يارسىزلىق
( ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم )
رودىپاي كېسەلدەك سوزۇلغان كېچە،
ھۇۋلاپ تۇرىدۇ مېنىڭلا كۈلبەم.
ئىشىكىم چېكىلەر، ئولتۇرىمەن جىم،
ئېھ، سېنىڭ رۇخسارىڭ كۆز ئالدىمدا جەم.
روھىڭ دەپ ئويلىدىم
ھۇۋلىغان شامالنى تۇتۇپ قولۇمدا.
قاچاندا ئىسسىتار بۇ سوغۇق تاملار، تېنىڭ دەپ ئويلىدىم قانلىرىم كۈۋەجەر تومۇرلىرىمدا.
ۋارقىراپ كىرمىسەڭ...ئاھ، نىمە قالغۇسى كۈلبەمدە؟!... قاراڭغۇ كېچە بۇ... ھۇۋلايدۇ شامال، شاخلاردەك تەنلەرگە زادى ئارام يوق.
كەلسەڭچۇ؟... مېنىڭ كۈلبەم قالسۇن قۇپقۇرۇق
...مەنبە: بوستان ژورنىلىنىڭ (1998.2) -سانى