى مۇشۇ پۇلنى ئالغاندىمۇ ھەق ئېلىنىدۇ.
   ئېھتىيات قىلىدىغان ئالتىنچى نۇقتا: سېتىۋالغان مالنى قايتۇرۇۋەتكەندە چاتاق چىقىدۇ. كىرېدىت كارتىسىدىن چىقىم قىلىپ سېتىۋالغان تاۋارنى قايتۇرۇۋەتكەندە، سىزگە نەق پۇل قايتۇرۇلمايدۇ، بەلكى قايتۇرۇلغان پۇل كارتىغا ئۇرۇۋېتىلىدۇ. ناۋادا سىز شۇ مالنى سېتىۋالغاندا شەكىللەنگەن قەرزنى مال قايتۇرۇشتىن بۇرۇن تۆلىۋەتكەن بولسىڭىز، بۇ چاغدا پۇلىڭىز كارتىغا يەنە ئارتۇق كىرىپ كېتىدۇ.


مۇھىم خەتكۈچلەر : كىرىدت كارتىسى
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-5-14 15:31:59 باھا : 0 كۆزىتىش : 90
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证