تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› 2009-يىللىق قىزىق نۇقتا ›› كورىيىنىڭ سابىق پىرىزدېنتى روھموخىيۇن ئۆلۈۋالدى
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
كورىيىنىڭ سابىق پىرىزدېنتى روھموخىيۇن ئۆلۈۋالدى
Biliwal
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 13
biliwal@qq.com

يازما سانى : 161
باھا يازما سانى : -1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

كورىيىنىڭ سابىق پىرىزدېنتى روھموخىيۇن ئۆلۈۋالدى

كورىيىنىڭ سابىق پىرىزدېنتى لۇۋۇشۈەن([卢武铉(Roh Moo-hyun (روھموخىيۇن) مۇشۇ ئاينىڭ 23- كۈنى يۇرتىدا ياردىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋالدى، بۇ ئىش پۈتۈن كورىيىنى چۆچىتتى. سىياسىي ساھەدىكى بىر قىسىم ئەربابلارنىڭ قارىشىچە، لۇۋۇشۈەن(روھموخىيۇن)نىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈۋېلىشىنىڭ سىياسىي ۋەزىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى مۆلچەرلەش تەسكەن، كونكرېت يۈزلىنىش يەنىلا خەلق رايىغا باغلىقكەن. روھموخىيۇننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋانغانلىق خەۋىرى تارالغاندىن كېيىن، كورىيىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرلىرى بىر كۈن جىددىي ھالەتتە بولدى. بۈيۈك دۆلەت پارتىيىسى، دېموكراتلار پارتىيىسى، ئەركىن ئىلغارلار پارتىيىسى قاتارلىق كورىيىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋە سىرتىدىكى پارتىيىلەر بەس- بەستە جىددىي يىغىن ئېچىپ، تاقابىل تۇرۇش لايىھىسى ئۈستىدە كېڭەشتى. ئاۋىسترالىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بۈيۈك دۆلەت پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى پۇشىتەي شۇ كۈنى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قالغان زىيارەت كۈن تەرتىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 24 - كۈنى كورىيىگە قايتىپ كەلدى. كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىياسىي ساھەدىكى ئەربابلار لۇۋۇشۈەن(روھموخىيۇن)نىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھەممىسى قاتتىق ئېچىنغان ۋە ھەيران قالغان. گەرچە قانۇن مىنىستىرلىكى شۇ كۈنى لۇۋۇشۈەن(روھموخىيۇن)نىڭ تەيگۇاڭ ئوقەتچىلىك شىركىتىنىڭ خوجايىنى پۇيۈەنسىدىن پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆكتىچى پارتىيە دېموكراتلار پارتىيىسى ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ سابىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيىگە قارىتا «ئادىل بولماسلىقى» ۋە «ھەددىدىن ئارتۇق» تەكشۈرۈشى بۇ پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ تەنقىدىلىدى. كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، دېموكراتلار پارتىيىسى قاتارلىق ئۆكتىچى پارتىيىلەر بۇنىڭدىن كېيىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيىگە زەربە بېرىشنى يەنىمۇ كەچەيتىدىكەن، شۇنداقلا ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ « پۇيۈەنسى شىركىتىنىڭ چىرىكلىشىش» دېلوسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل پەۋقۇلاددە تەپتىش ئەمەلدارىنى دەرھال تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىش مۈمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىغىلىمۇ بولمايدىكەن. كورىيە «پىرىزدېنت رەھبەرلىكى تەتقىقات ئورنى»نىڭ باشلىقى سۈيجىن رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا، بۇ ۋەقە لىبېراللار يەنى ئۆكتىچى پارتىيىگە تېخىمۇ كۆپ ھېسداشلىق ئېلىپ كېلىپ، نۆۋەتتىكى كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمەتنىڭ قوللاش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۈمكىن، دېدى. سابىق پارلامېنت ئەزاسى يىرۇجياۋ شۇ كۈنى كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ سابىق پىرىزدېنتنىڭ قازا قىلىش ئەمەلىيىتىنى قانداق قوبۇل قىلىدىغانلىقى بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. كورىيە پۇقرالىرى مۇشۇ ئاينىڭ 23- كۈنى پايتەخت سىئول قاتارلىق جايلاردا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىملىرنى ئۆتكۈزۈپ، «پۇقرا پىرىزدېنت» روھموخىيۇنغا ماتەم تۇتتى. لۇۋۇشۈەن(روھموخىيۇن)نىڭ 800 دىن ئارتۇق قوللىغۇچىسى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سىئول شەھەر مەمۇرىيىتى بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلىپ، تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكتچى بولغاندا، ساقچىلارنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچىراپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى. ئارقىدىن ساقچى تەرەپ بۇ مەيداننى قامال قىلدى. بۇ قوللىغۇچىلار شەھەر مەمۇرىيىتى بىناسىنىڭ ئەتىراپىدىكى بىر مەيدانغا يۆتكىلىپ، ۋاقىتلىق تەزىيە بىلدۈرۈش ئورنى قۇردى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى كۆزىگە ياش ئېلىپ، روھموخىيۇننىڭ رەسىمىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ تازىم قىلىپ، رەسىمنىڭ ئالدىغا ئاق جۇخارگۈلى قويدى. بۇ رەسىمدە لۇۋۇشەن دېھقان كىيمى كىيىپ، كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. بىر قىز ئوقۇغۇچى مۇنداق دېدى: بۇ بەك ئېچىنىشلىق ئىش بولدى، دۆلەت، سابىق پىرىزدېنتنى مۇشۇنداق زور بېسىم ئاستىدا قالدۇرۇپ، ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ نىمە دېگەن نومۇس. روھموخىيۇننىڭ يۇرتى فىڭشيا كەنتىدە، لۇۋۇشەننىڭ نەچچە يۈز قوللىغۇچىسى ۋە دېموكراتتىك پارتىيىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ تەزىيە بىلدۈردى، نۇرغۇن كىشىلەر ۋاقىراپ يىغلىدى، بىر قىسىم كىشىلەر روھموخىيۇننى تەكشۈرۈگەن تەپتىش ئەمەلدارىنى «دۆت، ئاق- قارىنى پەرىق ئەتمەيدىغان» دەپ ئەيىپلىدى. ئۇلار يەنە بىر قىسىم يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ تەكشۈرۈشكە قاراتقان كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى خەۋەرلىرىدىن غەزەپلەندى. يەنە بىر قىسىم كورىيىلىك ئاممىنىڭ قارىشىچە، لۇۋۇشەن سابىق پىرىزدېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشنى تاللىغانلىقى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىكەن. سودىگەر پياۋخەيشەن مۇنداق دېدى: ئۇ ئەسلىدە ئەدلىيىگە مۇراجەت قىلىپ، نىمىنىڭ توغرا، نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەكتى. بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن ستۇدېنت يىشېنگو مۇنداق دېدى: لۇۋۇشۈەن(روھموخىيۇن)نىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشنى تاللىشى ئاقىلانىلىق ئەمەس، ئۇ بەلكىم ئېغىر بېسىمغا بەرداشلىق بەرگەن بولۇشى مۈمكىن، ئەمما يەنىلا ئويلىنىپ ئىش قىلسا بولاتتى. كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېموكراتلار پارتىيىسى خەلق رايىنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيىنىڭ ئەزالىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھاكىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيىگە بولغان ھۇجۇمنى كۈچەيتىدىكەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ ئۆلۈمى، كورىيىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى ياكى پۇل مۇئامىلە بازىرىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىن ئەمەس. ھالبۇكى نۆۋەتتە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە دەسلەپكى قەدەمدە ياخشىلىنىش بولۇۋاتقان پەيتتە، بۇ ۋەقەدىن ئىجتىمائىي توقۇنۇش كېلىپ چىقسا، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشىغا ھەقىقەتەن پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىستراتېگىيە ۋە مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارلىرى، بۇ ۋەقەنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرانىڭ تىركىشىشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مەجلىسىنىڭ جامائەت چىقىمىغا ئالاقىدار كۆپ تۈرلۈك مۇھىم ئىقتىسادىي قارالمىلارنىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. كورىيە ئاسىيادىكى 4- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن كورىيە ئىقتىسادى 2008- يىلى 4- پەسىلدە %5.1 كېمىيىپ، ئىقتىساد ئۇدا ئىككى پەسىل كېمەيگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل 1- پەسىلدە %0.1 ئاشقان ئىدى. بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ كورىيە ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئىستراتېگىيە ۋە مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: 2006- يىلى چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقىنى يولغا قويۇشى ۋە بۇ يىل 4- ئاينىڭ 5- كۈنى راكىتا قويۇپ بېرىشىنىڭ كورىيە پۇل مۇئامىلە بازىرىغا ئۇنچە تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، لۇۋۇشۈەن(روھموخىيۇن)نىڭ تۇيۇقسىز قازا قىلىشىمۇ پۇل مۇئامىلە بازىرىغا بىۋاستە زەربە ئېلىپ كەلمەسلىكى مۈمكىن. بىر قىسىم ئىقتىساشۇناسلارمۇ مۇشۇنداق قاراشتا ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقە ئىقتىساد بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولمىغاچقا پاي چېكى بازىرىغا ئۇنچىلىك كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ كەتمەيدىكەن. داشىن ئاكسىيە شىركىتىنىڭ ئالىي ئانالىزچىسى چيۇشىجى: ئۇنىڭ ئۆلۈمى سىئول پاي چېكى بازىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقە ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارسا، مەبلەغ سالغۇچىلار جىددىيلىشىپ قېلىشى مۈمكىن، دېدى. مەنبە : شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى.


مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2009-5-26 12:59:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 83
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证