تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› 2009-يىللىق قىزىق نۇقتا ›› رۇسىيە ب د ت نىڭ ئابخازىيەدە داۋاملىق تۇرۇشىنى رەت قىلدى
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
رۇسىيە ب د ت نىڭ ئابخازىيەدە داۋاملىق تۇرۇشىنى رەت قىلدى
Biliwal
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 13
biliwal@qq.com

يازما سانى : 161
باھا يازما سانى : -1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

رۇسىيە ب د ت نىڭ ئابخازىيەدە داۋاملىق تۇرۇشىنى رەت قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئابخازىيە بىلەن گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدا 16 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردىن كېيىن رايونغا ئەۋەتكەن كۈزىتىش قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى، رۇسىيىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن 15 - ماي كۈنى ئاخىرلاشتى. 131 ئەسكەر ۋە 20 ساقچىدىن تەشكىل تاپقان قىسىم، گىرۇزىيەىلەر ۋە ئابخازىيە ئوتتۇرىسىدا 1993 - يىلى يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردىن كېيىن تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنامىسى دائىرىسىدە رايونغا ئەۋەتىلگەنىدى. رۇسىيە فېدېراتسىيىسى 15 -ماي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتتى. ئابخازيىيە بىلەن گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدىكى رايوندا ۋەزىپە ئۆتىگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۈزەتكۈچى قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ 2 ھەپتە ئۇزارتىلىشنى مەقسەت قىلغان قارار لايىھىسىنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، 16 يىلدىن بۇيان ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەپ كېتىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۈزەتكۈچى قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقان بولدى. قارارغا رۇسىيە قارشى ئاۋاز بەردى، تۈركىيە قاتارلىق 10 دۆلەت بولسا قوللاپ ئاۋاز بەردى. جۇڭگو، ۋىېتنام، ئۇگاندا ۋە لېۋىيە بولسا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋازكەچتى. قارار لايىھىلىرى 15 ئەزاغا ئىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، رۇسىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە ۋە جۇڭگودىن ئىبارەت رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە 5 دائىمىي ئەزا دۆلەت تەرىپىدىن رەت قىلىنغان تەقدىردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدا قوبۇل قىلىنمىغان بولىدۇ. ئاۋستىرىيە، كرودىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تەرىپىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىغا سۇنۇلغان قارار لايىھىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۈزەتكۈچى قىسمى نامى تىلغا ئېلىنماستىن پەقەت «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پائالىيىتى» دەپلا تىلغا ئېلىنغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۈزەتكۈچى قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئىككى ھەپتە ئۇزارتىلىشى تەلەپ قىلىنغانىدى. بىراق، قارار لايىھىسىدا گىرۇزىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى توغرىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن بۇلتۇر ئېلان قىلىنغان 1808 – نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ نەقىل كەلتۈرۈلىشىدىن بىئارام بولغان رۇسىيە لايىھىنى رەت قىلدى. رۇسىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى ۋىتالى چۇركىن ئاۋاز بېرىشتىن بۇرۇن بەرگەن باياناتىدا، قارار لايىھىسىنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىنىڭ گىرۇزىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ئابخازىيەنىڭ دۆلەت بولۇشىنى رەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيىنىڭ بۇنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گىرۇزىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى تىلغا ئېلىنغان لايىھىگە رۇسىيە «تىفلىس ھۆكۈمىتىنىڭ ئابخازىيەدە ھېچقانداق بىر كونترول قىلىش ھوقۇقى يوق» دەپ ئېتىراز بىلدۈرۈپ، بۇ ئىپادىنىڭ لايىھىدىن چىقىرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرى بولسا ئىپادىنىڭ لايىھىدىن چىقىرىلىشىنىڭ گىرۇزىيەدىن مۇستەقىل بىر رايون ئىكەنلىكىنى ئېىتىراپ قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ رۇسىيىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى. موسكوۋا، بۇنداق بولغاندا، مۇستەقىل بىر دۆلەت، دەپ ئېتىراپ قىلغان ئابخازىيەنىڭ «بىر دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنماسلىقى» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. موسكوۋانىڭ رەت قىلىش قارارى ئارقىلىق، 16-ماي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ گىرۇزىيە بىلەن ئابخازىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى كۈزىتىشكە مەسئۇل قىسىمنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقان بولدى. گىرۇزىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدا رۇسىيىنىڭ رەت قىلىشى بىلەن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلمىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۈزىتىش قىسمى توغرىلىق بەرگەن باياناتىدا، «رۇسىيىنىڭ خەلقارا جەمئىيەتنىڭ گىرۇزىيەدىكى مەۋجۇدىيىتىنى تامامەن يوق قىلىشنى نىشان قىلغانلىقى» نى ئەيىپلىدى. گىرۇزىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا، كۈزىتىش قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى يىغىن ئارقىلىق ئىككى ھەپتە ئۇزارتىلىش مەقسەت قىلىنغانلىقى ۋە بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغىلى بولسىمۇ، بىراق رۇسىيىنىڭ «سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئەڭ ياخشى نەمۇنىلىرىدىن بىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ» رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا يەنە، رۇسىيىنىڭ بۇ تاشلىغان قەدىمىنىڭ «خەلقئارا مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغانلىق ۋە 12 ئاۋغۇست ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنامىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئوپئوچۇق ھالدا ئاياغ ئاستى قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى» قەيت قىلىندى. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، گىرۇزىيەنىڭ جەنۇبىي ئوسېتيانى قايتىدىن ئۆز كونتروللىقىغا ئېلىۋېلىش تىرىشچانلىقى رۇسىيىنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى مۇداخىلىسى بىلەن ئاخىرلاشقان، نەتىجىدە رۇسىيە گىرۇزىيەگە مۇداخىلە قىلىپ، شۇنداقلا غەرپنىڭ كوسوۋو مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا جاۋاپ قايتۇرۇپ ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسېتيانى مۇستەقىل ئىككى دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلغانىدى. ئاخىرقى ئۆزگىرىشلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ئورگان ۋە مۇئەسسەسەلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىتەرەپ كۈچلەرنىڭ رايوندا ۋەزىپە ئۆتىيەلمەسلىكى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.


مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2009-6-26 2:56:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 111
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证