تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› قانىغان لەۋلىرىڭنى بۇلبۇلدا كۆردۈم(چىمەنگۈل ئاۋۇت)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    akpar
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 159
    bobah5@bobah5.com

    يازما سانى : 50
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2009-4-10 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    قانىغان لەۋلىرىڭنى بۇلبۇلدا كۆردۈم(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

    قانىغان لەۋلىرىڭنى بۇلبۇلدا كۆردۈم

    (چىمەنگۈل ئاۋۇت)

    كىيىك كىندىكىدىن ئىپار ئالغاندەك،
    دەردىڭنى ئاۋايلاپ باغرىمغا ئالدىم.
    كۆزۈمنىڭ قارىسىدىن باشلاندى دەريا،
    يىگانە قىلىچسەن تۈنلەرنى ياردىم.

    چىدامىڭ گەردىشىدە كۆيىدۇ بىر ئوت،
    ئوت ئىچرە مىڭ پارە بۇلىدۇ بىر جان.
    دۇئاغا قۇلۇمنى كۆتۈرسەم ئۆكسۈپ،
    تۈكۈلدى مىھرىمگە مىڭ يىللىق ھىجران.

    جۇدالىق تېمىغا ئۇرۇلغان بوران،
    ھەسرەت تۇپىسىنى تۇپراققا قوشتى.
    ئاسماندا لەيلەيدۇ ئاينىڭ يېرىمى،
    بۇلۇتلار سۇ بولدى پەيمانى توشتى

     كۈلپەتلەر ئىگىلمىگەن قەددىڭنى جىنىم،
    بىر قەبرە ئىگىدۇ بىلىمەن بۇنى.
    ئىشىق تاغلىرىڭ ھەقدارى ئۆزۈڭ،
    سېزىمەن قەدرىڭنى، سۆيىمەن سىنى.


    قانىغان لەۋلىرىڭنى بۇلبۇلدا كۆردۈم
    بۇ يەردە بىر گۈل بار بىزگىلا تۇنۇش،
    يانمۇ يان تىز پۈكۈپ يۈكۈنگۈم كەلدى،
    مانا بۇ مۇھەببەت، مانا بۇ تۇرمۇش..



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2009-5-6 18:13:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 279
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证