لەيلىنىڭ خاتىرىسى
مەن چۈش زۇلمىتىدىن ئاستا - ئاستا قۇتىلىدىغان سۆيۈملۈك سەھەر...
... ئاۋايلاپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاش ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدىم . بوينۇمدىكى قارا مارجاننى سىيلىغاچ دەرىزەمگە قارىغۇم كەلدى . قارىدىميۇ، قارا كۆزلىرىمگە يەنە قان تولدى . يۈگۈرگىنىمچە بېرىپ ھالرەڭ پەردە بىلەن ھوجرامغا چۈشىۋاتقان كۈن نۇرىنىمۇ توسىۋەتتىم . ئاشۇ قارا سايە ، ماڭا ئۇزۇندىن بىرى ئەگىشىپ كىلىۋاتقان ئاشۇ قارا سايە...
... غەزەپتىن چىشلىرىم كىرىشىپ جۇغۇلداپ كەتتىم. !!!!!
چاچلىرىمنىڭ ئۆرۈمىنى بىر تال بىر تالدىن چۇۋۇۋاتىمەن . ھەربىر تال كوكۇلام ئۈچۈن تەشتىكىمدە ئېچىلىپ تۇرغان قىزىلگۈلنىڭ بەرگىلىرىنى بىر تال بىر تالدىن يۇلىۋاتىمەن . مەن ئۇنىڭ قاچانلاردا ماڭا ئەگەشكىنىنى، قاچاندىن بىرى لەنىتي كېچىلەردە سەرسان بولۇپ يۈرگىنىنى ئەسلىيەلمىدىم . قاقاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ گۈل شېخىدا قالغان تىكەنلەرنى مىھرىم بىلەن سىيلىدىم . سىيلاۋىتىپ تۆت - بەش ياش چاغلىرىمدا ئانامنىڭ قۇلىقىمنى تەشتۈرۈپ سۈپۈرگە ياغىچىنى ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يادىمغا كەلدى . " جاپاكەش ئانام تىكەننىڭ بۇنچە مىھىرلىك بولىدىغانلىقىنى ىبر ئۆمۈر بىلمەي ئۆتكەن بولسا كىرەك " دەپ شىۋىرلىغاچ ، ياغاچ تارغاقتىكى چاچلىرىمنى غۇنچىدەك تۈگۈپ بوسۇغام تۈۋىگە كۆمدۈم..... ماڭا ھەمراھ بولىدىغان ئاسلىنىم تېخىغىچە ئويغانماي پۇشۇلداۋاتاتتى . ـ ئۇخلىغىنىڭغا توي !!!!! مەن ئۇنىڭ تىرناقلىرىنى ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ ئېلىۋەتتىم ، سۆيىنىپ تۇرۇپ بۇرۇتلىرىنى قىرقىۋەتتىم . ئۇ مىنى تېخىمۇ زوقلىنىۋالسۇن دېگەندەك تاتلىق پۇشۇلداپ ئۇخلاۋەردى . مەن ئۆيۈمنىڭ بۇلىڭىدىكى كىچىككىنە كوزىدىكى تاشلارنى ساناپ تۇرۇپ ئىتىكىمگە ئالدىم . ئىتىكىمدىن ساناپ تۇرۇپ ئېلىپ كوزىغا زەرب بىلەن تاشلىدىم . بۇ قىلىقىم ئۇدا بەش قېتىم تەكرارلانغاندا يەنە كەچ بولدى . لېكىن مەن كوزامدىكى تاشلارنىڭ قانچە تال ئىكەنلىكىنى خىرامانلىق بىلەن ئۇنتۇپ قالدىم
2
كەشتىلەنگەن ياستۇقۇمدىكى بۇلبۇلغا قارىدىميۇ، سۇمبۇل چاچلىرىم بىلەن قاراڭغۇلۇققا بەنت قىلىۋەتتىم .
ئۇنىڭ نالىسى ، ئۇنىڭ پىراقى ھەم پىغانىنى چەيلىيەلەيدىغان سۆيۈملۈك سەھەر مۇزدەك سۇدا ئەندىكىپ - ئەندىكىپ يۇيۇنىۋىتىپ كىچىك چىغىمدا مەن چىلگە ئېقىتىپ ئوينايدىغان ، رەسىدە بولىۋاتقىنىمنى نىپىز سۇ بىلەن يوشۇرىدىغان ھېلىقى ئۆستەڭنى سىغىندىم .
تاملار ئاپئاق ھەم سوغۇق ، ئەسلىمىللىرىم ئېسسىق ئەمما قۇرۇق بار ئاۋازىمنى قويىۋىتىپ ۋاقىرىدىم رەيھان پۇراپ تۇرىدىغان سۇلار تۆكۈلدى . قولۇمدىكى ئەينەك چۇل - چۇل بولۇپ چىقىلدى...
شۇ چاغدا كىمدۇر بىرسىنىڭ ئاھ ئۇرغىنىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم.
ئۇ يەنە كەپتۇ دە... ئىدىشتىكى سۇدىن بىرنەچچە قاپاق ئېلىپ دېرىزەمدىن قاقاقلاپ كۈلگىنىمچە سىرتقا قارىتىپ چاچتىم . ئۇ سايە دەسلىۋىدە راھەتلەندى ، كىيىن يەنە جىمىپ كەتتى.
بىرپىيالە چاينى پۈۋلەپ تۇرۇپ ئىچكەچ ئاخشام كۆرگەن چۈشۈمنى خىيال قىلىشقا باشلىدىم....
كىتىۋاتىمەن...تاغلىق يولدا ئاپتاپنىڭ كۆيدۇرىشىنى لەززەت ، يالاڭئاياق پۇتۇمنىڭ قاناشلىرىنى ئامەت بىلىپ
كېتىۋاتىمەن . قانچىلىك ماڭغانلىقىم ، نەگە ، نىمە ئۈچۈن كېتىۋاتقانلىقىمنى دەپ بىرەلمىسەممۇ يول بويى تىرىپ ماڭغان تاشلىرىمنىڭ رەڭگى ھەم مېھرىگە سىغدىلىۋاتىمەن
كۈن تاغ كەينىگە قايرىلغاندا كۆكسىگە ئوقيا سانجىلىپ قانسىراپ ياتقان بىر كىيىكنى ئۇچراتتىم . تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن ئۇنىڭ كىندىكىدىن بىر چىمدىم ئىپارنى ئالدىم ، - دە يولۇمغا راۋان بولدۇم . ئوقيانى ئېلىۋىتىش ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ بېقىش ماڭا بىھاجەتتەك تۇيۇلدى . چۈنكى "بۇ دۇنيادا ھېچقانداق ئولجا قالمىغاندىمۇ ئوۋچىلار يوقالمايدۇ" دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە...
يىنىك سىلكىنىپ ئەسلىمىگە كەلگىنىمدە ، قولۇمدىكى پىيالە پارە - پارە بولدى . پىيالەم پارە - پارە بولۇش بىلەن بىرگە يەنە كەچ بولدى. ئەمدى مەن ئۇنىڭ كۈيلەشلىرىگە ئۆچ بولغانچە ئۇ باغرىنى قان قىلىدۇ . مەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرغانچە ئۇ ئىسسىق جېنىنى ماڭا دان قىلىدۇ...