تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمئيەت ›› ئورگان ›› G20=يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Biliwal
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 285
    biliwal@qq.com

    يازما سانى : 170
    باھا يازما سانى : -1
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-9-23 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    G20=يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى

    G20=يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى

       G20 ئەنگىلىزچە 20دۆلەت ئىقتىساد مىنىستىرىلىكى ۋە بانكىلىرىنىڭ باشلىقلار گۇرۇھى ([b]Group of Twenty Finance Ministers and Central Bank Governors[/b])نىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى. G20 يەنە گاھىدا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ سانىغا قاراپ G21،G22ۋەG20+ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ 2003-يىلى 8-ئايدا بارلىققا كەلگەن، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ غەيرى رەسمى تەشكىلاتى بولۇپ شۇ يىلى 9-ئايدا تۇنجى قېتىم مېكسىكىنىڭ كانكۇندا ئېچىلغان WTO غا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنىدا ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىققان. 2003-يىلى 6-ئايدا ھىندىستان، بىرازىلىيە، جەنۇبى ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىشتىرلىرى «بىرازىلىيە خىتاپنامىسى » دەپ ئاتالغان بىر خىتاپنامىنى ئېلان قىلىپ «ئاساسلىق سودا ھەمراھلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ بىر قەدەر ئاجىز بولغان ساھەسىنىڭ سودا ساھەسىدىكى رىقابەتكە ماس كەلگۈدەك دەرىجىدە تەرەققى قىكلىۋېلىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق سودا قۇرۇقچىلىقى تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ» دەپ قارىدى ۋە «بۇنىڭ نۆۋەتتىكى سودا سۆھبىتىدە چوقۇم تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ، بۇنىڭ ئىزچىل تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان خەلقارا ئەركىن سودىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن زىت كەلمەيدىغانلىقىنى» بىلدۈردى. 2003-يىلى 8-ئايغا كەلگەندە بۇ كېلىشىمگە يۇقارقى ئۈچ دۆلەتتتىن باشقا يەنە جۇڭگۇمۇ قاتنىشىپ دەسلەپكى تۆت دۆلەت گۇرۇھى مەركىزى(G4 bloc) نى بارلىققا كەلتۈردى. كېيىن بۇ گۇرۇھقا يەنە كولومبىيە، پىرو، سالۋادور، كوستارىكا قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق رايون چوڭ دۆلەتلىرى قاتناشتى. G20 خەلقارا سودىدا ئورتاق بىر ئاۋازدا سۆزلەيدىغان تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان گۇرۇھ بولۇپ قالدى. 2003-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە ئېچىلغان دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىن كېيىن، بۇ يىگىرمە دۆلەت ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ 9-ئاينىڭ20كۈنىدىكى سەككىز دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ۋاشىگىتوندىكى يىغىنىغا قاتناشتى، سەككىز دۆلەت گۇرۇھى G4 نىڭ تەشەببۇسلىرىنى قانۇنلۇق ۋە دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق دەپ قاراپ بۇ گۇرۇھنىڭ تەشەببۇسىغا ئورتاق قول قويدى، شۇنداق قىلىپ ئەسلىدىكى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سېپىگە سەككىز دۆلەت گۇرۇھىدىكى ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، كانادا روسىيە قاتارلىق تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر قوشۇلدى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جۇڭگۇ، بىرازىلىيە، جەنۇبى ئافرىقا ، تۈركىيەدىن باشقا يەنە ئارگېنتىنا مېكسىكا، كورىيە، ھىندونوزىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتارلىقلار ۋە ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى تەشەببۇسنامىگە ئىمزا قويدى، شۇنداق قىلىپ 2003-يىلى 9-ئاينىڭ25-كۈنى G20 ئۆزىنىڭ پىروگرامما، كۈنتەرتىپلىرىنى ئېلان قىلىپ رەسمى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. G20 گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى، دۇنيا مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتىنىڭ 85%نى ئىگللەيدىغان بولغاچقا دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم خەلقارالىق گۇرۇھلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شۇڭلاشقا G20 نىڭ ھەر نۆۋەتلىك يىغىنىغا دۇنيا پۇل پوندى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، دۇنيا بانكلىسىنىڭ باشلىقى، خەلقارا پۇل مۇئامىلە كومىتېتى ۋە تەرققىيات كومىتېتى تەكلىپكە بىنائەن قاتنىشىدۇ. G20 سىياسى تۈس ئالمىغان ئىقتىسادى گۇرۇھ بولۇپ باش كاتىپ تەسىسى قىلىنمىغان، رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ھەر قايسى دۆلەتلەر نۆۋەتلىشىپ ئۆتەيدۇ. گۇرۇھقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە بانكا باشلىقلىرى ھەر يىلنىڭ ئاخىرىدا بىر قېتىم قەرەللىك يىغىن ئۆتكۈزۈپ دۇنيانىڭ سودا ۋە ئىقتىساد ساھەسىدە دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تور بېتى :

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 11:14:02]


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2009-3-30 9:57:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 543
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证