ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى ئىلزابىت II شۇ يەر ۋاقتى 2010-يىلى 11 - ماي كەچ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ داھىيسى داۋىد كامېرونغا يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقى بەردى. بۇنىڭ بىلەن كامېرون ئەنگلىيەنىڭ يېقىنقى 200 يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ياش باش ۋەزىرگە ئايلاندى ۋە ئىلگىرىكى باش ۋەزىر گىئورگى بىروۋىننىڭ ئورنىنى ئېلىپ دوۋنىڭ كوچىسى 10-نومۇرغا كۆچۈپ كىردى.
دەيۋى كامېرون 1966 - يىل 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئوكسفورد شەھرىدىكى ئوتتۇرىھال ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئاتىسى پايچىك ۋاسىتىچىسى، ئانىسى سوتچى. كامېرون ئېتون جامائەت مەكتىپىدە، كېيىن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە، سىياسىيشۇناسلىق ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرىنى ئۆگەنگەن. كامېروننىڭ سىياسىي ھاياتى ئانچە ئۇزاق ئەمەس. ئۇ1988-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ تەتقىقات بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. 1992-يىلى ئۇ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىسى بولغان ۋە دەسلەپ مالىيە مىنىستىرلىكىدە كېيىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلغان. 1997-يىلى كامېرون يەرلىك سايلامنىڭ تۆۋەن پالاتا ئەزالار سايلىمىغا قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغان. 2001- يىلى تۇنجى قېتىم پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. كامېرون 2003 - يىلى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سايە كابىنېتىغا كىرگەن، 2005 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى 39 يېشىدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ داھىيلىقىغا سايلانغان. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىمقى سايلامدا، ئۇ «ئىسلاھاتقا ئاۋاز بېرىڭلار» دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، سايلىغۇچىلارنىڭ «ئىسلاھاتقا ئىنتىلىش» پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ لېيببورېستلار پارتىيەسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، يېڭى ئەنگلىيە بەرپا قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن. كامېرون باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كرىگ بىلەن پارتىيەلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى قايرىپ قويۇپ، ئاۋام ۋە دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ «كۈچلۈك ھەم مۇقىم ھۆكۈمەت» قۇرماقچى بولدى. ئۇ ئەنگلىيە دۇچ كەلگەن مالىيە قىزىل رەقىمى مەسىلىسى، ئىجتىمائىي مەسىلە قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى، خەلقنى يېتەكلەپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كامېرون 2007 - يىلى 19 - دېكابىر ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان. ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسىدىن كېلىپ چىققان رەپىقىسى سامانسا بىلەن 1996 - يىلى توي قىلغان. كامېروننىڭ چوڭ ئوغلى ئىۋان 2009-يىلى 2-ئايدا نېرۋا پارالىچى بىلەن 6 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ ھازىر بىر ئوغۇل بىر قىزى بار، دوۋنىڭ كوچىسىغا كۆچۈپ كىرگەندە ئايان بولغىنىدەك سامانسا ھازى ھامىلدار.