پىتنىخور
ئاڭلىغىن ئەي پىتنىخور، سېھرى يىلاننىڭ ئۆزىسەن،
نەشتىرىڭدىن قان تامار، قەستى چاياننىڭ ئۆزىسەن.
ئۆزگە ئۆستەڭدە زىلال كەلسە كۈۋەجەپ بىمالال،
ئېرىقىڭدا لاي ئاقسۇر،ئەھلى قىياننىڭ ئۆزىسەن
.چىقمىغاي چېھرىڭگە ئەسلا يېگىنىڭ-ئىچكەنلىرىڭ،
يۈزلىرىڭ خۈنسىز ئىرۇر،رەڭگى ساماننىڭ ئۆزىسەن.
سۆزلىرىڭنى تىڭشىسا،ئوخشار سۆڭەكسىز <لوقما> غا،
تۈز تىلىڭ،ئىچىڭ قوتۇر،كەكرى ماناننىڭ ئۆزىسەن.
نەدە پىتنە،سەن شۇ يەردە،گەپلىرىڭنىڭ تەمى يوق.
ئىشلىرىڭ كۆپ بولمىغۇر،تەكتى ناداننىڭ ئۆزىسەن.
ساھىلىڭدىن ئۆكسۈمەس يامغۇر-يېشىن،مۆلدۈرلىرىڭ؛
ئاسمىنىڭدىن مۇز ياغار،ئەپتى تۇماننىڭ ئۆزىسەن.
تاپمىساڭ ئەمدى ھوشۇڭنى،ئەل ئارا ئورنۇڭمۇ يوق،
ئاقىۋەت نەسلىڭ قۇرار،ۋەسلى خازاننىڭ ئۆزىسەن!
تەھرىر:زوردۇن ئىمىر
[qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-1 11:14:48]