تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› نىتچە= 1844-1900
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
نىتچە= 1844-1900
YusufAhmad
كاپىتان
دەرىجىسى : 2
جۇغلانما نۇمۇر : 13007
584042474@qq.com
584042474
يازما سانى : 195
باھا يازما سانى : 2
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
      فرىدرىخ ۋىلھېلم نىتچە (Friedrich Wilhelm Nietzsche) ئىلگىرى خەنزۇچىدىكى 尼采 گە ئاساسەن نېتزى دەپ ئېلىنغان، (1844 ـ 1900) ـ يېقىنقى دەۋرىمىزدىكى تەسىرى ئەڭ زور پەيلاسوپ، شۇنداقلا كېيىنكى دەۋردىكى مودىرنىزىم، پوست مودىرنىزىم، سېھرى رىيالىزىم قاتارلىق ئەدەبى ېقىملارغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن ئىرادىچىلىك ئېقىمىدىكى پەيلاسوپ ۋە فىلولوگ. برىتانىيە ئىخچام ئېنىسىكلوپېدىيىسىدە نىتچىگە مۇنداق باھا بېرىلگەن: «20-ئەسىر پەلسەپىسى، تىئولوگىيىسى ۋە پىسخولوگىيىسىنى ئۇنىڭسىز (نتچەسىز) چۈشىنىش مۈمكىن ئەمەس...». مۇناسىۋەتلىك تېما: نىتچە 1844-يىلى 15-ئۆكتەبىردە گېرمانىيە ساكسىن شىتاتىدىكى ۋايسفېلزېن شەھىرىگە يېقىن غۆككېن كەنتىدە، پروتېستان ئائىلىسىدە توغۇلىدۇ. نىتچەنىڭ دادىسى غۆككېن كەنتىدىكى چېركاۋنىڭ پوپى ئىدى. ئانىسىمۇ پوپنىڭ قىزى ئىدى. نىتچە بەش ياشقا كىرگەندە دادىسى ئۆلۇپ، 1849-يىلى ئاپىسى ئۇنى ئېلىپ نائۇمبۇرگ شەھىرىگە كۆچۈپ كېتىدۇ. ئۆسمۈر نىتچە مۇزىكا ۋە ئەدەبىياتتا تالانتلىق، ئىنجلىنى پۇختا ئىگەللىگەن بولۇپ، 10 يېشىدا «كىچىك پوپ» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنى ناھايىتى تەقۋادار ئىككى ھاممىسى ۋە ئانىسى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. خىرىستىئان دىنى ئۇنىغا ئاجىز، بىچارە، چۈشكۈن تۇيۇلىدۇ. نىتچە كىچىكىدىلا رىچارد ۋاگنېرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. سىڭلىسى بىلەن ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىنى مەشىق قىلىدۇ. 1858-يىلى نائۇمبۇرگ شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇناستېردىن ئۆزگەرتىلگەن، سەرخىللار ئوقۇيدىغان ياتاقلىق مەكتەپ Schulpforta غا قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ تۈزۈمى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ئۇقۇغۇچىلار ھەر قېتىملىق تاماقتىن بۇرۇن شىرە ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ مۇناجات ۋە ھەمدۇ-سانالارنى ئوقۇپ، ئاندىن تاماققا ئولتۇراتتى. نىتچە بۇ يەردە لاتىن تىلى، يۇنان تىلىغا ئىشتىياق باغلايدۇ، شېئىر يازىدۇ، مۇزىكا ئىجاد قىلىدۇ. روسسو، بايروننى ئوقۇيدۇ، ۋاگنېرغا چوقۇنىدۇ ۋە ئەنئەنىۋى ئېتقادتىن يىراقلاپ، تارىخىي-تەنقىد مېتودىغا قىزىقىدۇ. 16يېشىدا ئىككى ئاغىنىسى بىلەن ئەدەبىيات ۋە مۇزىكا كۇلۇبى Germania نى قۇرۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ھەققىدە كەسكىن مۇنازىرە قىلىش ۋە ئۆز-ئارا رەھىمسىز تەنقىد قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. 18 يېشىدا «پۈتكۈل خىرىستىئان دىنى قىياس ئۈستىگە قۇرۇلغان» دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇيدۇ. (بۇ ماقالىسدا ئۇ بىر ئاتېئىزىمچى پەقەت ۋەيران قىلىپلا قالماي بەلكى يەنە قايتىدىن قۇرۇشى كېرەك، دەيدۇ.) بون ۋە لايپتسىگتا تېئولوگىيە ۋە كىلاسسىك فلولوگىيە ئوقۇيدۇ. بۇ ۋاقىتتا شوپېنخاۋئېر نىتچەنىڭ دىنىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ بۇددىزىم بىلەن تونۇشىدۇ، ئادەمنىڭ مۇزىكا ۋە سەنئەت، تەركى دۇنياچىلىق ۋە ئازاب ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى ئازاد قىلىشىغا ئىشىنىدۇ. 1869-يىلى 24 ياشلىق نىتچە دوكتۇرلۇق دېسىرتاتسىيىسىنى تاماملىماي تۇرۇپلا، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن شىۋىتسارىيىنىڭ بازېل ئۇنۋېرسىتېتىدا كلاسسىك فلولوگىيە پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىندۇ. ئۇ ئىسىم كارتوچكىسىغا ئۆزىنىڭ قانچىلىك مائاش ئالىدىغانلىقىنىمۇ يېزىپ قويىدۇ. ئۇ فرانسىيە-پرۇسىيە ئۇرۇشىدا پرۇسىيە ئارمىيىسىدە كېسەللەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ،لېكىن كېيىن ھەرقانداق شەكىلدىكى مىللەتچىلىكنى رەت قىلغان ۋە ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ئاساسەن شىۋىتسارىيە ۋە ئىتالىيەدە ياشىغان. كېسەللىك سەۋەبىدىن 1879-يىلى بازىل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئايرىلغان. 1889-يىلى 45 ياشلىق نىتچە ئىتالىيىنىڭ تۇرىن شەھىرىدە بىراۋنىڭ ئېتىنى ئۇرۋاتقانلىقنى كۆرۈپ، ئاتقا ئىچ ئاغرىپ ئۇنىڭ بوينىدىن قۇچاغلاپ يىغلاپ، ھوشىدىن كېتىدۇ ۋە بازىل شەھىرىدىكى نېرۋا كېسەللىرى دوختۇرخانىسىغا ئېلپ كېلىنىدۇ. نىتچە 1900-يىلى25-ئاۋغۇست ۋايمار شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ جەسىدى ئات ھارۋىسى بىلەن غۆككېنگە ئېلىپ كېلىنىپ، ئۆ توغۇلغان ۋە داداىسى پوپلۇق قىلغان كەنت چېركاۋىنىڭ بېغىغا دەپنە قىلىندۇ. نېتشې شوپېنخارنىڭ ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرلىرىگە ۋارىسلىق قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ دەرۋىشلىك خۇلاسسىگە قوشۇلمايتتى. نىتشې ئەقىل ئاجىز ۋە ئىقتىدارسىز، تۇيغۇ دائىم خاتاغا ئېلىپ بارىدۇ، شۇڭا بىز ئۈچۈن بىردىن ـ بىر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى ئارزۇ ۋە تەبىئى ئىقتىدار، دەرۋىشلىك بولسا ئارزۇ بىلەن تەبىئى ئىقتىدارنى بوغىدىغان پاسسىپ تەبىردىنلا ئىبارەت، دەپ قارايدۇ. ئۇ پاسسىپلىقنى ئاكتىپلىققا يالاندۇرۇشنى، ئارزۇ بىلەن تەبىئى ئىقتىدارنى ئۆز ئەركىگە قويۇپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە ئىرادە «ياشاش ئىرادىس»دىنلا ئىبارەت بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە «ھوقۇق ئىرادىسى»مۇ بولۇشى كېرەك ئىكەن؛ چۈنكى ھاياتلىقنىڭ ئاساسىي پۈتۈنلەي شەخسىيەتپەرەسلىكتىن ئىبارەت ئىكەن، ئادەم توغۇلۇپلا ھوقۇق تۇتۇشنى، ھۆكۈمران بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن. «ھوقۇق ئىرادىسى» ـ ھاياتلىقنىڭ ئالى نىشانى، ئالى قىمممەت ۋە ئالى دەرىجىدە گەۋدىلەندۈرۈلىشى، شۇنداقلا ھەممە مەۋجۇدىيەتنىڭ ئاساسى ۋە ئېنېرگىيىسى ئىكەن. نېتشې ھاياتلىق ـ كۈچلۇكلەرنىڭ ئاجىزلارنى ئېكسىپلاتاتسىيە قىلىشى، ئېزىشى، بويسۇندۇرۇشى ۋە دەپسەندە قىلىشىدىن ئىبارەت، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە، ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئەخلاق دىگىنى ئەمىليەتتە، ئەڭ ئەخلەقسىزلىق ئىمىش، چۈنكى ئۇنداق ئەخلاق دىگىنى ئەمىلىيەتتە، ئەڭ ئەخلاقسىزلىق ئىمىش، چۈنكى ئۇنداق ئەخلاق ئىچ ئاغرىتىشنى ئاساس قىلارمىش، ئىچ ئاغرىتىش بولسا پەقەت ئاجىزلارغىلا پايدىلىق بولۇپ، كۈچلۈكلەر ئۈچۈن بىر خىل چېكىنىش بولارمىش. ئۇ روسسو تەشەببۇس قىلغان ھەممە ئادەم باراۋەر دىگەن تەلىماتقا قارشى ھالدا، باراۋەرلىك پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى مۇقەررەر سۈرەتتە پەسكەشلەشتۈرۈپ، ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىدۇ، دەيدۇ. ئۇ ئادەملەرنى قىلچە ئاساسسىز ھالدا ئىككى خىلغا ئايرىيدۇ: بىر خىلى «كۈچلۈكلەر»بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە «خوجا نەسلى»ئىمىش؛ بىر خىلى «ئاجىزلار»بولۇپ، ئۇلار بويسۇنۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، «قۇللار نەسلى»ئىمىش. ئۇ: خوجا نەسلىدىن بولغانلار «ئالتۇن چاچلىق ياۋايى ھايۋانلار»بولۇپ، باشقىلارغا، باشقا ئەللەرگە خۇددى يىرتقۇچلاردەك مۇئامىلە قىلىدۇ، ھەر قانداق ئەخلاق ۋە جەمىيەت كىشىلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.......... ئۇلار زىناخورلۇق قىلىدۇ، تالان ـ تاراج بىلەن شوغۇللىنىدۇ، قاتىللىق قىلىدۇ، ئوت قويىدۇ، ياۋۇزلۇق قىلىدۇ، ھەر قانداق جىنايەتتىن باش تارتمايدۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا گىدەيگەن، سالاپەتلىك ھالدا، ھىچقانداق ئىش قىلمىغاندەك، گويا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى چاخچاقتەك بىر قىياپەتتە يۇرۇۋېرىدۇ»: «قۇللار نەسلى»بولسا «مەدەنىيەتلىك قارغو قورالى»، كۈچلۈكلەر ئۈچۈن تارىخنى سىناق قىلىش ماتېرىئالى، شۇنداقلا ئېكسىپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمنىڭ ئوبېكتى، دەيدۇ. ئۇ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمران سىنىپ مەيدانىدا تۇرۇپ، سوتسىيالىزم بىلەن كوممۇنىزمغا جان ـ جەھلى بىلەن قارشى تۇردى، سوتسىيالىزم بىلەن كوممۇنىزىمنى ئاجىزلار تەشكىللىنىپ مەخسۇس كۈچلۈكلەرگە قارشى تۇرىدىغان ھەركەت، ئۇ، ئاجىزلارغىلا پايدىلىق بولۇپ، كۈچلۈكلەرنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، دەپ قارىدى. ئۇ «ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار»دىگەننى قاتتىق تەرغىپ قىلىپ: ئاياللار ھەر جەھەتتىن ئاجىز، ئۇلارنىڭ ئەرلەرنى كۈتۈش ئورنىلا بار، ھەرگىز ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولۇشقا ھەقلىق ئەمەس، دەپ قارىدى. نىتشې ئەكسىيەتچىل ئېرىقچىلىقنى كۇچىنىڭ بېرىچە تەرغىپ قىلىپ، ئاق تەنلىكلەردىن باشقا ھەممە مىللەتلەرنى زەھەرخەندىلىك بىلەن ھاقارەتلەپ: «رەڭلىك جىنسلىقلار»نىڭ ھەممىسى قۇللار نەسلى، ئۇلاردا قۇللۇقنىڭ تىپى تا بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە، دەيدۇ. ئۇ ھەتتا بۇ تىپنى «جۇڭگو تىپى»دەپ ئاتاپ، ئېلىمىز خەلقىنى نومۇسسىزلىق بىلەن ھاقارەتلەيدۇ. ئۇ، ئاق تەنلىكلەر ئەلا، ئاق تەنلىكلەر ئىچىدە ئالىيان نەسلىدىن بولغان «ئالتۇن چاچلىق ياۋايى ھايۋانلار»باشقا ئاق تەنلىكلەردىن ئۇستۇن تۇرىدۇ، شىمالدىكى ئالىيانلار قانداشلىق جەھەتتە ئەڭ «ساپ»بولۇپ، جەنۇبتىكى ئالىيانلاردىنمۇ ئۇستۇن تۇرىدۇ دەپ تەرغىپ قىلىدۇ، شۇڭا «گېرمان روھى»، «نېمىس روھى»نى ھەدەپ كۆككە كۆتىرىدۇ. نىتشې جاھانگىر تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ ئەسەبى گۇپپاڭچىسى، ئۇ، ئىنسانلار مەدىنىلشىش تۇپەيلىدىن زەئىپلىشىپ كەتتى، ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىش كېرەك، دەپ ھىساپلىدى. ئۇ: «زەئىپلىشىپ كېتىۋاتقان مىللەتلەرگە ۋەھشىلەرچە تالان ـ تالاج قىلىش روھىنى، چوڭقۇر ۋە رەھىمسىز غەزەپنى، ئادەم ئۆلتۈرگەندە كىرپىگىنىمۇ قاقمايدىغان خاتىرجەملىكنى، دۇشمەننى كۆپلەپ قىرىشنى ئۇيۇشتۇرالايدىغان ئەسەبىلىكنى سىڭدۇرۇشتە، ئۇلۇغ ئۇرۇشقا ئوخشاش ئۇسۇلنى تا بۈگۈنگە قەدەر كۆرۈپ باققىنىمىز يوق»، «غالىپ مىللەتنىڭ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشتىكى ئەڭ ئالى شاتلىغى: باشقا مىللەتلەرنى ئۆزى راۋا كۆرگەنچە، ئۆزى خالىغانچە خورلاشتىن ئىبارەت» دەيدۇ. نىتشې «ئوشۇقچە ئادەملەر» (يەنى «ئاجىزلار»)نى ئۇرۇش ئارقىلىق كوللىكتىپ قىرىپ تاشلاپ، ئۇلارنى پاك ـ پاكىزە يوقىتىۋېتىش كېرەك، دەپ جار سالىدۇ. «ئادەتتىن تاشقىرى ئادەملەر» (ئىلگىرى مۆرۈۋەتلىك ئادەم دەپ تەرجىمە قىلىنغان) توغرىسىدىكى تەلىمات نىتشې پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمى ۋە ئۇنىڭ يۇقۇرى پەللىسى. ئۇ: قۇللۇق جەمىيەتتىكى قۇلدارلار سىنىپى «ھوقۇق ئىرادىسى»نىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلىنغانلىغىدۇر، ئەمدى زەئىپلەشكەن ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن. پەقەتلا قۇللۇق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، «ئادەتتىن تاشقىرى ئادەملەر»نى تەربىيلەش ۋە يارىتىش كېرەك، دەيدۇ. ئۇ: «ئادەتتىن تاشقىرى ئادەملەر» ـ بىرخىل تېخىمۇ يۇقۇرى تىپتىكى ئادەملەر بولۇپ، ئۇلار قەھرىمان ئىرق، «ئالتۇن چاچلىق ياۋايى ھايۋانلار» ئىرقى، ئىنسانلار تەرەققىياتىنىڭ يۇقۇرى پەللىسى، دەپ قارايدۇ. «ئادەتتىن تاشقىرى ئادەملەر» ـ «ھوقۇق ئىرادىسى»نىڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈلىشى، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ كوللىكتىپ «ھوقۇق ئىرادىسى»نىڭ ئەڭ غايىۋى دەرىجىدە گەۋدىلىنىشىدۇر، ئۇلارنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان مۇستەبىتلىك ئىرادىسى «بارلىق گول خەلقلەر گويا شىددەتلىك بوران، دەھشەتلىك يامغۇر... دۇر». «ئادەتتىن تاشقىرى ئادەملەر» ـ «يېرىم ئىلاھ، يېرىم ياۋايى ھايۋان ، يېرىم ئادەمل ھىساپلىنىدىغان، دۇمبىسىدە مالائىكىلىق قانىتى بولغان»، ئالۋاستىغا ئوخشاش ياۋۇز ئاددى مەخلۇقلاردۇر: ئۇلارنىڭ قوللانغان قورالى «يالغانچىلىق، زوراۋانلىق ۋە شەرمەندىلەرچە مەنپەئەتپەرەسلىك»دۇر. «ئادەتتىن تاشقىرى ئادەملەر»كائىناتنىڭ خوجايىنى ئىمىش، ئۇلار «دۇنيانى بىز ياراتقان»دەيدۇ؛ ئۇلاردا ۋىژدان يوق، ئۇلار «ياخشىلىق»بىلەن «يامانلىق»نىڭ سىرتىدا تۇرىدۇ، ھىچقانداق ئەخلاقىي چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، ھالبۇكى خەلق بولسا، ئۇلارنىڭ مۇستەبىتلىگى ـ زوراۋانلىغى ئاستىدا «شەكىلسز» «ماتېرىئال» ، قوۋلاشمىغان لايىدىنلا ئىبارەت ، بۇ لاي ئۇلارنىڭ قولىدا ئۇياقتىن ـ بۇياققا مىجىلىپ، تارىخنى يارىتىدىغان ماتېرىئال سۇپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. نىتچەنىڭ «ئادەتتىن تاشقىرى ئادەملەر»توغرىسىدىكى تەلىماتى ـ ئەڭ ئاشكارا، ئەڭ ئەكسىيەتچىل قەھرىمانلار تارىخ قارشىدىن ئىبارەت. نىتچەىڭ ئىرادىچىلىك پەلسەپسى ـ لېنىن تەرىپىدىن ئەكسىيەتچى بۇرژۇئازىيىنىڭ ئەڭ ئاشكارا، ئەڭ شەرمەندە، كىشىنى بەكمۇ چوچىتىدىغان قاراقچىلىق پەلسەپسى دەپ ھاقارەتلەنگەن، سىتالىن بولسا نىتچەنىڭ ئىدىيىسىنى فاشىزىمنىڭ نەزىرىيىۋىي ئاساسى دەپ سوۋېت ئىتىپاقىدا نەشىر قىلىشنى چەكلىگەن. 2 ـ جاھان ئۇرۇشىدا گېتلېرنىڭ «نېتشې ئەسەرلىرى»نى گۆھەر دەپ ساناپ، ئىتالىيىلىك فاشىسىت ئىبلىس موسسولىنغا تەقدىم قىلغانلىغىنىڭ ھەيران قالارلىق يېرى يوق. گېرمانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاتامانى گېتلېر نىتچەنىڭ نەزىرىيىسىنى سۈيىستىمال قىلىپ نىتچە نەزىرىيىنىڭ ئەمىلىي ئىجراچىسى بولۇۋالغاچقا نىتچە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بىزگە ناتونۇش بولۇپ كەلگەن. شۇ سەۋەپتىن نىتچە ئەسەرلىرى سوتسىيالىستىك ئەللەردە ئۇزۇنغىچە تەقىپ قىلىنغان، 90-يىللاردىن نىتچەنىڭ ئىرادە تەكىتلىنىدىغان ئىدىيىسى ۋە غەرپ ئەللىرىدىكى

مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2009-6-30 12:35:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 41
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证