تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› بېركلى= 贝克来= Berkeley
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
بېركلى= 贝克来= Berkeley
YusufAhmad
سېنىيور
دەرىجىسى : 4
جۇغلانما نۇمۇر : 11553
584042474@qq.com
584042474
يازما سانى : 169
باھا يازما سانى : 2
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

بېركلى= 贝克来=George Berkeley

     جورچ بېركلى (1684 ـ 1753) ـ ئېرلاندىيىلىك سۇبېكتىپ ئىدىئالىزىمچى پەيلاسوپ، ئۇ لوك ۋە يۇم بىلەن بىرلىكتە ئەنگىلىيە تەجرىبە پەلسەپىسىنىڭ ئۈچ ئاساسچىسىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. 
   بېركلىنىڭ نامىدا دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتلاردا ئىىنىستوت تەسىس قىلىنغان، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى بېرېكلى شەھرى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى: «كۆرۈش تۇيغۇسى توغرىسىدىكى يېڭى مۇھاكىمە»، «ئىنسانىيەت بىلىمى پىرىنسىپلىرى»، «گىلاس بىلەن فىلونوسنىڭ ئۆز ئارا ئۈچ قېتىم سوھبىتى»قاتارلىقلار.  بېرېكلى ئەنگلىيەدە بۇرژۇئازىيە سىنىپى شەكىللىنىۋاتقان دەۋردە بارلىققا كەلگەن چوڭ بۇرژۇئازىيە بىلەن ئاقسوڭەكلەرنىڭ ئىدىيىۋى ۋەكىلى بولۇپ، ئۇنىڭ سۇبېكتىپ ئىدىئالىزىمى ۋە تەجرىبىچىلىك پەلسەپىسى ئەنگلىيە تەبىئى پەن ۋە مائارىپ تەرەققىياتى شۇنداقلا سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ھالىقىلىق تەسىر كۆرسەتكەن. بېركلى ئوچۇق ـ ئاشكارا ھالدا بۇرژۇئازىيىگە ئەقىل كۆرسىتىپ، پەقەت ھاكىمىيەتكە تايىنىپ خەلق ئاممىسىنى باستۇرۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، خەلقنى يەنە دىنغا ئېتىقات قىلدۇرۇش، خۇدادىن قورقىدىغان قىلىش كېرەك. پەقەت دىنلا خەلقنى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىغىغا كۆز بىلەن كۆرۈۋالغىلى بولىدىغان ھالدا ئىشلەپ بېرىش يولى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى «قەلبىدىكى ساداقەت» بىلەن ئىستائەت قىلىدىغان قىلالايدۇ، دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ دىنىي خاھىشلارغا قارشى تۇرىدىغان بارلىق ماتېرىئالىزىم ۋە ئاتېئىزىمغا قارشى غالجىرلارچە ھۇجۇم قىلىپ، بۇخىل ئىدىيىلەرنى ئاممىغا زىيىنى ئەڭ زور بولغان جىنايت دەپ قاغىغان. ئۇنىڭ سۇبېكتىپ ئىدىئالىزىملىق پەلسەپىسى ئوچۇق ئاشكارا ھالدا دىنىي ئېتىقادنى ئاقلاپ، ماتېرىئالىزمنى «بەربات قىلىش»قا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت.
    بېركلى پەلسەپىسى ھىسى تەجرىبىنى ئاساس قىلىدۇ، لېكىن ھىسى تەجرىبىنى سۇبېكتىپ ئىدىئالىزملىق ئاساستا بۇرمىلايدۇ. ئۇ ھىسى تەجرىبىنىڭ ئوبېكتىپ مەنبەسى ۋە ئوبېكتىپ مەزمۇنىنى ئىنكار قىلىپ، ھىسسى تەجرىبىنى بىردىن ـ بىر مەۋجۇدىيەت دەپ دەۋا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ ھىسسى تەجرىبىسىنىڭ سىرتىدىكى ئوبېكتىپ دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇغىنى تۈپتىن ئىنكار قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر بىر دانە ئالمىنى كۆرگەن چېغدا، بىر ئوبېكتىپ نەرسىنى ئەمەس، پەقەت بىر يۇمۇلاق شەكىل، قىزىل رەڭ، مەزىلىك پۇراق، تاتلىق تەمنىلا سېزىدۇ، بۇ سېزىملار ھەمىشە بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىۋەرگەنلىكتىن، كىشىلەر ئۇنى يەككە ـ يىگانە شەيئى دەپ قارايدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا «ئالما»دېگەن ئىسىمنى بېرىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئۇ تاسادىپى ھالدا بىرلىشىپ قالغان بىر دوۋە سېزىمدىنلا ئىبارەت، خالاس. ئۇنىڭ نەزىرىدە، بارلىق شەيئىلەر، مەسىلەن: قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغ، دەريا، زېمىنلار، ئوت ـ چۆپ، دەل ـ دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى مۇنداق ياكى ئۇنداق بەزى «تۇيغۇلار يىغىندىسى»دىن باشقا نەرسە ئەمەس.
    ئۇنىڭ قارىشىچە، تەجرىبە داۋامىدا پەقەت بەزى يەككە نەرسىلەر يەنى «تۇيغۇلار يىغىندىسى»نىلا بىلگىلى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ، نەزىرىيىۋى تەپەككۈرگە، ئىلمىي ئۇقۇمغا، ئەقىلنىڭ ماددى دۇنيا توغرىسىدىكى ھىسىسى ماتېرىئاللارنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا قارشى تۇرىدۇ. بېركلى ئىلگىرىلىگەن ھالدا: تۇيغۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۇنى سەزگۈچى ئادەمنىڭ دىلىدىن ئايرىلمايدۇ. شەيئى پەقەت بەزى تۇيغۇ ۋە «تۇيغۇلار يىغىندىسى»دىنلا ئىبارەت ئىكەن، ئۇ ھالدا شەيئىمۇ ئۇنى سەزگۇچى ئادەمنىڭ دىلىدىن ئايرىلغان ھالدا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆزىنىڭ سېسىق نامى پۇركەتكەن «مەۋجۇدىيەت ـ سېزىلىش دىمەكتۇر»دېگەن سۇبېكتىپ ئىدىئالىزملىق فورمۇلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بېركلى نۇقتىئىنەزىرىدىن پايدىلىنىپ، «بىرلەمچى سۇپەت»نىڭ ئوبېكتىپلىغىنى تېخىمۇ ئىنكار قىلىدۇ. ئۇ: جىسىمنىڭ بارلىق سۇپىتى ئاجرالماس ھالدا باغلانغان بولىدۇ، لوك ئىككىلەمچى سۇپەت ئادەمنىڭ دىلىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىدىيىدىنلا ئىبارەت دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىكەن، ئۇ ھالدا بىرلەمچى سۇپەتمۇ پەقەت ئادەمنىڭ دىلىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىدىيىدىنلا ئىبارەت بولىدۇ. ھالبۇكى، سېزىۋالغىلى بولىدىغان بارلىق سۇپەتنىڭ ئاساسى دىل بولغانلىقتىن، ماددىنىڭ مەۋجۇتلۇغى توغرىسىدا پەرەز قىلىشقا ھىچقانداق ئاساس قالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتالمىش «ماددا»ياكى شەكىلگە ئىگە سوبېستانسىيە «ھىچنىمە»دىنلا ئىبارەت، خالاس دەپ ھىساپلايدۇ. شۇنىڭدىن باشقا، بېرىكلى يەنە كونا ماتېرىئالىزىمنىڭ ماددىنى پائالىيەتچانلىققا ئىگە ئەمەس، پەقەت پاسسىپلىققىلا ئىگە دەپ قارايدىغان مېخانىكىلىق نۇقتىئىنەزىرىدىن پايدىلىنىپ، پاسسىپ نەرسە ھەرگىز پائالىيەتچان ئىدىيىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ، شۇڭا، ئىدىيىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈچۈن قانداقتۇ بىر تاشقى جىسمنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى پەرەز قىلىش، روشەنكى، ھاجەتسىز، دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ.
    بېرىكلىنىڭ ماددىنىڭ ئوبېكتىپ مەۋجۇتلۇغىنى يوققا چىقىرىشقا ھەدەپ ئۇرۇنۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ، ماددىنىڭ ئوبېكتىپ مەۋجۇدىيەت ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلىش ـ ماتېرىئالىزم ۋە ئاتېئىزىمنىڭ ئاساسى ئىكەنلىگىنى بىلىپ قالغان. ئۇ، «بۇ ئۇل تاش قومۇرۇپ تاشلانغان ھامان»، ماتېرىئالىزم ۋە ئاتېئىزىمدىن ئىبارەت «پۈتكۈل بىنا جەزمەن غۇلاپ چۈشىدۇ» دىگەن خام خىيالدا بولغان. بېرىكلىنىڭ سۇبېگتىپ ئىدىئالىزملىق بىلىش نەزىرىيىسىنىڭ مەنبەسى شۇ يەردىكى: «ئۇ تۇيغۇنى ئاڭنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن باغلىنىشى دەپ ئەمەس، بەلكى ئاڭنى تاشقى دۇنيادىن ئايرىپ تۇرغۇچى توساق، تام دەپ قارايدۇ: تۇيغۇ بىلەن ئۇيغۇن بولغان تاشقى ھادىسىلەرنىڭ ئوبرازى دەپ ئەمەس، بەلكى «بىردىن بىر مەۋجۇدىيەت» دەپ قارايدۇ (لېنىن : «ماتېرىئالىزم ۋە تەجرىبە تەنقىتچىلىگى»، مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ 1972 ـ يىلقى نەشرى، 68 ـ بەت) بۇ پەلسەپە: «مەن»نىڭ ئۆزىدىكى زېھىن ۋە تۇيغۇلا بىردىن ـ بىر مەۋجۇدىيەت دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىكەن، ئۇ ھەر قانداق ئوبېكتىپ مەۋجۇدىتەينى ئىنكار قىلماي، ئوبېكتىپ دۇنيانىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى ئىنكار قىلماي، «مەن»نىڭ سىرتىدىكى باشقا ئادەملەرنىڭ مەۋجۇتلۇغىنى ئىنكار قىلماي قالمايدۇ. بۇ، مۇقەررەر ھالدا ئەڭ بىمەنە مەنچىلىكككە ئېلىپ بارىدۇ. بېركلى بۇنداق مەنچىلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئاخىرىدا خۇدادىن مەدەت تىلەيدۇ. ئۇ، خۇدا كىشىلەرنىڭ تۇيغۇ ئەزالىرىغا پۈتۈن قويغان ئىدىيىلەر كىشىلەر كۆڭلىدە خالىغانچە ئويلاپ چىقىرىدىغان ئىدىيىلەرگە قارىغاندا، تېخىمۇ كۆپ رىئالىققا ئىگە بولۇپ، تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ تەرتىپلىك، تېخىمۇ روشەن بولىدۇ، ئۇ، ئۇ ئىدىيىلەرنى تۇيىدىغان دىل تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىلمايدۇ، دەيدۇ، بېركلى خۇدانىڭ ئادەم دىلىغا بولغان رولىدىن «ئىدىيە»نى ئېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ سۇبېكتىپ ئىدىئالىزمدىن ئوبېكتىپ ئىدىئالىزمغا ئۆتىدۇ.
    بېركلى ـ غەيربىي ياۋرۇپا يېقىنقى زامان سۇبېكتىپ ئىدىيالىزمىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇنىڭ پەلسەپىسىنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىگى شۇكى، ئۇ، «تۇيغۇ»، «تەجرىبە»دېگەن نىقاپ ئاستىدا، ئەڭ ئەكسىيەتچىل ئىدىئالىزمنى بازارغا سالىدۇ. 19 ـ ئەسىردىن 20 ـ ئەسىرگىچە، ھەر رەڭ ـ ھەر شەكىلدىكى بۇرژۇئا پەلسەپىلىرى، مەسىلەن: دەلىلچىلىك، ماخىزىم، پىراگماتىزىم، مەنتىقىي دەلىلچىلىك ۋە باشقىلار توغرىدىن ـ توغرا بېركلىنىڭ ئاشۇ ئەكسىيەتچىل پەلسەپە يولى قىلىپ، ماركسىزمغا قارشى تۇرۇپ كەلدى. لېنىن ئۆزىنىڭ «ماتېرىئالىزم ۋە تەجرىبە تەنقىتچىلىگى» دىگەن شانلىق ئەسىرىدە، پەلەپىدىكى بۇ ئەكسىيەتچىل يولنىڭ تارىختىكى ئىچكى باغلىنشلىرىنى تەلتوكۇس ئاشكارىلاپ، بېركلى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۇچىلىرىنىڭ ئەكسىيەتچى ماھىيىتىنى ئۈزۈل ـ كېسىل تەنقىت قىلدى.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 1:30:42]

مۇھىم خەتكۈچلەر : بېركلى , 贝克来 , Berkeley
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2009-6-29 13:27:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 13
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证