تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› رومىن روللان ۋە 1915-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
رومىن روللان ۋە 1915-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى
YusufAhmad
سېنىيور
دەرىجىسى : 4
جۇغلانما نۇمۇر : 11553
584042474@qq.com
584042474
يازما سانى : 169
باھا يازما سانى : 2
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

    رومىن روللان ۋە 1915-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى

 رومېن روللان =Romain Rolland . مۇشۇ ئەسىردىكى تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغان توغرا پىكىرلىك فىرانسىيە يازغۇچىسى. رومېن روللان (1866ـ 1944) فرانسىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى ۋە ئىجتمائىي پائالىيەتچى. ئۇنىڭ ئاتىسى ئادۋوكات، ئانىسى ئىتائەتمەن كاتولىك مۇخلىسى بولۇپ، دىنغا چىن دىلىدىن ئېتىقاد قىلاتتى، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا مۇزىكا بىلەن ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرەتتى. 1889 ـ يىلى پارىژ ئالىي پېداگوكىكا مەكتىپى ۋە پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قېلىپ سەنئەت تارىخىدىن دەرس بەرگەن، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. رومېن روللان 19 ـ ئەسىرنىڭ 90 ـ يىللىرىدا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. فرانسىيە ئىنقىلابى تېما قىلىنغان بىر قاتار سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغان، مۇشۇ «ئىنقىلابىي دراما» لار ئارقىلىق شۇ چاغدىكى بۇرژۇئازىيىنىڭ چىرىك مەدەنىيەت ـ سەنئىتى بىلەن قارشىلاشماقچى، تارىختىكى قەھرىمان شەخسلەردىن پايدىلىنىپ خەلقنى تەربيىلىمەكچى بولغان. ئۇ ئىنسانپەرۋەرلىك مەيدانىدا تۇرۇپ، مۇرەسسەچىلەرنىڭ ژىروندىچىلار پارتىيىسىنى مۇئەييەنلەشتۇرگەن، ئۇنىڭ ھېسداشلىقى ژىروندىچىلار پارتىيىسى تەرەپتە بولغان. 1903 ـ يىلدىن باشلاپ، روللان ئىنقىلابىي قەھرىمان شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشتىن مەشھۇر سەنئەتكارلارنى مەدھىيىلەشكە يۆتكەلگەن. ئۇ «بىتخوۋىننىڭ تەرجىمىھالى»، «مىكلانجىلونىڭ تەرجىمىھالى» ۋە «تولستوينىڭ تەرجىمىھالى»نى يازغان. ئۇ بۇ ئۈچ توملۇق «ئۇلۇغلار تەرجىمىھالى» نى «بەخسىزكىشىلەرگە تەقدىم»قىلغان، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھايات ئىشەنچى ۋە غەيرىتىنى كۈچەيتكەن. روللان سەنئەت ئاممىنى تەربىيىلىيەلەيدۇ، جەمىيەتنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، دەپ قارىغان،ئەدەبىيات-سەنئەت ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىنى ساپلاشتۇرۇش، ئەخلاقتا ئۆز ـ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن جەمىئىيەتنى قۇتۇلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. رومېن روللان «ئۇلۇغلار تەرجىمىھالى»نى يېزىش بىلەن بىللە 1904 ـ يىلدىن 1912 ـ يىلغىچە رومان «جون كرىستوف»نى تاماملىغان. بۇ ئەسەر شۇ چاغدىكى ئاپتۇرنىڭ دۇنيا قارىشىدىكى ئىلغار تەرەپلەر ۋە چەكلىمىلىكنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. روللان 1914 ـ يىلى «كولا برونىئون» ناملىق پوۋېستىنى يېزىپ چىققان، بۇ ئەسەردە ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئۈمىدۋار بىر ھۈنەرۋەننىڭ ئوبرازى يارتىلىپ، ئاپتورنىڭ سەنئەت بىلەن ئەمگەكنى بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان دېموكراتىك ئىدىيىسى ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى «ئادەملەر باراۋەر، زوراۋانلىق جىنايەت، ياساش ھوقۇقى ۋە ئېتىقاد دەخلىسىز، سۆز ۋە پىكىر ھوقۇقى تەڭرى ئىنسانلارغا بەرگەن مۇقەددەس ھوقۇق» دىگەندىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسىدىنلا ئىبارەت بولغان. 1914 ـ يىلى 1 ـ دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، دىموكراتىيەنى تەشەببۇس قىلىدىغان، دىكتاتۇرىنى ئاغدۇرۇپ، دىموكراتىيە تىكلەش مەقسەت قىلىنغاندىن باشقا ھەر قانداق مەنىدىكى ئۇرۇش ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغان روللان «قالايمىقان ئۇرۇشتىن چەتتە تۇرۇش» ناملىق ئۇرۇشقا قارشى سىياسىي ئوبزورىنى ئېلان قىلغان. 1915 ـ يىلى ئۇ « ئەدەبى غايىسى بىلەن ھەقىقەتكە بولغان مۇھەببىتى ۋە ھىسداشلىقى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق پىكىر تارقاتقان، ئوخشىمىغان تىپتىكى كىشلەرنى ھەققانىيەت نۇقتىسىدىن كۈزەتكەن ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن» لىكى ئۈچۈن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن 1931 ـ يىلى «ئۆتمۈش بىلەن ۋىدالىشىش» نى ئېلان قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى مۇشۇ مەزگىلدە ھەقىقەت ئۈستىدە قىزغىن ئىزدەنگەن، ئىلگىرىكى سىنىپتىن ھالقىش، سىياسىيدىن ھالقىش ئىدىيىسىنى پەينپەي ئۆزگەرتكەن، ئۇ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنى ھىمايە قىلىپ، جاھانگىرلارغا قارشى تۇرغان. ئەمما، ئۇنىڭ كۆڭلىدە زىددىيەت ساقلانغان، چۈنكى ئۇ زورلۇق كۈچى ئىشلەتمەسلىكنى قەدىرلىگەن. رومېن روللاننىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدىكى ۋەكىللىك ئەسىرى 1933 ـ يىلى تاماملانغان «ئانا بىلەن بالا» ، («ياشارغان جانلار» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان). بۇ روماندا ئىككى ئەۋلاد زىيالىيلارنىڭ كۈرەش مۇساپىسى تەسۋىرلىنىپ، 1 ـ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى ـ كەينىدىكى زىيالىيلارنىڭ تەقدىرى ۋە رولى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. رومېن روللان كۈچلۈك دەۋر مەسئۇلىيەتچانلىقىغا ئىگە يازغۇچى، ئۇ ئۆمۈر بويى بوشاشماي ھەقىقەت ئىزدىگەن، ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسى ۋە پارلاق ئىستىقبالىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور ئەمگەك سىڭدۈرگەن. سىياسى جەھەتتە ئۇ ئىزچىل ياۋروپانىڭ بىرلىككە كەلگەن بازار، چېگرا ۋە تاشقى سىياسەتكە ئىگە بولۇش ئارقىلىق دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئۈلگىلىك كوللىكتىپ بارلىققا كەلتۈرۈش غايىسىدە بولغان.


مۇھىم خەتكۈچلەر : يوق
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2009-5-23 14:22:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 33
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证