تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› ئەپلاتون
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
ئەپلاتون
YusufAhmad
كاپىتان
دەرىجىسى : 2
جۇغلانما نۇمۇر : 13007
584042474@qq.com
584042474
يازما سانى : 201
باھا يازما سانى : 2
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
ئەپلاتون قەدىمقى يۇنان ئىدىئالىزىملىق يولىنىڭ ۋەكىلى. ئۇ سوقراتنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرىنى سېستىمىلاشتۇرغان ھەمدە دەسلەپكى مەزگىلدىكى يۇنان پەلسەپىسىدىكى تۈرلۈك مەزھەپلەردىكى ئىدىئاستىك قاراشلارنى قوبۇل قىلىپ، «ئىدراك نەزىريىسى» نى يادرو قىلغان ئوبېكتىپ ئىدىئالىزىملىق سېستىمىنى ياساپ چىققان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ساقلىنىپ قالغانلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقلىرى؛ «مېرو ھەققىدە» ، «نېدو ھەققىدە» ، «غايىۋى دۆلەت»، «تائاتار >ھەققىدە» ، «پارمېنىد ھەققىدە»، «ئەقىل ھەققىدە» ، تىمېئو ھەققىدە»، «قانۇن ھەققىدە».
     ئەپلاتون دېموكرىتىنىڭ ئاتوم ماتېرىئالىزىمى بىلەن قارمۇ ـ قارشى ھالدا: ئوبېكتىپ مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان نەرسىلەر ھەقىقى مەۋجۇدىيەت ئەمەس، بەلكى ئاتالمىش «چۈشەنچە» نىڭ سايىسى ۋە تەقلىت قىلىنىشىدىن ئىبارەت كونكىرىت شەيئىلەر تولىمۇ ئۆزگىرىشچان، ھەر خىل ـ ھەر ياڭزا بولىدۇ، «چۈشەنچە» بولسا، كونكىرىت شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ئەسلى نۇسخىسى بولۇپ، بىردىن ـ بىر، ئۆزگەرمەس، مۇتلەق بولىدۇ، مەسىلەن، كونكىرىت شىرە ھەر خىل ـ ھەر ياڭزا بولىدۇ، شىرە توغرىسىكى چۈشەنچە بولسا، بىردىن ـ بىر بولۇپ، بارلىق كونكىرىت شىرەلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە ئۇلگىسى. چۈشەنچە خاسلىقتىن ئايقرىلغان ئورتاقلىق بولۇپ، ئالاھىدە شەيئىلەردىن ئايرىۋېتىلگەن ئومۇمى ئۇقۇم دەپ قارايدۇ.
    ئەپلاتون مۇنداق ئومۇمى ئۇقۇمنى شەيئىلەر ئورتاقلىغىنىڭ كىشىلەر مىڭىسىدە ئەكس ئېتىشى دەپ قارىماستىن، دەپ ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنى ئوبېكتىپ مەۋجۇدىيەتنىڭ سۇبىتانسىيىسى، مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ماھىيىتى، كائىناتنى ھاسىل قىلىدىغان ئەسلى نۇسخا دەپ قارايدۇ.
    ئەپلاتوننىڭ نەزىرىدە، چۈشەنچە ئالەمىلا ھەقىقى ئالەم بولۇپ، بىز ئۈچۈن رىئال بولغان دۇنيا بولسا قورۇق خىيالدىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ. خۇددى لېنىن كەسكىن كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، ئاق قارىنى ئاستىن ت ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغان بۇنداق ئىدىئالىزىم ھەقىقەتەن «دەشەتلىك، قورقۇنۇچلۇق )ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا: گۆدەكلىك(، بىمەنىلىكتۇر» )«ئارسوتېلنىڭ )مېتافىزىكا» دىگەن كىتاۋىدىن خاتىرە»، «لېنىن ئەسەرلىرى» 38 ـ توم، خەنزۇچە نەشىر 421 ـ بەت(. ئەپلاتون ئۆزىنىڭ چۈشەنچە نەزىرىيىسىنى بىلىش نەزىرىيىسىگە تەتبىق قىلىپ، ئەڭ ئىپتىدائى ئىدىئالىزىملىق ئەزىلىيىچىلىكنى تىكلىدى.
    ئۇ، ھىسسى بىلىش ئەقلىي بىلىشنى پۈتۈنلەي ئاجرىتىۋېتىپ، تۇيغۇنىڭ نىسبىلىگىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇبالىغە قىلىپ، ھىس قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھىچقاندىغى ھەقىقى نەرسىلەر ئەمەس دەپ قاراپ، تۇيغۇنىڭ بىلىشتىكى رولىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇ ئەقلىي بىلىشنىڭ ئوبېكتى چۈشەنچە، پەقەت چۈشەنچىلا ھەقىقى بولىدۇ دەپ قاراپ، ئەقلىي بىلىشنىلا ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇ ئەقلىي بىلىشنىڭ مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، پىفاگورنىڭ روھ ئۆلمەيدۇ تەلىماتىنى قوللىنىدۇ.
   ئۇ مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئادەمنىڭ تۇيغۇنىڭ ياردىمىسىز چۈشەنچىگە كېلەلىشىنىڭ سەۋىۋى شۇكى، ئادەمنىڭ روھى ئۆلمەيدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ تېنىگە كىرىشتىن ئىلگىرى چۈشەنچە بىلەن بىللە چۈشەنچە ئالىمىدە ياشايدۇ ۋە چۈشەنچىنى ئەزەلدىنلا بىلىدۇ، روھ ئادەمنىڭ تېنىگە كىرگەندىن كېيىنلا تەن ئۇنى بۇلغىۋەتكەنلىكتىن، ئەسلىدە بىلىدىغان چۈشەنچىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەمنىڭ ئۇگىنىشى روھ ئادەمنىڭ تېنىگە كىشىتىن ئىلگىرىلا بىلىدىغان چۈشەنچىنى ئەسكە ئېلىشتىنلا ئىبارەت، خالاس.
   مانا بۇ ـ ئەپلاتوننىڭ مەشھۇر «ئەسلەش تەلىماتى» بۇ بىمەنلىككە ئاسالانغاندا، ئادەمنىڭ تۇيغۇسى بىلىشنىڭ مەنبەسى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە، بىلىشنىڭ توسالغۇسى بولىدۇ، بىلىش ھىسسلىقتىن ئەقلىيلىققا كۆتىرىلىش جەريانى بولماستىن، بەلكى ئەقىلنىڭ تۇيغۇنىڭ توسقۇنلۇغىغا داۋاملىق خاتىمە بېرىش، روھنى تەننىڭ ئاسارىتىدىن ئازات قىلىش جاريانى بولىدۇ. ئەپلاتون سوقراتقا يېقىندىن ئەگىشىپ، پەلسەپىنى «ئۆلۈشنى ئۆگىنىدىغان ئىلىم» دەپ ئاتايدۇ.
    بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەپلاتوننىڭ ئەزىلىيىچىلىگى بويىچە بولغاندا، بىلىش نەزىرىيىسى ئىدىئالىزىملىق بىلىش نەزىرىيىسى بۆلۈش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى ئىنتايىن سىرلىقلاشتۇرۇلغان بىلىش نەزىرىيىسى بۇلۇپ، دېموكرىتنىڭ ماتېرىئالىزىملىق ئىنكاس نەزىرىيىسىگە توغرىدىن ـ توغرا زىت كېلىدۇ. ئەپلاتوننىڭ چۈشەنچە نەزىرىيىسى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ سىياسى مەيدانى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
   ئۇ: چۈشەنچە ئالىمى پۈتۈنلەي مۇنار شەكلىدىكى قۇرۇلما بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە كونكىرىت شەيئىلەر توغرىسىدىكى چۈشەنچە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە تۇرىدۇ، ئەڭ ئابىستىراكىت چۈشەنچە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە تۇرىدۇ دەپ قارايدۇ.

مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2009-5-31 11:07:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 47
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证