تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› 2009-يىللىق قىزىق نۇقتا ›› ئوبامانىڭ تۈركىيە زىيارىتى غۇل-غۇلا قوزغىدى
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
ئوبامانىڭ تۈركىيە زىيارىتى غۇل-غۇلا قوزغىدى
Biliwal
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 13
biliwal@qq.com

يازما سانى : 161
باھا يازما سانى : -1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

ئوبامانىڭ تۈركىيە زىيارىتى غۇل-غۇلا قوزغىدى


   20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن ئايرىلىپ ياۋروپاغا كەلگەن ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما يىغىندىن قايتىشىدا تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلدى، ئوباما تۈركىيە بىلەن بولغان سۆھبەتتە تۈركىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ناتو ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىللە تۈركىيەنىڭ بالدۇرراق ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئامىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۈركىيە بىلەن بىر نەچچە تۈرلۈك مۇھىم ئۆزئارا ياردەمدە بولۇش كېلىشىمى، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستان، ئىراق قاتارلىق جايلاردا تېخىمۇ كۆپ خەۋپسىزلىك ساقلاش رولىنى ئۆتىشى ئۈچۈن يېڭى ئەسلەتمە ۋە دەۋەتلەرنى ئىمزالىدى.
   ئوبامانىڭ ئوكيان ئاتلاپ قىلغان تۇنجى زىيارىتىنى تۈركىيىدىن باشلىغانلىقى ۋە ئىسلام دۇنياسىغا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىن سىگىنال بەرگەنلىكىدىن مەمنۇن بولغان گۈل، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىستىراتىگىيلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئوبامانىڭ تۈركىيە زىيارىتى، ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن گۈل يەنە، بۇنى پەقەت ئوبامانىڭ شەخسىي كۆز-قارىشىغا ئەمەس، سىياسەتكە باغلاپ چۈشىنىش لازىملىقىنى كۆرسەتتى. تۈركىيە پىرىزدېنتى ئابدۇللا گۈل بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىش مەسىلىسىگە قارىتا «تۈركىيە ئىراقتىكى ئىشغالىيەتنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ھەر تۈرلۈك ياردەم قىلىشنى ئۆزىگە شەرەپ ھېس قىلىدۇ» دېدى.
   ئەمما يېقىندىن بۇيان دانىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى راسمۇسسىن مەسىلىسىدە يۈۋروپاغا «دىنى ھاكىمىيەت» تەسىرىنى بېرىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئوباما بىلەن بۇنچە ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا زور تەسىر قوزغىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئامېرىكىدا بىر قېتىممۇ چېركاۋغا بېرىپ باقمىغان ئوبامانىڭ تۇنجى قېتىم سۇلتانئاھمەت جامەسىنى زىيارەت قىلىشى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. دادىسى كېنىيەلىك مۇسۇلمان بولغانلىقتىن، « مەخپى مۇسۇلمان» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئوبامانىڭ پرېزىدېنتىلىققا سايلانغاندىن كېيىن، زىيارەت قىلغان تۇنجى ئىبادەتخانىسى چېركاۋ بولماستىن جامە بولغانلىقى، تۈركىيەدە ئامېرىكىنىڭ ھېچقاچان ئىسلامىيەتكە قارشى ئۇرۇش ئاچىمىدى، مەنمۇ مۇسۇلمان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان» دېگەنلىكى ئۇنىڭغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. 100گە يېقىن چېركاۋ ئوباماغا، « پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنى مۇراسىملىرىمىزغا قەدىم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز» دەپ تەكلىپ ئەۋەتكەن. 
   ئوبامانىڭ ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن ئۆتكۈزىدىغان پاسخا بايرىمىدا ئافرىقا ئەۋلادىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار بارىدىغان چېركاۋلارنىڭ بىرىنى تاللىشى مۆلچەرلەنمەكتە. پرېزىدېنت ئوباما بولسا، ھازىرغىچە نېمە ئۈچۈن تېخىچە چېركاۋغا بارمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ: «چېركاۋدا بىرەر سىياسىي ئويۇن چېقىپ قىلىشىغا يول ئېچىشنى خالىمىدىم» دېيىش بىلەن بىرگە تۈركىيىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق سەككىز يىللىق بۇش ھاكىمىيتىنىڭ قالدۇرغان يارا ئىزلىرىنى تۈگىتىش يولىدا تۇنجى قەدەمنى باسقانلىقى، ھەمدە ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار ۋە خىرستىئانلار ئارىسىدا شەكىللەنگەن مۇزلارنى ئېرىتىدىغان سىگىناللارنى بەرمەكچى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىندى.
   تۈركىيە غەربتە ياۋرۇپاغا تۇتۇشىدۇ، شەرىقتە ئىران بىلەن قوشنا، جەنۇبتا سۈرىيە ۋە ئىراق قاتارلىق ئوتتۇرا شەرىقنىڭ كىندىك رايونىغا تۇتاش بولۇپ، نۇرغۇن قىززىق نۇقتىلارنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكىنىڭ تۈركىيىدىكى ھەربىي بازىسى- ئىراققا ئەسكەر ۋە قورال-ياراغ توشۇيدىغان مۇھىم يول، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدە ئىراقتىن ئەسكەر چىكىندۈرۈشىدىكى مۇھىم چېكىنىش يولى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، خاماس، ئىران ۋە سۇدان بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى تۈركىيىمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ ھاكىمىيەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىشتىكى تايىنىش ۋاستىسى ھېسابلىنىدۇ.
   بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سوغۇقلىشىپ كېتىشى ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتىگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، شۇڭا ئوباما فرانسىيە، گېرمانىيىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى قەتئىي قوللاش بىلەن بىرگە، تۈركىيىنىڭ كورد ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۇنىڭ سۈرىيە-ئىسرائىلىيە سۆھبىتىنى كېلىشتۈرۈشتىكى دىپلۇماتىيە تىرىشچانلىقىنى ماختىدى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، تۈركىيىە 50يىلدىن بۇيان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كەلگەن بىردىن بىر ئىسلام دۆلىتى بولۇپ، ئۇ غەرب ئەللىرىنى ئىسلام دۇنياسىغا تۇتاشتۇرۇدىغان ئەڭ ياخشى كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ. 
   ئوباما تۈركىيە بۈيۈك پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى ئەمەسلىكىنى ھالبۇكى ھەمكارلىق شېرىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. گەرچە تۈركىيە كوچىلىرىدا ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش نامايىشى بولىۋاتقان بولسىمۇ، خەلق رايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئوبامانى ياقتۇرىدىغان تۈركىيىلىكلەرنىڭ سانى %52 تىن ئاشقان.


مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2009-4-15 10:27:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 219
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证