2010-يىلى2-ئاينىڭ17-كۈنى،قەدىمكى مىسىر تارىخىدا تەسىرى كۈچلۈك پىرئەۋىن ــ ئاكنادوننىڭ مومياسى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى مىسىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى زالىدا كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.شۇ كۈنى مىسىر يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى غازى غەۋۋاس مىسىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى زالىدا ئاخبارات خەۋىرى ئېلان قىلىپ،كىشىلەرگە ئالىملارنىڭ مىسىردىكى مەشھۇر پىرئەۋىن تۇتانكامونغا قارىتا ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى. سۈرەتتە : ئاكنادون مومياسى .
بۇ يىل 2-ئاينىڭ17-كۈنى، پىرئەۋىن تۇتانكاموننىڭ ئانىسىنىڭ مومياسى قاھىرەدىكى مىسىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى زالىدا كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
بۇ يىل 2-ئاينىڭ17-كۈنى، پىرئەۋىن تۇتانكاموننىڭ مومىسى (ئاتىسىنىڭ ئانىسى) دىيانىڭ مومياسى قاھىرەدىكى مىسىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى زالىدا كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
مانا بۇ 18 يېشىدا ئەلەمدىن ئۆتكەن ئۆمرى كۆتە پىرئەۋىن تۇتانكاموننىڭ ئالتۇن نىقابى.
2007-يىلى11-ئاينىڭ4-كۈنىدىكى تارتىلغان بۇ سۈرەتتە،مىسىر يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى غازى غەۋۋاس مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمىي شەھەر لۇكسونىڭ «پادىشاھ جىلغىسى» ئىچىدىكى پىرئەۋىن تۇتانكامون قەبرىسىدە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا خەۋەر بەرمەكتە.
سۆرەتتىكى بۇ موميا 2007-يىلى11-ئاينىڭ4-كۈنى تارتىلغان مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمىي شەھەر لۇكسونىڭ «پادىشاھ جىلغىسى» ئىچىدىكى پىرئەۋىن تۇتانكاموننىڭ چىرايى.
مەنبە : شىنخۇا تورى
[hotanboy تەستىقلىدى . 2010-2-27 11:15:15]