تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› تارىخ ›› قارخانىيلار خانلىقنڭ خاقانلىرى (تولۇق)
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
قارخانىيلار خانلىقنڭ خاقانلىرى (تولۇق)
_Rixat_
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 12
rixatvip@qq.com

يازما سانى : 2
باھا يازما سانى : 1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

 

قارخانىيلار خانلىقنڭ خاقانلىرى

  قارخانىيلار خانلىقى_ ئورخۇن دەريا ۋادسىدىن غەرىبكەكوچكەن ئۇيغۇر ياغما قەبىلسى تەرپىدىن قۇرۇلغان مەشھۇر خانلق بولۇپ، 9-ئەسرنىڭ ئوتتۇرلىردىن 13-ئەسرنىڭ باشلىرغىچە جەمئي ئۇچ ئەسىردىن كوپرەك ۋاقىت ھوكۈم سۇرگەن.
1.بىلگە كۆل قادىرخان
 مىلادىيە 880-ياغما قەبىلسىنىڭ ئاقساقىلى بىلگە كۆل قادىرخان بالاساغۇن شەھرىنى ئشغال قىلىپ، قارخانىيلار خانلىقنڭ رەسمي قۇرۇلغانلىقنى جاكارلىغان.
2.بازىر ئارسلانخان
بىلگە كۆل قادىرخانىڭ ئوغلي.  ئۇ بەزى مەنبەلەردە «بارلىقخان»،«قاراخان»دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان.مىلادىيە914-يىلى بالاساغۇن شەھرىدە ۋاپات بولغان.

3.ئوغۇلچاق بۇخراخان
بازىر ئارسلانخانىڭ ئنىسى.مىلادىيە915- يىلىدىن 932-يىلىىغچە تەخىتتە ئولتۇرغان ئەسلي قائدە بويىچە،  قارخانىيلارنىڭ تەخىتتىگە بازىر ئارسلانخانىڭ ئوغلى ساتۇق تىكېن ۋارسلق قېلشى كېرەك ئىدى،بىراق ئۇ ئۆز دەۋرىدە تېخى يېشىغا يەتمىىگەن بالا بولغاچقا،  تەخىتتكە  ئوغۇلچاق بۇخراخان  ۋارسلق قىلغان. خاقان  ئوغۇلچاق بۇخراخان ئۆز ئورنىنى پەيدىنپەي مۇستەھكەملەپ، جىيەنى  ساتۇق تىكېننى چەتكە قاققان. بۇ ھال 16ياشلارغا بېرىپ قالغان  ساتۇق تىكېنڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. دەرۋەقە، مىلادىيە932-يىلى ئۇ بىر قاراڭغۇ كېچىدە ئۆز يېقىنلىرىدىن 40 كىشىنى باشلاپ ئوردىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ تاغىسى ۋە ئۇنىڭ بارلىق تۇقانلىرىنى ئۆلتۇرگەن ھەمدە قارخانىيلارنىڭ تەختىنى تارتىۋىلغان. 

4.ساتۇق بۇغراخان
ساتۇق بۇغراخان قارخانىيلار خاقانلىرى ئىچىدە تۇنجى بۇلۇپ ئسلام دىنى قۇبۇل قىلغان كىشى. مىلادىيە 933-يىلىدىن 955-يىلىغىچە تەخىتىە ئولتۇرغان. ئسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىىلىپ بەلگىلىگەن ھەم بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان. «قاراخان»، «سۇلتان ساتۇق بۇغراقارخان ئابدۇلكەرىم»دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. مىلادىيە955-يىلى ئاتۇشنىنڭ سۇغۇندا ۋاپات بولغان. سۇلتان ساتۇق بۇغراقارخان  ۋاپات بولغاندىن كېيىن 37مىڭ مۇسۇلمان كاتتا مۇراسىم ئۆتكۇزۇپ ئاستىناتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىغا دەپنە قىلغان.

5.مۇسا تىكىن
سۇلتان ساتۇق بۇغراقارخانىڭ ئوغلى. ئۇ بەزى مەنبەلەردە «مۇسا تۇڭا ئېلىگ»، «بايتاش تېكىن»، «مۇسا ئىبنى ئالدۇلكەرىم»،«مۇسا بۇغرا قاراخان» دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان. مىلادىيە 956-992يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. ئۇ تەخىتكە چىقاندىن كېيىن ئاتىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىىلىپ، پۇتكۇل خاندانلىقتا ئسلام دىىنىنى كۇچەپ يولغا قويغان ھەمدە غەيري ئسلام دىنىدىكى ئدىقۇت خانلىقى ۋە ئۇدۇن بۇددسىت ئۇيغۇر ھاكىمىتىگە قارشى قانلىق جەڭلەرنى ئېلىپ بارغان. .ئۇ ھۇكۇمرانلىق قىلغان دەۋىردە 200مىڭ چىدىر تۈرك ئسلامدىنىغا كىرگەن. مىلادىيە 922-يىلى قەشقەر شىەھەردە ۋاپات بولۇپ، ئاتۇشنىڭ ئازغان يېزىسىغا دەپنە قىلىنغان.

6.ھارۇن بۇغراخان
مۇسا تىكىنىڭ ئىنىسى سۇلايمان ئارسىلانخانىڭ ئوغلى. مىلادىيە993-998-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.«ئەبۇ مۇسا ھەسەن ئەلھارۇن بىننى سۇلايمان» دەپ ئاتالغان.(ئەسلي تەخىتتكە مۇسا تىكىنىڭ ئوغلى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك ئىدى، بىراق مۇسا تىكىنىڭ ئوغلى ئۇدۇن بۇددسىتلرىغا قارشى ئۇرۇشتتا قۇربان بولغان. ) 998-يىلى 11-ئايدا سەمەرقەندن قەشقەرگە يول ئالغاندا يول ئۇستىدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى.ئاستىناتۇشىقا دەپنە قېلىندى.

7.تۇغانخان
مۇسا تىكىنىڭ نەۋرىسى.«تۇغانخان ئەۋۋەل»دېگەندەك نام بىلەن ئاتالغان.مىلادىيە999-1018-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. 999-يىلى سامانىيلار خانلىقىىنى يوقاتقان.1008-يىلىنڭ ئاخىرلىرى ئۇدۇن بۇددسىسلىرىنى تولۇق ئسلاملاشتۇرغان. 1018-يىلى  تۇغانخان كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
8.مەنسۇر ئارسىلانخان
تۇغانخانىڭ ئىنىسى.مىلادىيە1019-1024-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.1024-يىلى خانلىقتىن ۋاز كېچىپ تەخىتتنى يۈسۇپ قادىرخانغا ئۆتكۈزۇپ بەرگەن.

9.يۈسۇپ قادىرخان
.قارخانىيلار  خاقانلىرى ئچىدىكى باتۇر ھەم ئىستىداتلىق كىشى بۇلۇپ،تارىختا «مەلىكۇل مەشرىق» (شەرىق پادىشاھى) دېگەن نام بىلەن تۇنۇلغان.مىلادىيە 1025-1032-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. مىلادىيە1032-يىلى  كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. مىيتى بوۋىسى سۇلتان ساتۇق بۇغراقارخان بىلەن ئاتىسى ھارۇن بۇغراخاننىڭ ئايقىغا دەپنە قىلىنغان.

10.سۇلايمان ئارسىلانخان

يۇسۇپ قىدىرخاننىڭ چوڭ ئوغلى.مىلادىيە1033-1056-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.مىلادىيە 1056-يىلى ئىنىسى مۇھەممەد بىننى يۇسۇپ بىلەن بولغان جەڭدە ئەسىرگە چۈشۈپ، ئۆلتۇرۇلگەن.

11.مۇھەممەد بىننى يۈسۇپ

ئاكىسى سۇلايمان ئارسىلانخاندىن كېيىن تەخىتتكە چىققان. مىلادىيە1056-1058-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. ئاران 15ئاي خاقان بۇلۇپ، 1058- يىلى تەختتىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن (ئالىم مەھمۇد كەشغارينىڭ ئاتىسى)گە ئۆتۇنۇپ بەرگەن.

12.ئىبراھىم بىننى مۇھەممەد

مۇھەممەد بىننى يۇسۇپنىڭ يەنەبىر ئوغلى. ئۇمىلادىيە 1058-يىلى ئانىسىنڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئوردا سىياسى ئۆزەۇرۇش قوزغاپ،تەختتنى تارتىۋالغان. 1058-1059-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. ئىنكال تېكىن تەرىپىدىن ئۆلتۇرۇلگەن.

13.مەھمۇد بىننى يۈسۇپ

ئبراھىم بىننى مۇھەممەدنىڭ تاغىسى.مىلادىيە1059-1074-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. مىلادىيە1074-يىلى ۋاپات بولغان.

14.ئۆمەر بىننى مەھمۇد

مەھمۇد بىننى يۈسۇپنىڭ ئوغلى.خاقانلىق ئۇنىڭغا ئاران ئككى ئايلا نىسىپ بولۇپ، ھەسەن بىننى سۇلايمان تەرىپىدىن تارتىۋىلىنغان.

15.ھەسەن بىننى سۇلايمان

مەھمۇد بىننى يۈسۇپنىڭ جىيەنى بۇلۇپ، تارىختا <ھارھۇنⅡ>دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. 1075-1102-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. ئۇ باتۇر ھەم ناھايتتى پاراسەتلىك كىشى بۇلۇپ،خانلىقنى ۋە پەن-مەدىىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۇل بۆلگەن.شۇڭا قەشقەردە مىسلسز گۇلۇنۇش بارلىقا كېلىپ،<قۇتادغۇبىلىگ>،<قەشقەرىيە تارىخى>غا ئوىشاش مەھشۇر ئەسەرلەر يېزىلغان.ئۇلۇغ ئالىم يۈسۇپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئەسىرىنى دەل مۇشۇ خاقانغا تەقدىم قىلغان.1102-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.

16.ئەھمەد بىننى ھەسەن

ھەسەن بىننى سۇلايمانىڭ ئوغلى. مىلادىيە 1103-1128-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.1128-يىلى ۋاپات بولغان.

17.ئبراھىم بىننى ئەھمەد

ئەھمەد بىننى ھەسەنىڭ ئوغلى.مىلادىيە 1129-1158-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.1158-يىلى ۋاپات بولغان.

18.مۇھەممەد بىننى ئبراھىم

ئبراھىم بىننى ئەھمەدنىڭ ئوغلى. 1159-يىلى تەخىتتۆە چىققان. [قولىمىزدا ئۇنىڭ ئاخىرقى سەلتەنەت دەۋرى توغۇرلۇق ئشەنچىلىك مەلۇمات يوق.]

19.مۇھەممەد بىننى يۈسۇپ

مۇھەممەد بىننى ئبرايىمنڭ نەۋرىسى.مىلادىيە 1204-1211-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. 1209-يىلى نايمان قەبىلىسىنىڭ شاھزادىسى كۈچلۈك قىتاننلار تەختتنى تارتىۋىلىپ ، قەشقەر ۋە خوتەن رايۇنىنى زورلۇق بىلەن ئىگەلىۋالغان.بۇنىڭ بىلەن قارخانىيلار نامىدا بار ئەمەلىيەتتە يوق خانلىققا ئايلىنىپ قالغان.1211-يىلى بىننى يۈسۇپ يەرلىك ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن ئۆلتۇرۇلگەن.

20.مۇھەممەد

قارخانىيلار خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خاقانى.مىلادىيە 1211-يىلى خاقانلىق تەختىگە چىققان.سەلتەنەت دەۋرى ھەمدە مۇھەممەد بىننى يۈسۇپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. ئۇ تەخىتگە چىقىپ بىر يىلدىن كېيىن نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك قارخانىيلار خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.

  نەتىجىدە،قارخانىيلار خانلىقىنىڭ ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك داۋاملاشقان ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى.

 

[hotanboy تەستىقلىدى . 2010-2-25 8:55:09]

مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2010-2-19 13:29:05 باھا : 0 كۆزىتىش : 1173
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证