باشتىلا سالدىڭ سەن ئاغزىمغا ئىلىم، مەكتەپكە بەردىڭ سەن ئالسۇن دەپ بىلىم.
بارغانچە يورىدى قاراڭغۇ دىلىم، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.
ھەتتاكى بالىلىق بولغان چاغدىمۇ، مەن سېنى قويدۇم كۆپ ھىجران،داغدىمۇ،
مەست-ئەلەس يۈردىممەن باغۇ تاغدىمۇ، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن .
قىلغان شۇ ئىشىمغا ئۆزۈم بەك خىجىل ، ھەسرەتلىك ياشلارغا تولدى جۈپ كۆزۈم.
كاپالەت بېرىمەن،بۇ راست،چىن سۆزۈم، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.
پۇشايمان ئالغىلى قاچا-ئىدىش يوق، پەيىت قىستاپ كەلدىغۇ،ئەمدى تىنىش يوق.
بىر ئالدىغا قارايمەن،زىنھار يىنىش يوق، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.
جان دادا،سەن بىلەن بىللە ئۆتىمەن، مېھماننى كۈتكەندەك ياخشى كۈتىمەن.
ھالىڭغا ھەر دائىم جەزمەن يېتىمەن، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.
سۇ دېسەڭ،زەمزەمنى قۇيۇپ بېرىمەن، گۆش دېسەڭ پاقلاننى سويۇپ بېرىمەن.
قوغۇن ھەم تاۋۇزنى ئويۇپ بېرىمەن. سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.
گەر كېسەل بوپقالساڭ،داۋاسى مەندىن، قان لازىم بوپقالسا بېرىمەن تەندىن.
ھېچ خىجىل قىلمايمەن پۇلدىن،چىمەندىن، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.
ئىش-ئوقەت بولسىلا .ئوبدان ئىشلەيمەن، مېھنىتىم-ئەجرىمدىن خامان چىشلەيمەن.
نان يېسەم،ھالاللاپ ئاندىن چىشلەيمەن، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.
تۆھپىكار بولىمەن ھەر بىر چېلىشتا، نەمۇنە بولىمەن ئىجادتا، ئىشتا.
جاپانى يېڭىمەن تومۇزدا، قىشتا، سېنىڭدىن ئايرىلماي ئوبدان ياشايمەن.
گەر قازا قىلساڭ سەن مەندىن ئايرىلىپ، سۇنىدۇ قانىتىم شۇ دەم قايرىلىپ!.....
قەلبىمدە تۇرىسەن ھەر دەم يادلىنىپ، سېنى ھېچ ئۇنتىماي، ئوبدان ياشايمەن.
باسىمەن ھاياتتا سېنىڭ ئىزىڭنى ، چوڭ ئالىم قىلىمەن نەۋرە قىزىڭنى.
ئاقلايمەن مەڭگۈگە بەرگەن تۇزۇڭنى، سېنىڭدىن ئايرىلسام ،شۇنداق ياشايمەن.
گېپىمدە تۇرمىسام ،بالام دىمىگىن، ۋەدەمنى قۇرۇق سۆز-كالام دىمىگىن.
ئۇ دۇنيا -بۇ دۇنيا سالام دېمىگىن، سېنىڭدىن ئايرىلسام،شۇنداق ياشايمەن.
(شائىر مەخمۇت مۇھەممەتنىڭ «مېنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن»ناملىق شېئىرىغا مۇئاشىرە).