تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› 2009-يىللىق قىزىق نۇقتا ›› مىدىۋىدىۋ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
مىدىۋىدىۋ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى
Biliwal
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 13
biliwal@qq.com

يازما سانى : 161
باھا يازما سانى : -1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
       روسىيە پىرىزدېنتى مېدۋېدېۋ 15 – سېنتەبىر «ۋالداي» خەلقئارا مۇنازىرە كۇلۇبى ئەزاسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: 2012- يىلىدىكى پىرىزدېنت ئومۇمىي سايلىمىغا قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمايمەن، دېدى. بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا روسىيىدىكى چوڭ گېزىت - ژۇرناللارنىڭ 1- بېتىدىن ئورۇن ئالدى. روسىيە «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ 15- سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە پىرىزدېنت مېدۋېدېۋنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: پىرىزدېنت سايلىمىغا تەييارلىق كۆرۈش ئويۇم يوق ئىدى، لېكىن بۇمۇ تەقدىرنىڭ چاقىرىقىدەك قىلىدۇ، چۈنكى مەن ھېچنېمىنى ئالدىن قىياس قىلالمايمەن، شۇنداقلا ھېچنېمىنى چەتكە قاقالمايمەن. ئىزچىل بىردەكلىكنى ساقلايدىغان مىجەزىم بىلەن پىكرىمنى باشتىن ئاياغ ئۆزگەرتمەسلىككە تىرىشىمەن. كەلگۈسىنى قىياس قىلىشتىن ئامالنىڭ بارىچە ساقلىنىمەن، چۈنكى مۇشۇنداق بولغاندا ئىشلار تېخىمۇ ئاددى بولىدۇ. مېنىڭ پىلانىم بولۇشى كېرەك، لېكىن ئىمكانقەدەر قىياس قىلماسلىققا تىرىشىمەن، ھېچقانداق مۇمكىنچىلىكنى چەتكە قاقمايمەن. زۇڭلى پۇتىن 11 – سېنتەبىر ۋالداي كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى بىلەن كۆرۈشكەندە، 2008 - يىلىدىكىگە ئوخشاش ھازىرقى پىرىزدېنت مېدۋېدېۋ بىلەن 2012-يىلىدىكى پىرىزدېنت ئومۇمىي سايلىمىدا رىقابەتلەشمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلار ئوخشاش تىپتىكى كىشىلەر بولغاچقا، سىياسىي جەھەتتە بىردەكلىك ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پۇتىن مۇنداق دېدى: ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مېدۋېدېۋ بىلەن 2012-يىلىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، سىياسىي پىلان، سىياسىي كۈچ تەقسىماتى ۋە «روسىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيىسى» نىڭ ئورنىنى ئويلاشقاندىن كېيىن، ئاندىن قارار چىقىرىمىز. مېدۋېدېۋ ئىككىمىزنىڭ باشقا غەرىزى يوق. مېدۋېدېۋ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق باھا بەردى: پۇتىننىڭ بۇنداق مەسىلىگە جاۋاب بېرىشىدىكى مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق. ھەممىنى سايلىغۇچىلار بېكىتىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋال يۈز بەرمىسىلا، بىزنى قوللاش نىسبىتى يامان ئەمەس بولىدۇ. پۇتىننىڭ روسىيىدىكى ئىناۋىتى يۇقىرى بولۇپ، ئالاھىدە قارشى ئېلىنىدۇ. بىزنىڭ بۇنداق ئىقتىدارىمىز بولمىسا، ئورنىمىزغا باشقىلار چىقىدۇ. لېكىن بۇ بىزنىڭ ئالدىن قارار چىقىرىشىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ، مەسئۇلىيەتچان كىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بەزى مەسىلىلەردە بىردەك پىكىرگە كېلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 15 – سېنتەبىر مېدۋېدېۋ پىرىزدېنتنىڭ يەنە پۇتىن زۇڭلى رەھبەرلىكىدىكى روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىكى خىزمەت ئىپادىسىگە باھا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. مېدۋېدېۋ : ئارىدا خاتالىق كۆرۈلمىدى دېگىلىمۇ بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچنېمە قىلمايدىغان كىشىدە خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ. مەن پۇتىن بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتىمەن، دېدى.روسىيە دۆلەت ئىستراتېگىيە كومىتېتىنىڭ رەھبىرى ۋالېرىي خومياكوۋ پىرىزدېنت بىلەن زۇڭلىنىڭ ئايرىم – ئايرىم بايانات ئېلان قىلىشى «مېدۋېدېۋ-پۇتىن بىرلەشمىسى»نى ئايرىۋېتىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بەزى سىياسىي كۈچلەرگە زەربە بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2012 – يىلى «مېدۋېدېۋ – پۇتىن بىرلەشمىسى» نىڭ داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مېنىڭچە ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ پىرىزدېنت، قايسىسىنىڭ زۇڭلى بولۇشى ئۆزلىرىنىڭ ئىشى. روسىيە سىياسەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ باشلىقى ماركوۋمۇ: ئىككىسىنىڭ باياناتى ئۇلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت يوقلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كەلگۈسىدە مېدۋېدېۋ پۇتىننىڭ قوللىشى بىلەن پىرىزدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشى مۇمكىن، ياكى پۇتىن مېدۋېدېۋنىڭ قوللىشى بىلەن ئومۇمىي سايلامغا قاتنىشىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئەمەلىي توقۇنۇش يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن، دېدى.

مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2009-10-20 15:08:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 59
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证