تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› تۇماندىكى باھار( چىمەنگۈل ئاۋۇت)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    aixa
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13003
    ksepar@126.com
    505612914
    يازما سانى : 81
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-10-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    تۇماندىكى باھار( چىمەنگۈل ئاۋۇت)

    تۇماندىكى باھار

    (چىمەنگۈل ئاۋۇت)

     

    بىر سائەت توختىغان پويىز ئالدىغا،

     بىر ئوچۇم يېشىمنى ئېلىپ چىقمىدىم.

    قولۇمدا قىلىچ بار ساڭا ساقلىغان،

    ياندۇرۇپ باغرىمغا يا بىر تىقمىدىم.

     

    مەن سېنى ئەجەپمۇ سېغىندىم جېنىم،

     لېۋىمنى چىشلىدىم قاناپ كەتكۈدەك .

    سەن بەلكىم ئولتۇرسەن پۇتۇڭنى سوزۇپ،

     ئىچىمدە قاينايدۇ ئىسسىق بىر تىتىرەك.

     

    كەچ بولدى قار ياغدى خىياللىرىمغا،

     ئايدىڭدەك پارلىدى نۇرلاندى ئەتراپ.

     ئۇيالدىم ئۆزۈمچە قىلىقلىرىمدىن،

     چېچىمنى تارىدىم ئەينەككە قاراپ.

     

    ئېسىمگە كەپ قالدى يانۋار ھارپىسى،

     قار دۆۋلەپ بەردىڭسەن مېنىڭ يېنىمغا.

     كۆمۈلۈپ بەختىمگە، قەدرىڭگە تولۇق،

     قار بوۋاي ياسىدىم كۆزىلا قارا.

     

    يۈزۈمگە ياققانتىم ئالقانلىرىڭنى،

     يېشىممۇ ھەسرىتىمدەك كەتتى ئاھ قۇرۇپ.

     تېرەكنىڭ شاخلىرى قاراسلاپ سۇندى،

     قار مومايغا ئايلاندىم باغرىڭدا تۇرۇپ.

     

    ئاۋايلاپ سىيلىدىم پۇتۇڭنى بىردەم،

     ھېلىقى ناخشىنى غىڭشىپ ئوقۇغاچ.

     بەش يىپلىق تىكىلگەن يارا ئېغىزى،

     كۆرۈندى كۆزۈمگە بولۇپ قارلىغاچ.

     

    سەزدىممەن تەپتىمدە تىنىقلىرىڭنى،

     چۆللەردىن ئوت بولۇپ كەلمەكتە مەجنۇن.

     لەيلىنىڭ دەردىنى ئاڭلىدى كېچە،

     بېغىمدىن كۈل بولۇپ يوقالدى قوزغۇن.

     

    قەھرىڭنى قۇمۇشلار قۇشقا ئايلاندى،

    تىكەنلەر سۈرۈلدى يولنىڭ بويىغا.

     كۆكتىكى تۇمانغا يېشىمىنى بەرسەم،

     يامغۇر دەپ زېمىنغا قايتۇردى خۇدا.

     

    باھارنىڭ ھىدىغا كۆمۈلدى جاھان،

     چۇۋۇلغان چاچلىرىم پۇرايدۇ يالپۇز.

     جار سالاي ھاياتتا ئاخىرقى قېتىم،

    مەن ئەمدى بىر ئۆمۈر ئەمەسمەن يالغۇز!

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2009-5-5 10:22:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 164
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证