تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› چېرنىشېۋىسكىي (1828 - 1889)
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
چېرنىشېۋىسكىي (1828 - 1889)
YusufAhmad
كاپىتان
دەرىجىسى : 2
جۇغلانما نۇمۇر : 13007
584042474@qq.com
584042474
يازما سانى : 201
باھا يازما سانى : 2
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

 چېرنىشېۋىسكىي=车尔呢雪夫斯基

نىكولاي گابرىلوۋىچ چېرنىشېۋىسكىي (1828 - 1889) ـ 19 ـ ئەسىردىكى روسىيىلىك ئاتاقلىق ئىنقىلاۋىي دېموكىرات. ئۇ، ساراتوپتىكى بىر روھان ئائىلىدە تۇغۇلۇپ، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن «زامانىمىزنىڭ كىشىلىرى» ژورنىلىدا ئىشلىگەن، ئۇنىڭ رەھبىەرلىگىدە، «زامانىمىزنىڭ كىشىلىرى» ژورنىلى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنقىلاۋىي دېموكىراتلارنىڭ بايرىمىغا ئايلانغان.
    1862 ـ يىلى چار پادىشاسى «زامانىمىزنىڭ كىشىلىرى» ژورنىلىنى توختىتىۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. ئۇزۇن ئۆتمەي چېرنىشېۋىسكىيمۇ قولغا ئېلىنىپ، 14 يىللىق ئەمگەك جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ھەمە سىبىرىيىگە مەڭگۈ سۈرگۈن قىلىندى. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى جاپالىق ئەمگەك ۋە سۈرگۈن ئىچىدە ئوتتى. 
    چېرنىشېۋىسكىي ھاياتىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جاسارەت، قەتئى كۈرەشچان روھ بىلەن ئىنقىلاۋىي ۋە نەزىرىيىۋى ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئىنقىلاپچىغا خاس جەسۇرانە روھنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق پەلسەپە ئەسەرلىرى: «سەنئەت بىلەن رىئاللىقنىڭ ئىستتىك مۇناسىۋىتى»، «گوگۇل دەۋرىدىكى روسىيە ئەدەبىياتىغا ئومۇمى نەزەر»، «كوممۇنا مۈلۈكچىلىگىگە قارشى پەلسەپىۋى خاتا قاراشلارغا تەنقىت» ، «پەلسەپىدىكى ئانتروپولوگىزىم قائىدىلىرى» ۋە 1876 ـ 1878 ـ يىللىرى ئارىلىغىدا ئوغلىغا يازغان خەت ـ چەكلىرىدىن ئىبارەت.
    لېنىن: چېرنىشېۋىسكىي «گېرتسېنغا قارىغاندا چوڭ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن. چېرنىشېۋىسكىي خېلى ئۈزۈل ـ كېسىل، تېخىمۇ جەڭگىۋارلىققا ئىگە دېموكىرات ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن سىنىپىي كۈرەشنىڭ ھىدى چىقىپ تۇرىدۇ» ، («روسىيە ئىشچى مەتبۇئاتالىرىنىڭ تارىخى»، «لېنىن ئەسەرلىرى» 20 ـ توم، خەنزۇچە نەشرى، 241 ـ بەت) دىگەن ئىدى.
    چېرنىشېۋىسكىينىڭ پۈتكۈل نەزىرىيىسى يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى تۈرۈش يولىدىكى ئىنقىلاۋىي ئەمىلىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ئۇ توغرا ئىنقىلابىي نەزىرىيىنى تېپىش ئۈچۈن، رۇسىيە ۋە غەربىي ياۋروپا ئىنقىلاپچىلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى، غەربىي ياۋروپا ئەدەبىياتىنى، فرانسىيە ماتېرىئالىزىمى ۋە خىيالى سوتسىيالىزىمنى ھەم نېمىس كىلاسسىك پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلدى. ئۇ ئۆزىنى فېييېرباخنىڭ ئوقۇغۇچىسى دەپ ھىساپلاپ، ئۆزىنىڭ ماتېرىئالىستىك دۇنيا قارىشىنى « ئانترو پولوگىزىم»دەپ جاكالىدى.
    چېرنىشېۋىسكىي ماتېرىئالىزىمنىڭ ئالاھىدىلىگى ـ ئۇنىڭ روشەن جەڭگىۋارلىققا ئىگە ئىكەنلىگى. ئۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: پەلسەپە ـ گورۇھ خاراكتىرىغا ئىگە، پەيلاسوپلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم سىياسى مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سىياسى نەزىرىيە ۋە ھەرخىل ئومۇمى پەلسەپىۋى تەلىماتلار، ھامان ئۆزلىرى مەنسۇپ بولغان ئىجتىمائى مەۋقەنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا مەيدانغا كېلىدۇ. ھەربىر پەيلاسوپ بولسا، كۆپ ھاللاردا، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى مەنسۇپ بولغان شۇ جەمىيەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى مەلۇم پارتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالىدۇ».
    ئۇ: گېگېلنىڭ ئىدىئالىزىمى خەمىيەتتە ئىنقىلاپتىن قورقىدىغان مۇتەئەسسىپلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئىپادىسى دەپ قارايتتى. لېكىن، ئۇ پەلسەپىنىڭ پارتىيىۋىلىك پىرىنسىپى توغرىسىدا يەنىلا ئىلمىي چۈشەنچە بېرەلمەيتتى، ئۇنىڭ قارىشىچە،مۇئەييەن سىياسى ئېتىقات، پەقەت كىشى ئەقلىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسى بىلەنلا بەلگىلىنەتتى. چېرنىشېۋىسكىي: پەلسەپە پەننىڭ ئەڭ ئومۇمى مەسىللىرى توغرىسىدىكى نەزىرىيە، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ماددا بىلەن روھنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىنسانلارنىڭ ئىرادە ئەركىنلىگى ۋە روھنىڭ ئۆلمەسلىگى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت دەپ قارايتتى. بۇ يەردە، ئۇ پەلسەپىنىڭ تۈپ مەسىلىسى توغرىسىدىكى چۈشەنچىگە يېقىنلىشىدۇ. لېكىن، ئۇ ئانتروپولوگىزىم نۇقتىئىنەزىرىنى ئاساس قىلىپ، روھ بىلەن ماددىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ئاساسەن، ئادەمنىڭ ئورگانىك ماددى بىرلىگى دەپ ھىساپلايدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ قارايدۇ: پەلسەپە كۆرۈپ تۇرغان ئادەم تىبابەتچىلىك، بىئولوگىيە ۋە خېمىيىدە كۆرۈنىدىغان ئادەم بىلەن ئوخشاش، ئادەمنىڭ بەدىنىدە ھەرقانداق ئىككى مەنبەلىك نەرسە بولمايدۇ. چېرنىشېۋىسكىي ئادەمنىڭ ئىجتىمائىلىغىنى بىلمەيدۇ، ئادەم ئېڭى ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ماھىيىتىگىلا باغلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئىجتىمائى ماددى تۇرمۇش شارائىتىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ باغلىق ئىكەنلىگىنى چۈشەنمەيتتى.
    لېنىن  «... فېييىرباخ ۋە چېرنىشېۋىسكىي ئىشلەتكەن ئاتالغۇ پەلسەپىدىكى «ئانتروپولوگىزىم قائىدىسى» ـ تار مەنىدىكى ئاتالغۇ. مەيلى ئانتروپولوگىزىم قائىدىسى بولسۇن ياكى ناتۇرالىزىم بولسۇن، ماتىرىئالىزىم توغرىسىدىكى ئېنىق بولمىغان، يۈزەكى باياندىنلا ئىبارەت.»  دىگەن ئىدى.  («فېييىرباخنىڭ > دىن ماھىيىتى ھەققىدىكى نۇتقىدىن ئەسلىمىلەر< دىگەن كىتاۋىدىن مۇھىم نۇقتىلار»، «لېنىن ئەسەرلىرى» 38 ـ توم، خەنزۇچە نەشرى، 78 ـ بەت). چېرنىشېۋىسكىي فېييىرباخقا قارىغاندا بىر قەدەم ئالغا باستى، ئۇ گېگېلنىڭ ئىدىئالىزىم سېستېمىسىنى تەنقىت قىلىش بىلەن بىللە، گېگېل دىئالېكتىكىسىنىڭ ئاكتىپ رولىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ دىئالېكتىكىلىق تەرەققىيات ئىدىيىسىدىن ئىنقىلاۋىي يەكۈن چىقاردى. 
    چېرنىشېۋىسكىي: جەمىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش،تەرەققى قىلىش قانۇنىيىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىش كويىدا بولۇش تەبىئەتنىڭ تارتىش كۈچىنى ئاغدۇرۇۋېتىش كويىدا بولۇش بىلەن ئوخشاش بىمەنىلىك دەپ قارايتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: جەمىيەتمۇ تەبىئەتكە ئوخشاش، ئىنكارنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت دىئالېكتىكىلىق قانۇنىيەت بويىچە تەرەققى قىلىدۇ. لېكىن، چېرنىشېۋىسكىينىڭ دىئالېكتىكىلىق ئىدىيىسى بىلەن ئۇنىڭ ماتىرىئالىزىمى يەنىلا ئورگانىك ھالدا بىرلەشمەيتتى، بەلكى ئۇ بەزى جايلاردا يەنىلا مېخانىكىلىق ئىدى. ئۇ «پەلسەپىدىكى ئانتروپولوگىزىم قائىدىلىرى» دىگەن كىتاۋىدا ئورگانىك دۇنيا بىلەن ئورگانىك بولمىغان دۇنيانىڭ پەرقىنى 2 بىلەن 200 ئوتتۇرىسىدىكى پەرق دەپ، نيۇتوننىڭ ئالەمنىڭ تارتىش كۈچى قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋاقتىدىكى تەپەككۇر پائالىيىتىنى چۇجىنىڭ ئەخلەت دوۋىسىدىن دان ئىزلەۋاتقان ۋاقتىدىكى تەپەككۇر پائالىيىتى بىلەن ئوخشاش دەپ قارىغان. خۇددى لېنىن كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك:«چېرنىشېۋىسكىي، توغرىراق قىلىپ ئېيتقاندا، رۇسىيە ھاياتىنىڭ قالاقلىغى ئارقىسىدا ماركس بىلەن ئېنگېلسنىڭ دىئالېكتىكىلىق ماتېرىئالىزىمى دەرىجىسىگە كۆتىرىلمىگەن.» («ماتېرىئالىزىم ۋە تەجرىبە تەنقىتچىلىگى» مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ 1972 يىلقى نەشرى، 670 - بەت). بىلىش نەزىرىيىسى جەھەتتە، چېرنىشېۋىسكىي ماتېرىئالىزىملىق تۇيغۇ نەزىرىيىسى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كانتنىڭ بىلگىلى بولماسلىق نەزىرىيىسى بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلدى، شۇڭا لېنىننىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. لېنىن چېرنىشېۋىسكىينىڭ كانت ئۈستىدىكى تەنقىدىنى «ماتېرىئالىزىم ۋە تەجرىبە تەنقىتچىلىگى دىگەن كىتاپنىڭ ئالاھىدە مەخسۇس تولۇقلىمىسى قىلىپ، ئۇنى «ئاجايىپ بايان» دەپ قارىدى. (شۇ كىتاپ. خەنزۇچە نەشرى ، 366 ـ بەت)
       چېرنىشېۋىسكىينىڭ نەزىرىدە، ئابىستىراكىت ھەقىقەت يوق، ھەقىقەت ھامان كونكىرىت بولىدۇ. ئۇ، ئەمىلىيەتنىڭ بىلىشكە بولغان رولىنى مەلۇم دەرىجىدە كۆرۈپ: توختىماي تالاش ـ تارتىش قىلىنىۋاتقان نەزىرىيىۋى مەسىلىلەرنى ئەمىلىي تۇرمۇش ئەمىلىيىتىدە ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ئەمىلىيەت ـ بارلىق نەزىرىيىنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان سىناق تېشى دەپ قارىغان ئىدى. لېكىن، ئۇنىڭ ئەمىلىيەت توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى پەقەت ئادەمنىڭ ماددى تۇرمۇش ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىدىكى «رىئاللىق»تىلا توختاپ قالغان. ئىجتىمائى ـ تارىخى قاراش جەھەتتە، چېرنىشېۋىسكىي ئانتروپولوگىزىملىق ئىدىئالىزىمدىن ھالقىپ كېتەلمىدى، ئۇ ئابستىراكىت ئىنسان تەبىئىتىنى ئۆزىنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ، ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي جەريانىنى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئاساسىي ئارزۇسىنىڭ تولۇق توناق تېپىشى دەپ قارىدى. ئۇ «ئەقلىگە مۇۋاپىق شەخسىيەتچىلىك» دىگەن نىمىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئۇنىڭ نەزىرىدە، ھەربىر ئادەمنىڭ قىلمىشنىڭ بىردىن ـ بىر مەقسىدى ـ شەخسىيەتچىلىك، ئۇ قىلچىمۇ ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمىگەن قىلمىش بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئاساسى يەنىلا شەخسى مەنپەئەت بولۇپ ھىساپلىناتتى. لېكىن، ئۇ: باشقىلارغا زىيان سالماسلىق، بارلىق كىشىلەرگە پايدا يەتكۈزۈش ـ شەخسى مەنپەئەتنىڭ ئەڭ تۈپ كاپالىتى دەپ قارايتتى، مانا بۇ، ئۇ تەشەبۇس قىلغان «ئەقلىگە مۇۋاپىق شەخسىيەتچىلىك» بولۇپ، بۇنىڭ ماھىيىتىمۇ بۇرژۇئا ئىنسان تەبىئىتى نەزىرىيىسىدىن ئىبارەت ئىدى.
    چېرنىشېۋىسكىيمۇ گېرتسېنغا ئوخشاش، روسىيە دىخانلىرىنىڭ يېزا جامائەسىنى سوتسىيالىزىمنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ دەپ قارىغان ئىدى. ئۇمۇ روسىيىدە كاپىتالىزىم تەرەققىيات باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرمەستىن، بىۋاستە سوتسىيالىزىمغا كىرىشنى ئويلايتتى. چېرنىشېۋىسكىي ۋە روسىيىنىڭ ئىنقىلاۋىي دېموكىراتلىرى ئىستېتىكا جەھەتتە زور تۆھپىلەرنى قوشتى، ئۇلار سەنئەت ئۈچۈنلا سەنئەت دەيدىغان ئەكسىيەتچىل بۇرژۇئا ئىستېتىكا نۇقتىئىنەزەرىنى تەنقىت قىلدى. چېرنىشېۋىسكىي: گۈزەللىك تۇرمۇش دىمەكتۇر ، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. دىخانلار بىلەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان گۈزەللىك نۇقتىئىنەزىرىگە ئىگە ئىكەنلىگىنى ئۇمۇ بايقىغان ئىدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىستېتىكىلىق ئىدىيىسىنىڭ ئاساسى يەنىلا بۇرژۇئا ئىنسان تەبىئىتى نەزىرىيىسى ئىدى. ئۇلار، سەنئەت تۇرمۇشنى پەقەت ھەقىقى يوسۇندا قايتا ئىپادىلەشتىنلا ئىبارەت دەپ قارايتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن، چېرنىشېۋىسكىي ۋە باشقا روسىيە ئىنقىلاۋىي دېموكىراتلىرىنىڭ ئىستىبىتىكا نۇقتىئىنەزىرى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 1:16:47][qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 1:23:07]

مۇھىم خەتكۈچلەر : چېرنىشېۋىسكىي , 车尔呢雪夫斯基 , نىكولاي گابرىلوۋىچ چېرنىشېۋىسكىي , 1828 , 1889
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2009-7-6 23:23:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 22
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证