بولۋىيە دۆلەت بايرىقىدىكى قىزىل رەڭ بولۋىيە خەلقىنىڭ باتۇرانە روھىنىڭ سىمۋولى، سېرىق رەڭ بىلەن يېشل رەڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا قىزىلما بايلىقى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىمۋولى. دۆلەت بايرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخىسى سىزىلغان. بولىۋىيە دۆلەت گېربىدە قەدىمكى ئىنگا مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان ماي قۇياشى كۆمۈش كۆپ چىقىدىغان بوتوس تېغى بىلەن يېشىل ئوتلاققا نۇر چېچېىپ تۇرغان. ئوتلاقتا نان دەرىجى ، شال باشىقى، جەنۇبى ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە ھايۋىنى قويسىمان تۆگە ۋە يەرلىك شەكىلدىكى دېھقان ئۆيى بولۇپ، بولىۋىيىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە تەبىئىي مەنزىرىسى كۆرسىتىلگەن. ئىسپانىيىچە بولىۋىيە دەپ يېزىلغان قىزىل خەت بىلەن توققۇز ئۆلكىنى بىلدۈردىغان توققۇز ئالتۇن يۇلتۇز دۆلەت گېربىنى چۆرىدەپ تۇرغان؛
بولىۋىيە دۆلەت گېربىنىڭ ئارقىسىغا زەمبىرەك، نەيزىلىك مىلتىق، ئىنگالارنىڭ كۈمۈش پالتىسى ۋە ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى بولغان ئەركىنلىك تومىقى بىلەن ئالتە دۆلەت بايرىقى گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلغان. بۇ ھەم ئازادلققا ئېرشتۈرگۈچى بولىۋارنىڭ ئۇلۇغىۋار تۆھپىسىنى خاتىرلەش بولۇپ ھەم بولىۋىيىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخىنىڭ سىمۋولىدۇر. پەرۋاز قىلىش ئالدىدا تۇرغان بولىۋىيە دۆلەت قۇشى ئاندىس بۈركۈتى بىلەن يېشىل لاۋېر دەرىخى، زەيتۇن شېخى قاتارلىقلار بولىۋىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ۋەتىنىچلىققا بولغان تەشنالىقىنى ئىپادىلىگەن.