تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمئيەت ›› ئورگان ›› فىلدىز مۇكاپاتى=Fields Medal
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Biliwal
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 285
    biliwal@qq.com

    يازما سانى : 170
    باھا يازما سانى : -1
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-9-23 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    فىلدىز مۇكاپاتى=Fields Medal

       نوبېل مۇكاپاتى (Nobel Prize) ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئەڭ ئابرويلۇق مۇكاپات بولۇپ ، شىۋېتسىيىلىك خېمىك ھەم پارتىلاتقۇچ دورا كەشپىياتچىسى ئالفېرد نوبېل (Alfred Nobel) نىڭ ۋەسيىتى بويىچە ، ئۇنىڭ بىر قىسىم مىراسلىرىنى مۇكاپات فوندى قىلىپ تەسىس قىلىنغان . بىراق نوبېل ، كەشپىياتچى ھەم سانائەتچى خوجايىن بولغاچقا   نوبېل ماتېماتىكا مۇكاپاتى   تەسىس قىلىنمىغان . چۈنكى ، ئۇ ماتېماتىكىغا ئالاھىدە قىزىقمىغان ھەم ماتېماتىكىنى نەزەرىيىۋى پەن دەپ قارىغان . ئەمەلىيەتتە ئۇ ، بۇ مۇكاپاتنى   ئىنسانلارغا بەخت يەتكۈزىدىغان ئەڭ ياخشى كەشپىيات ياكى بايقاش مۇكاپاتى   - دەپ ئېيتىدۇ .   ئۇنداقتا ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئەڭ ئابرويلۇق مۇكاپات قايسى ؟
        1924 - يىلى تورۇنتودا يەتتىنچى نۆۋەتلىك خەلىقئارا ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى ئېچىلدى ، ماتېماتىك فىلدىز (John Charles Fields) قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقاندا قالغان ئىقتىسادى بىلەن بىر ماتېماتىكا مۇكاپاتى تەسىس قىلىشقا تەكلىپ بەرگەن . ئۇ ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ مىراسىنى بۇ مۇكاپاتنىڭ مۇكاپات فوندىنىڭ بىر قىسىمى قىلىشقا ۋەسيەت قالدۇرغان ھەمدە بۇ مۇكاپاتنى ھەر قانداق دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ نامى ياكى شەخىسنىڭ نامى بىلەن ئاتىماسلىققا تەكلىپ بەرگەن . شۇنداق بولسىمۇ خەلىقئارا ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى بۇ مۇكاپاتنى ئۇنىڭ نامى بىلەن  فىلدىز مۇكاپاتى   (Fields Medal) دەپ ئاتاپ ، فىلدىزنى خاتىرلەپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن .
         فىلدىز كانادالىق ماتېماتىك بولۇپ ، 1863- يىلى توغۇلۇپ ، 1932- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن . فىلدىزنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى تۆھپىسى ئانچە گەۋدىلىك بولمىسىمۇ ، لېكىن ماتېماتىكا تەتقىقاتىنى ئويۇشتۇرۇش ، ئالماشتۇرۇش تەرەپلەردە زور رول ئوينىغان .   فىلدىز مۇكاپاتى (Fields Medal) بولسا، ماتېماتىكىدا تۆھپىسى ئەڭ زور بولغان يېشى 40 تىن ئاشمىغان ئىككى ، ئۈچ ياكى تۆت  ماتېماتىكلارغا ، خەلقئارالىق ماتېماتىكا ئويۇشمىسى  (International Mathematical Union قىسقارتىلىپ IMU دېيىلىدۇ ) نىڭ ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئېچىلدىغان خەلقئارالىق ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى  (International Congress of Mathematicians قىسقارتىلىپ ICM دېيىلىدۇ) دا بېرىلدىغان بولۇپ . بۇ مۇكاپات ھازىر ماتېماتىكلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى شان - شەرپى بولۇپ قالدى .   
       1936 - يىلى نورۋېگىيە(Norway) نىڭ ئوسلو(Oslo) دا ئېچىلغان 10- نۆۋەتلىك ICM دا تۇنجى قېتىملىق فىلدىز مۇكاپاتى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى فىللاندىيە ياش ماتېماتىكى ئالفورس (Lars Ahlfors) بىلەن ئامېرىكا ماتېماتىكى داگلاس (Jesse Douglas) قا بېرىلدى . شۇنىڭدىن كېيىن چاقىرىلغان ھەر قېتىملىق ICM نىڭ بىرىنچى كۈن تەرتىپى فىلدىز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش بولدى . ICM بىلەن فىلدىز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى ھەر قايسى گېزىت ژورناللار بەس-بەستە زىيارەت قىلىپ خەۋەر قىلدى . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ مۇكاپات 15000 ئامېرىكا دوللىرى ۋە بىردانە ئالتۇن مېدال بېرىلدىغان چوڭ مۇكاپاتقا ئايلاندى . كىشىلەر ، فىلدىز مۇكاپاتى ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئابرويى ئەڭ يۇقىرى بولغان مۇكاپاتلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىردەك ئېتراپ قىلىشتى ، ھەم ئۇنى  ماتېماتىكا ساھەسىدىكى نوبېل مۇكاپاتى   دەپ ئاتىدى .  تۆۋەندىكى جەدۋەلدە 1936 - يىلدىن 2006 - يىلغىچە بولغان ۋاقىتتىكى ICM نىڭ ئېچىلغان ۋاقتى ۋە فىلدىز مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر كۆرسىتىلدى
    [biliwal تەستىقلىدى . 2010-5-8 9:37:30]


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مۇكاپات , نوبېل , فىلدىز , ماتىماتىكا
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-5-8 9:36:36
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 412
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证