تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مەخسۇس ئەسەرلەر ›› يۈ جەمەتىنىڭ كەچمىشلىرى ›› خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (14- يېڭى ھۆكۈمەت)
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (14- يېڭى ھۆكۈمەت)
Enqa
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 15
Enqa@qq.com

يازما سانى : 70
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)
 نۇرمۇھەممەت توختى


14- يېڭى ھۆكۈمەت

 

خۇنەن چاڭشالىق يۈ يىڭخەن دارىننىڭ نەۋرىسى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنىڭ شىنجاڭ خوتەنلىك ئوغلى ئابدۇقادىر (يۈ خەيسىڭ) ئىككى ياشقا تولۇپ، تەم-تەم ماڭغان 1950-يىلى 2-ئايدا كېرىيە ناھىيىسى تىنچلىق بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىن كومپارتىيىنىڭ قولىغا ئوتتى، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 2-كورپۇس 5-دېۋىزىيە 1-باتالىيوننىڭ كومباتى ۋاڭ جىنشەن بىر باتاليون ئەسكەرنى باشلاپ كېرىيەگە كىرىپ ئورۇنلاشتى. 4-ئاينىڭ 26-كۈنى شۈي فازىڭ ج ك پ كېرىيە ناھىيىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا، مۇتەللىپ تۇردىيۇۋ كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەندى. گومىنداڭ كېرىيە ناھىيىلىك فىرقىسىنىڭ شۇجىسى سۈي كۇن ھوقۇقنى شۈي فازىڭغا، گومىنداڭ ۋاقتىدىكى ھاكىم ئىسمايىلخان ھاكىملىق تامغىسىنى مۇتەللىپ تۇردىيۇۋغا ئۆتكۈزۈپ بەردى، ھاكىمىيەت ئالماشتى، ھاكىمىيەت ئالمىشىشقا ئەگىشىپ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنىڭ ۋەزىپىسىمۇ لەنگەر يېزىلىق (ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدە 4-رايون دەپ ئاتىلاتتى) ساقچى پونكىتىنىڭ سوجاڭلىقىدىن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تىلماچلىقىغا ئۆزگەردى، ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەكلا چىققانىدى، بىر يىل بۇرۇن گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ كېرىيەدە تۇرۇشلۇق روتا كوماندىرى جاڭ ليەنجاڭ «13 ئورۇندىكى ئاشلىق ئامبىرىغا ئوت قويىمەن» دەپ تەھدىت سېلىپ، ھاكىم ئىسمايىلخانغا ناھىيە خەزىنىسىنى ئاچتۇرۇپ، ئالتۇنلارنى ئۆتكەمىدە تاسقاپ، ئۆتكەمىدىن ئۆتمىگەنلىرىنى ئېلىپ تىبەت تەرەپكە قاچقاندا لەنگەردىن ئۆتكەنىدى، ئۇ: «كومپارتىيە كەلسە گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ، جاننى ساقلاش ئۈچۈن قاچايلى» دېدى.
جاڭ ليەنجاڭ بىلەن مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنىڭ كونا ئاداۋىتى بار ئىدى. شۇڭا، ئۇ توسۇۋالارمىكىن دەپ مۇھەممەت بېگىمگە خۇشامەت قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ تۆت-بەش ئادىمىنىڭ قولىدا قورال بولغاچقا، مۇھەممەت بېگىممۇ ئۇنىڭ قاتىللىق قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇ جاڭ ليەنجاڭنى توسمىدى. «قارىقويۇق ئۆلتۈرۈۋەرمەس، ئۇلار كەلسىمۇ يەرلىكلەرنىڭ تىلىنى بىلىدىغان ئادەمگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، تىلنى بىز ئۆرۈپ بەرمىسەك گېپىنى قانداق ئۇقتۇرىدۇ؟» دېگەنىدى جاۋابەن ئۇ. ئەمدى مانا ئىش ئۇنىڭ دېگىنىدەكلا بولۇپ چىقتى، كومپارتىيىمۇ ئۇنى تىلماچلىققا تەكلىپ قىلدى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا كومپارتىيە ئۇنى تەكشۈرۈپتۇ، گومىنداڭ ئەزاسى ئەمەسلىكى، قان ياكى مال قەرزگە بوغۇلمىغانلىقى، ئادىل ئىش قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىپتۇ، يەرلىكلەر ئىسپات بېرىپتۇ. «ئوبدان ئادەم ئۇ، ئادىللىق بىلەن يۇرت سورايدۇ» دېيىشىپتۇ يەرلىكلەر. مانا شۇ  تەكشۈرۈشتىن كېيىن كومپارتىيە ئۇنى ئىشلىتىش قارارىغا كەپتۇ، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىمنىڭ قارىشىچە، ساقچىخانىدا سوجاڭ بولسىمۇ، ناھىيىدە تىلماچ بولسىمۇ ئوخشاش ئىدى. گەپ چېگرا رايوننى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشتا ئىدى.
مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېگىم ناھىيىدە تىلماچلىق قىلىشقا كىرىشتى، ئۇ ئەمدى بېگىم دەپ ئەمەس، يولداش دەپ ئاتىلاتتى. يولداش مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭنىڭ ۋەزىپىسى شۇجىنىڭ سۆزىنى يەرلىكلەرگە، يەرلىكلەرنىڭ سۆزىنى شۇجىغا ئۆرۈپ بەرسىلا بولاتتى، ئۇ بۇرۇنمۇ ۋە ھازىرمۇ گېزىت كۆرۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، سىياسىي گەپلەرنىمۇ ئۆرۈيەلەيتتى، ئۇنىڭ ئۆرۈگەنلىرى دەسلەپتە شۈي فاسىڭ شۇجىنىڭ زالىم-زومىگەرلەرنى يوقىتىش، يېڭى ھاكىمىيەت قۇرۇش، ئادالەت ئورنىتىش توغرىسىدىكى گەپلىرى بولدى، ئارقىدىنلا ۋاڭ شىئېن شۇجىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، خې جياسەن قوماندانلىقىدىكى مۇستەقىل ئاتلىقلار دېۋىزىيىسىنىڭ كېرىيەگە يېتىپ كېلىشىنى قارشى ئېلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش، لەنگەر-پولو ئارقىلىق يول ياساپ تىبەتنى ئازاد قىلىش، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىپ، زومىگەر-پومېشچىكلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، زومىگەر ۋە ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى بېسىقتۇرۇش توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى تەرجىمە قىلدى. 1951-يىلىنىڭ بېشىدا تۇنجى قېتىم زومىگەر-ئەكسىلئىنقىلابچىلار دەپ بېسىقتۇرۇلغانلار ئىچىدە 1933-يىلىدا مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ يولداشنىڭ ئۆگەي دادىسى شاڭ سىنى چېپىۋەتكەن، كېيىن ھەۋزىخان ئانا بىلەن كىچىك مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭنى ئالداپ، گۆرۈكەش شاڭ سىدىن قالغان ئالتۇنلارنى قولغان چۈشۈرۈۋالغان، مىنگونىڭ 34-(مىلادىيە 1945 _) يىلى كېرىيەلىك كاۋىلارنى ئالداپ بىر مەزگىل ھوقۇق تۇتقان ھېلىقى داڭلىق سوپى بەگمۇ بار ئىدى، يولداش مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ سوپى بەگنى ئۆلۈمگە بۇيرۇيدىغان ھۆكۈمنامىنى ئوقۇغاندا، ئۇنىڭ قەلبىدە نە نەپرەت، نە ئېچىنىش تۇيغۇسى باش كۆتۈرمىدى، پەقەت بىزارلىق تۇيغۇسىلا ئەكس ئەتتى، ئۇ ئاشۇ بىر مەزگىللىك كەچمىشلىرىنى ياد ئېتىشنى خالىمايتتى، ئاشۇ چېپىلىپ كەتكەن شاڭ سىدىنمۇ، ئۇنىڭ قىمار ۋە گۆرۈكەشلىك ئارقىلىق يىغقان ئالتۇنلىرىدىنمۇ، ئالتۇنلارنى قولغا چۈشۈرۈۋالغان مۇشۇ سوپى بەگدىنمۇ بىزار ئىدى، ئۇ سوپى بەگنىڭ ئۆلۈم ھۆكۈمنامىسىنى يەرلىكلەرنىڭ تىلىغا ئۆرۈۋاتقاندا، 1945-يىلى ئاشۇ سوپى بەگنىڭ ئۆزىنى ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە جۈيجاڭ قىلىپ تەيىنلىمەكچى بولغىنىنى، نېمىشقىدۇر ئۆزىگە يېقىنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغىنىنى، ئاشۇ ئۇرۇنۇشىدا يەرلىكلەرگە خاس بىر خىل خۇشامەتچىلىكنىڭ بوقسۇپ تۇرغىنىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى.
يولداش مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ سەل كېيىنرەك ساۋ جىچاڭ شۇجىنىڭ يەر ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىش، سوتسىيالىزم ۋە كوممونىزم قۇرۇش توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى تەرجىمە قىلدى، ھاكىم مۇتەللىپ تۇردىيۇۋنىڭ سۆزلىرىنى دۆلەت تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلدى، يەنە دېھقانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، داڭلىق چېلىشچى سۇلايمان داۋۇتنىڭ سۆزلىرىنى، ئاكتىپ كادىر ساۋۇر باراتنىڭ سۆزلىرىنى، ھەرقايسى يەر ئىسلاھاتى خىزمەت ئەترەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ دوكلاتلىرىنىمۇ ساۋ جىچاڭ شۇجىغا تەرجىمە قىلىپ بەردى. كېرىيەدە ئاجايىپ ئىشلار بولۇۋاتاتتى، ئۆزگىرىشلەر شۇنداق چوڭ ئىدىكى، پەش ياقىغا، ياقا پەشكە ئايلىنىۋاتاتتى، باي-پومېشچىكلارنىڭ يەر-زېمىن، مال-مۈلۈك، ئات-ئۇلاغلىرى نامراتلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىۋاتاتتى، تېخى يەنە پات يېقىندا سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم قۇرۇلۇپ، ئېرىق-ئۆستەڭلەردە سۈت-قايماق ئاقىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى، ئۆزگىرىشلەر تولىمۇ جىددىي ۋە تېز ئىدى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ يولداشنىڭ قەلبىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇۋاتاتتى، گۈزەل ۋە شېرىن خىياللار باش كۆتۈرۈۋاتاتتى، بۇنداق جىددىي ۋە تېز ئۆزگىرىشكە يېتىشىپ مېڭىش ئۈچۈن جىددىي ۋە تېز تەرجىمە قىلمىسا بولمايتتى، ئۇ ساۋ جىچاڭ شۇجىنىڭ يەنىمۇ كۆپ سۆزلىرىنى يەرلىكلەرنىڭ تىلىغا، يەرلىكلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپ دوكلات ۋە مەلۇماتلىرىنى ساۋ جىچاڭ شۇجىنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلغانمۇ بولاتتى، ئەمما ئىمكان بولمىدى، ئۇ ئىشتىن چىقتى، ئۇنى ئۆزى بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرۈپ كەلگەن ئات ئىشتىن چىقاردى. ئۇ ئاتنى، ئات مىنىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى، ئەڭ ياخشى ئاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دائىم ئات بازىرىنى ئايلىناتتى، ئۈستەك بېرىپ بولسىمۇ ئاتقا ئاتنى تېگىشەتتى ياكى يېڭى ئات ئېلىپ كونا ئاتنى سېتىۋېتەتتى، ئاتنى يۇيۇپ-تاراشلىرىنى، سىلاپ-سىيپاشلىرىنى، سۆيۈپ-پۇراشلىرىنى بىر دېمەڭ، ئاۋۋال ئاخشامدا ئوتقا قويغان ئاتقا، تۈن يېرىمىدە قوپۇپ بوغۇز-پىچان تاشلاشلىرىنى بىر دېمەڭ، بىرەر يەردىن قايتقاندا ئاتنى يېتىلەپ سوۋۇتۇشلىرىنى، قاڭتۇرۇپ دەم ئالدۇرۇشلىرىنى بىر دېمەڭ. ئۇ ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى قىلاتتى، ئات باقار قولىدىن يۈگەننى ئالاي دېسە ئۇنىمايتتى. ئاتقا گويا ئانىسى ھەۋزىخانغا كۆيۈنگەندەك، ئامراق سىڭلىسى ئالتۇنخانغا كۆيۈنگەندەك، ئامراق خوتۇنى تۇخانغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنەتتى. ئاتمۇ ئۇنى نائۈمىد قالدۇرمىغانىدى. ئېگەر ئۈستىگە چىقسىلا ئۇچقۇر جانىۋار ئۇنى ھېچكىمنىڭ چاڭ-توزانىغا كۆمۈلدۈرمەيتتى، ئات ئۈستىدە قورغۇيدەك گېدىيىپ ئولتۇرسا ھەممە كىشىنىڭ كۆزىدىن ئوت چاقناپ كېتەتتى.
ئەمما، مانا ئەمدى چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرگەن ئاشۇ ئات ئۇنى ئىشتىن چىقاردى، ئۇنىڭ داۋاملىق تەرجىمانلىق قىلىشىغا يول قويمىدى. شۇ كۈنى ئۇ يەر ئىسلاھاتى خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئاتلانغان ساۋ جىچاڭ شۇجى بىلەن بىللە «شىۋول»، «قاراقىي» تەرەپكە كېتىۋاتاتتى، ئاتلار قاتارلىشىپ يېنىك يورغىلاپ باراتتى، تۇياقلىرىدىن چاڭ-توزان ئۆرلەپ قالاتتى، ھەممە ئىشلار جايىدا ئىدى، ئەمما ئاشۇ تۈز ۋە توپىلىق يولدا ئات پۇتلىشىپ، پۇتلاشقاندىمۇ قاتتىق پۇتلاشتى، شىددەت بىلەن مۇدۈرۈپ، تۇمشۇقىنى يەرگە ئىككى-ئۈچ قېتىم ئۇردى، يەرگە ئۇرۇلغان تۇمشۇقىنىڭ ياردىمى بىلەن ئاران-ئاران تۇرۇپ كەتتى، لېكىن بۇ چاغدا ئات ئۈستىدىكى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ يولداش ئاللىقاچان ئات ئۈستىدىن ئۇچۇپ كەتكەنىدى. پۇتلىرىنىڭ ئۈزەڭگىدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكى نامەلۇم ئىدى، ئۇ گويا ساداقتىن ئېتىلغان ئوقيادەك ئۇچتى، لېكىن ئانچە ئۇزۇنغا ئۇچالمىدى، ئۆگزىدىن تاشلانغان كاۋىدەك توپىلىق يولغا گۇپپىدە چۈشتى، ۋايجانلاپ قالدى، ئورنىدىن تۇرالمىدى...
ساۋ جىچاڭ شۇجى ئېتىدىن چۈشۈپ يېتىپ كەلگەندە، چىرايى ئاغرىق ئازابىدىن ئۇچتەك ئاقىرىپ كەتكەن مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ يولداش يۇمشاق توپىغا مىلىنىپ ياتاتتى، ئوڭ پۇتى قايرىلىپ باشقا تەرەپكە بولۇپ قالغانىدى، مەلۇم بولدىكى، يوتىسىدىن چورت سۇنۇپتۇ، چورت سۇنغانلىقىنى بولجۇڭ گۆش ۋە تېرە ئۈستىدىنمۇ ئېنىق بىلگىلى بولاتتى، ساۋ جىچاڭ شۇجى نەلەردىندۇر ئادەم چاقىرىپ، گاچىغا گەپ ئۇقتۇرغاندەك ئىشارەتلەر بىلەن بىر نېمىلەرنى دەپ، ئىككى ئېشەكنى چېتىپ جىرغا ياسىتىپ، يارىدار بولغۇچىنى ناھىيە بازىرىغا يولغا سالغاندا، ئۇنى يىقىتقان ھېلىقى ئات يول بويىدا يوغان كۆزلىرىنى شېشىدەك پارقىرىتىپ تۇراتتى، ئۇ كۈمۈش يۈگەننى چىشلەپ-يالماپ، گويا كىشنىمەكچى بولغاندەك ئىككى قېتىم ئېغىر پۇشقۇرۇپ قويدى...
تېۋىپ ئەمەت ھاجىم ئاغىنىسىنىڭ سۇنغان پۇتىنى جايىغا كەلتۈرۈپ، تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن شاكراپنى سۇۋاپ، ئەتراپنى نېپىز تاختىلار بىلەن قاشالاپ، ئاق بوز بىلەن مەھكەم تېڭىپ قويدى ۋە گەپ تەشتى.
− ئات ئۈستىگە بۈركۈتتەك يارىشاتتىڭىز مۇھەممەت ئاخۇن، كۆز تېگىپتۇ سىزگە...
− ئات كاساپەت تۈپتۈز يولدا مۇدۇرۇپ كەتتى دېسە...
− تەقدىر-قىسمەت...
مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ يولداش جىم بولۇپ قالدى، ھاجىمنىڭ ئاخىرقى سۆزىدىن ئۇنىڭ قەلبىگە نېمىدۇر بىر نەرسە سايە تاشلىغانىدى.
− نەچچە ياشقا كىردىڭىز مۇھەممەت ئاخۇن؟
− 39 دىن ئېشىپ 40 قا ماڭدىم، مەنزىلنىڭ يېرىمىغا يەتتىم.
− 40 كۈن مىدىرلىماي ياتىسىز، ھەربىر ياش ئۈچۈن بىر كۈن، ئادەم قانچە ياشقا كىرگەن بولسا شۇنچە كۈندە ساقىيىدۇ، سۆڭەك تۇتقۇچە ئازادە خىيال سۈرۈۋالىدىغان بولدىڭىز ئەمدى.
شۇنداق قىلىپ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ يولداش يېتىپ قالدى. 40 كۈن خىيال سۈرۈپ ياتتى، ئۆمرىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى، ماڭغان-تۇرغانلىرىنى ئەسلەپ چىقتى، خىيال سۈرمەك، ئۆتكەننى ئەسلىمەك دېگەن تەس ئىش ئەمەس ئىدى. ئەمما، ئۇلاردىن بىر يەكۈن-خۇلاسىگە ئېرىشمەك ئانچە ئاسانمۇ ئەمەس ئىدى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ يولداش شۇ قىرىق كۈن ئىچىدە ئۆمرىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىدىن بىرەر خۇلاسىگە كېلىش ئۈچۈن تىرىشتى، ئەمما خۇلاسىنى تەقدىر-قىسمەتنىڭ ئۆزى چىقاردى.
مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ يولداش يېتىپ قالغان بىلەن ساۋ جىچاڭ شۇجى يېتىپ قالسا بولمايتتى، ئۇ داۋاملىق خىزمەت قىلىشى، يەر ئىسلاھاتىنى ئاداققا يەتكۈزۈشى، باي-پومېشچىكلارنىڭ يەر-زېمىن، مال-مۈلۈك، ئات-ئۇلاغلىرىنى كەمبەغەللەرگە تەقسىملەپ بېرىشنى تاماملىشى كېرەك ئىدى، بۇ ئىشلارنى ئۇتۇقلۇق تاماملاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تىلىنى ئۆرۈپ بېرىدىغان تىلماچ بولمىسا بولمايتتى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ يولداشنىڭ ساقىيىشىغا ساقلاپ تۇرۇشقا بولمايتتى، ساۋ جىچاڭ شۇجى يېڭى تىلماچ تاپتى، ئاشۇ يېڭى تىلماچ كونا تىلماچنىڭ ئېشىغا توپا چاچتى، مانا شۇ توپا قىسمەت خۇلاسىسىنىڭ ئۆزى بولدى.
مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ يولداش قولتۇق تايىقىغا تايىنىپ ماڭغۇدەك بولغاندا ئېرىق-ئۆستەڭلەردىكى قار-مۇزلار ئېرىپ ھۆپۈپ تام تۆپىسىگە چىققانىدى، گروزىيىلىك موزدۇزنىڭ ئوغلى، پۈتۈن دۇنيا پرولېتارىياتىنىڭ داھىيسى ئىئوسىپ ۋىسسارىئونوۋىچ ستالىننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلدى، كېرىيەلىكلەر قايغۇغا چۆمدى، قارا يەڭلىك تاقاپ، كوچىلاردا نامايىشلار قىلىپ يىراق موسكۋادىكى ماتەمگە ھازىدار بولۇشتى، قۇلتۇق تايىقىغا تايانغان مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ يولداش ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئاشۇ ھازىدارلار سېپىگە قاراپ تۇردى، ماڭالمىغاندىكىن قاراپ تۇرمىسا بولمايتتى، ھازىدارلار تارقىغاندا يېڭى تىلماچ كونا تىلماچقا سالام قىلىپ ئۆتتى، سالامەتلىك ئەھۋالىنى سوراشتۇردى، ئىككى-ئۈچ ئېغىز قۇرۇق پاراڭ قىلىپ كېتىپ قالدى، ئاشۇ پاراڭدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ يولداشنىڭ تەرىتىدىن يېمىگەن خورمىنىڭ ئۇرۇقى چىقتى.
ساقچى ئىدارىسىدىن ئادەم كېلىپ يۈ شۇنچىڭ مۇھەممەت يولداشنى سوراققا ئالدى. ستالىنغا تەزىيە بىلدۈرگەن كۈنى «يىلاننىڭ بېشى ئۆلدى، قۇيرۇقى يەنە مىدىرلاۋاتىدۇ» دەپسەن، دەپ ئەيىبلىدى، ئۆزىنى ئاقلىدى، ئەمما كەلگەنلەرنى ئىشەندۈرەلمىدى، ساقچى ئىدارىسىدىن كەلگەنلەر گومىنداڭنىڭ بۇ قالدۇقىنىڭ ئۇنداق گەپنى دېمەسلىكىگە ئىشەنمەيتتى. باشقىلار پاش قىلغان پاكىت تۇرغان يەردە تېخىمۇ ئىشەنمەيتتى، باشقىلار يەتكۈزگەن ماتېرىياللاردىن قارىغاندا بۇ سىنىپىي كۈرەشنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى، ئىغۋا تارقىتىپ ئاممىنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ئىدى. سەل قاراشقا بولمايتتى، قاتمۇقات سۈرۈشتۈرۈش باشلاندى، قولتۇق تايىقى بىلەن بولسىمۇ ماڭدۇرۇپ ئىدارىگە ئېلىپ بېرىلدى. خەۋەر ھەممە كىشىنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن، ئىنقىلابىي كادىر ۋە ئىنقىلابىي ئامما گومىنداڭ قالدۇقىدىن چېگرانى ئايرىپ ئۈلگۈرگەنىدى، كونا-يېڭى گەپلەر، كونا-يېڭى ئىشلار ئوتتۇرىغا چىقتى، تەنقىد-تەكشۈرتۈشلەرمۇ بولۇپ ئۆتتى، ئاخىرىدا تەشكىل ئورگاننى گومىنداڭنىڭ قالدۇقلىرىدىن، يوشۇرۇنغان ئەكسىيەتچىلەردىن تازىلاش قارارىغا كەلدى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ يولداش خىزمەتتىن بوشىتىلدى، ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرنىڭ خوتۇنىمۇ ئىنقىلابىي قوشۇندىن تازىلىنىشى كېرەك ئىدى، تۇخان مۇئەللىممۇ ئوقۇتقۇچىلىقتىن قالدۇرۇلدى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىشلارغا ئىشەنمەيلا قالدى، ئەمما بۇ پاكىت ئىدى، ئەمدى تۇرمۇشنى قانداق ئۆتكۈزگۈلۈك؟ ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئىچىمۇ-تېشىمۇ قاتتى.

 


مۇھىم خەتكۈچلەر : خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى , بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە , نۇرمۇھەممەت توختى
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-4-13 10:09:35 باھا : 0 كۆزىتىش : 209
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证