تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    aixa
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    ayshemgul848@hotmail.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    لەيلىنىڭ خاتىرىسى

    لەيلىنىڭ خاتىرىسى

    چىمەنگۈل ئاۋۇت

     مەن نەينىڭ ئاۋازىدىن تۇنجى قېتىم سىلكىنىپ ئويغانغان سەھەر! دەرىزە پەردەمگە قاراپ ئۆز-ئۆزەمگە كۈلۈپ قويدۇم.....
       مومامدىن تەۋەرۈك قالغان قارا چۆگۈنگە لىقلاپ سۇ ئېلىپ ھويلامدىكى گۈللىرىمنىڭ يېنىغا چىقتىم :
        ـ ئەي گۈللىرىم ،نېمىشقا ھەممىڭلار تەڭ ئېچىلمايسىلەر ؟ سەھەر شەبنىمىدە توڭدۇڭلارمۇ ؟ سىلەر شۇنداق گۈزەل،شۇنداق يېقىملىق...بۇ يەردە بۇلبۇل بولمىسىمۇ سىلەر يەنە ئېچىىلىۋىرىسىلەر،خۇشپۇراق چېچىۋىرىسىلەر...چۈنكى،سىلەر ماڭا،مەن سىلەرگەھەمراھ بولۇپ ئۆتىۋىرىمىز...كۈتىۋىرىمىز...كۈلىۋىرىمىز.... كۈزدە سىلەرنىڭ پىشقان ئۇرىقىڭلارنى قانچىلىك ئاۋايلاپ تىرىدىغانلىقىمنى، قۇرىغان شاخلىرىڭلارنى مىھرىم بىلەن قوشۇپ كۆمىدىغانلىقىمنى ئۈستۈمدىكى ئاشۇ بىر پارچە ئاسمانلا كۆرۈپ تۇرىدۇ.... ئەي گۈللىرىم، تۆكۈلگەن يوپۇرمىقىڭلارنى چىلاپ يۈزۈمنى يۇيىدىغانلىقىمنى ،قۇرىغان غۇنچەڭلەردە چاي دەملەپ ئىچىدىغانلىقىمنى، يىلتىزىڭلاردىكى توپىنى پۇراشقا ئامراقلىقىمنى پەقەت سىلەرگىلا دەپ بىرەلەيمەن... ئاخشام كۆرگەن چۈشۈمنىمۇ دەپ بەرگۈم كىلىۋاتىدۇ،ئاڭلىغۇڭلار بارمۇ؟ ئېچىلىۋاتىسىلەر، تىترەۋاتىسىلەر...خالايدىكەنسىلەردە گۈللىرىم ؟
        ئاۋازىم بوغۇلىۋاتىدۇ....
       -  نېمە؟ ھېلىقى نەي ئاۋازى سىلەرگە يېقىپ قاپتۇدە...ئۇنداق دىمەڭلار ئاچچىغىم كىلىۋاتىدۇ.... ئۇنىڭ قولىدىكى قومۇش نەينى رەھمەتلىك بوۋاممۇ چالاتتى،لېكىن بوۋام دەرىزە تۈۋىدە ئەمەس،بەلكى چاقتا يىپ ئىگىرىپ ئولتۇرغان مومامغا مۇھەببەت بىلەن قاراپ ئولتۇرۇپ چالاتتى .ئۇنىڭ ئاپئاق يەكتىكى،كۆك بەلۋىغى،شور توپىدا يېرىلغان تاپىنى،ئاپتاپتا تاۋلانغان مىسرەڭ،قاۋۇل كۆكرىكى ھەممىمىزگە ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇراتتى...
       ـ ھە...ي، لەيلى !!! ئەتراپىمغا قارىدىم .سىلەردىن باشقا ھىچكىم يوق..بىلىمەن گۈللىرىم ،پەقەت سىلەرلامېنى شۇنداق چاقىرالايسىلەر.... يەنە كەچ بوپتۇ...خەير! مېنى سېغىنىڭلا...

    داۋامى بار.....



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2009-6-19 18:46:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 457
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证