تىل
دۇنيانىڭ چىرىقى،گۆۋھىرىدۇر تىل،
تىل بىلەن ئەقلىڭنى تاپقىنىڭنى بىل.
تىل بىلەن يەشكىن سەن سىرۇ-ھېمەتنى،
تىلنى سەن ھاياتتا ئۆتكۈر قۇرال قىل.
تىل بىلەن يورۇيدۇ ئەقىلنىڭ يۈزى،
تىل بىلەن ھەر ئەسنا يوللىرىڭ راۋان.
كامالەت تاپقاندا تىل بىلەن كىشى،
قالماس ئۇ گۈزەللىك بابىدا پىنھان.
قەدىرلە تىلىڭنى بىر ئۆمۈر ئىنسان،
ئۇنىڭدىن ھاسىلدۇر مۇراد ۋە نىشان.
شۇ تىلدىن كېلىدۇ شانۇ-شەۋكەتىڭ،
تىلىڭدىن كەلتۈرگىنى ئىنسانغا ئېھسان.
(ئاپتور:يۈسۈپ ئىلى)
يوللىغۇچى:ئەكبەر
[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 17:14:24]