تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› 2009-يىللىق قىزىق نۇقتا ›› ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قىزغىنلىقى قايتا باش كۆتەرمەكتە
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قىزغىنلىقى قايتا باش كۆتەرمەكتە
Biliwal
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 7
biliwal@qq.com

يازما سانى : 152
باھا يازما سانى : -1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
2008- يىلى 7- ئايدا ئامېرىكا، ھىندىستان، كورىيە، ياپونىيە، كانادا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە ئاينى بىرلىكتە تەكشۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالاپ، «خەلقئارا ئاي شارى تورى» ئاي شارىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى ئورتاق باشلاشنى تەشەببۇس قىلىپ، تەكرار چىقىم، تەكرار حىزمەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئوخشاش قىممەتتىكى ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە ئاي شارىدا بىر قانچە ئىلىم-پەن پونكىتىنى قۇرۇپ ئورتاق پايدىلىنىشنى پىلانلىدى. ئالەم قاتنىشى چوڭ دۆلىتى روسىيىمۇ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش پىلانىنى تۈزگەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى- ئاي شارىنى چارلاش ئوربېتا ئۇچقۇسى بىلەن ئاي شارىدىكى ئازگاللارنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكىنىڭ «ئاي شارىغا قايتا چىقىش» ئىستاراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. ئارقىدىنلا روسىيە، ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى، ياپونىيەلەر بەس-بەستا ئاي شارىغا تۈرلۈك ئىقتىدارلار يۈكلەنگەن ئادەملىك ئالەم كېمىسى ۋە سۈننى ھەمراھلارنى قويۇپ بەردى، ، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت بەس- بەستە ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى قويۇپ بېرىش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئاي شارى ئۈستىدە ئىزدىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى . سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئاي شارىنى تەكشۈرۈش مۇسابىقىسى قىلىپ، ئاي شارىغا بەس- بەستە نەچچە ئون تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى قويۇپ بەرگەن. ئامېرىكىنىڭ «ئاپوللو-11» ناملىق ئالەم كېمىسى 1969- يىلى ئىنسانلارنى ئاي شارىغا چىقىش ئارزۇسىغا تۇنجى قېتىم يەتكۈزدى. 1972- يىلى ئامېرىكىنىڭ «ئاپوللو پىلانى» ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئاساسلىق نىشان دۆلەت ئىچىدىكى ئەمە لى قوللىنىدىعان ئىقتىساد ۋە تېحنىكىلارنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا قارىتىلعانلىقتىن ئاي شارىنى تەكشۈرۈش بىر مەھەل پەسكويغا چۈشتى. ھالبۇكى، ئالەم بوشلۇقىنىڭ يۉكسەك سىتراتىگىيىلىك ئەھمىيىتى، ئاي شارىدىكى مول بايلىقنىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ تېز تەرەققىياتى قوشۇلۇپ، 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىنسانلار نەزىرىنى يەنە ئاي شارىغا ئاغدۇردى. 2003- يىلى 9- ئايدا ياۋروپانىڭ «ئەقلىي ئىقتىدار-1» ناملىق تۇنجى ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ، كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 2006- يىلى 9- ئايدا ئاي شارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك سوقۇلدى. 2007- يىلى 9- ئايدا ياپونىيىنىڭ «ئاي ئىلاھى» ناملىق ئاينى ئايلىنىپ تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. بۇ سۈنئىي ھەمراھ دۇنيا بويىچە ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئاي شارى خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتى. ئاي شارى يۈزىنىڭ ئالدى تەرىپى بىلەن ئارقا تەرىپىنىڭ ئېغىرلىق كۈچىدە پەرق بارلىقىنى بايقىدى . 2007- يىلى 10- ئايدا ئېلىمىزنىڭ «ئاي پەرىسى-1» ناملىق سۈنئىي ھەمراھى ئاي شارى سەپىرىنى باشلىدى ھەم بىر يىلدىن كېيىن ئاي شارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك سوقۇلدى. 2008- يىلى 10- ئايدا ھىندىستاننىڭ «ئاي كېمىسى-1» ناملىق ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. بۇ سۈنئىي ھەمراھ ئۆزىدىكى ھەر خىل ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ ئاي شارىنىڭ جۇغراپىيىلىك قۇرۇلمىسى، خېمىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە قېزىلما بايلىقلىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى، شۇنداقلا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئاي شارى خەرىتىسىنى سېزىپ چىقىش ئۈچۈن، ئاي شارىنىڭ جۇغراپىيىلىك سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلىدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭى ئەسىردىكى ئاي شارىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىدە يېڭى ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى. ئەينى چاغدا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى سىياسىي ۋە پەن- تېخنىكا ئېھتىياجىنى قامداش مەقسىتىدە ئاي شارىنى تەكشۈرگەنىدى. ھالبۇكى، ھازىر ھەر قايسى دۆلەتلەر ئاي شارىنى تەكشۈرۈشتە ئىلىم- پەن ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن ئىقتىسادىي ئېھتىياجنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئاي شارى بايلىقىنى تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلىش، كەلگۈسىدە ئاي شارى بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئاساس سېلىشنى مەقسەت قىلدى . كۆلەم جەھەتتىن قارىغاندا، ھازىر ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش كۆلىمى تېخىمۇ كېڭەيدى. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئەڭ يېڭى تېخنىكا قوللىنىلغان ھەر خىل ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى بەس- بەستە قويۇپ بېرىپ، ئاي شارىنىڭ جۇغراپىيىلىك سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاپ، ئاي شارىنىڭ يۈزىدىن ئىچكى قۇرۇلمىسىغىچە تەتقىق قىلماقتا. ھازىر «ئاي شارى كۇلۇبى»غا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر تەدرىجى كۆپىيىپ، ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈشنى مونوپول قىلىۋېلىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلدى .

مۇھىم خەتكۈچلەر : يوق
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2009-7-1 13:00:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 46
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证