تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› قىزىق نۇقتا بىلىملىرى ›› ئالىملار كەلگۈسى 50 يىلدىكى دۇنيانى پەرەز قىلدى
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
ئالىملار كەلگۈسى 50 يىلدىكى دۇنيانى پەرەز قىلدى
Biliwal
يىڭى ئەزا
دەرىجىسى : 7
جۇغلانما نۇمۇر : 13
biliwal@qq.com

يازما سانى : 161
باھا يازما سانى : -1
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق

   ئالىملار كەلگۈسى 50 يىلدىكى دۇنيانى پەرەز قىلدى

      ئىلاۋە : مەن مەزكۇر تېمىنى بىلىك كۇلۇبىدىكى ماتىماتىكنىڭ تەرجىمىسىدىن كۆردۈم ۋە قىزىقىپ تور ئاختۇرۇپ باقتىم نەتىجىدە مەن ئەسلى يازمىدىن پايدىلىنىش بىلەن بىللە بۇ پەرەزلەرنىڭ بەزىلىرنى تولۇقلىدىم ۋە ئۆزلەشتۈردۈم.

    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تېلېگىراف خەۋەرلىرى» گېزىتى 60 ئالىم ۋە مۇتەپەككۈرنى يىغىپ كەلگۈسى 50 يىلدىن كېيىنكى دۇنيانى پەرەز قىلغۇزدى. گەرچە بۇندىن بۇرۇنقى كەلگۈسى پەرەزلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ بىر قىسىملىرى ھەقىقەتەن كۆز ئالدىمىزدا يۈز بەردى.
   كەلگۈسى 50 يىلدا راسلا ئالىملار پەرەز قىلغاندەك ئىشلار يۈز بېرەمدۇ - يوق ؟ بۇنىڭغا كېسىپ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بىزنىڭ مۇھىت ۋە پەن -تېخنىكا تەرەققىياتىدا قولغا كېلىدىغان نەتىجە ۋە يوقۇتۇشلارنى تەھلىل قىلىشىمىزغا، ئۆز كەلگۈسىمىزنى پەرەز قىلىشىمىز ۋە چۈشىنىشىمىزگە پايدىسى بولۇشى مۈمكىن.  ئالىملار كەلگۈسى 50 يىل ھەققىدە پەرەز قىلغاندا تىببى ئىلىمنىڭ تەرەققىيياتى تۈپەيلى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغان يەنە 10-20 يىل ئۇزىرايدىغانلىقىنى، مارسنى تەكشۈرۈش، ئاي شارىدا ئولتۇراقلىشىش، ئالەم بوشلۇقىدا زاۋۇت قۇرۇش، مېڭە كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قاتارلىقلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىلمى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. ئۆلۈمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كانادا بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلىككە كېلىشى، كىشىلەرنىڭ مېڭىسىسنى كومپىيۇتېرغا چېتىش ئارقىلىق تىل ۋە مائارىپ بىلىملىرىنى كۆچۈرۈش ۋە ئۆچۈرۈش، يەر كىلىماتى، تەبىئى ئاپەت، يەر شارىنىڭ ئىسسىشى، دۆلەتلەر سىياسىتىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئۆزگىرىش قاتارلىق ھازىرچە ئىلمى ئاساس بىلەن تولۇق تەمىنلىگىلى بولمايدىغان ھالقىلىق نازۇك مەسىلىلەر ھەققىدىكى پەرەزلەرنى مۇھاكىمە قىلمىدى. ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئېنىق بولمىغاچقا بۇ پەرەزلەر پەقەت ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق تەرەققى تاپقان دۆلەتلەر بىلەنلا چەكلەندى.
   تۆۋەندىكىلىرى ئالىملارنىڭ كەلگۈسى 50 يىلغا قارىتا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار دەپ مۇھاكىمە قىلغان پەرەزلىرى :
   2010- يىلىدىن 2015- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا : قوليازما ، « نورمال كىلىمات » ئۇقۇمى ، شەخسىي سىر ، كۈلدان ، سۈت ساققۇچى يوقىلىدۇ . راسىت - يالغاننى پەرىقلەندۈرگۈچ ، بەدەنگە كىيگىلى بولىدىغان كومپىيۇتېر ، چۈش ئەسۋابى بارلىققا كېلىدۇ . قۇرۇقلۇق ۋە سۇدا ئوخشاش يول يۈرەلەيدىغان ئاپتوموبىل بارلىققا كېلىدۇ.
    2015- يىلىدن 2020- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا : يولدىن ئېزىپ قېلىش ، مىننەتدارلىق خېتى ، مۇقىم تېلىفون يوقىلىدۇ . ئىنسانلارنىڭ ئايدا ئولتۇراقلىشىشى ، خالىغانچە ئىشلەتكىلى بولىدىغان كۆچمە تېلىفون ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق گىرىم بۇيۇملىرى ، مەخسۇس ئۇخلاشقا بارىدىغان مېھمانساراي بارلىققا كېلىدۇ .
    2020- يىلىدن 2025- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا : پوچتا ئىدارىسى ، ھەقسىز ماشىنا توختىتىش ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھايات قالغانلار ، توساقسىز دېڭىز ساھىلى ، كاتىپ ، DVD ، روس دېموكراتېيسى ، تېلېفون خاتىرسى ، «پېنسىيىگە چىقىش » ئۇقۇمى ، ھۆكۈمەت پېنسىيە پۇلى يوقىلىدۇ . ماشىنا ئادەم ئارقىلىق تاشقى كېسەللىكلەرنى ئوپېراتسىيىسى قىلىش ، سۈنئىي كۆز قارىچۇقى بارلىققا كېلىدۇ .
   2025- يىلدىن 2030- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا : ئۆلچەملىك يازما ، ھەقسىز يولدا ماشىنا ھەيدەش ، ئۈستەل كومپىيۇتېر ، ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش ، مالدېۋى دۆلىتى ( ھىندى ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى ) يوقىلىدۇ . ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلىدىغان قاچىلاش پونكىتى ، دېڭىز تۈرمىسى ، خاتىرىنى يوقىتىش ئەسۋابى ، سەزگۈچى ئەزا ئالاقە تورى بارلىققا كېلىدۇ .
   2030- يىلدىن 2035- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا : يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلېۋىزور ، مارجان خادا تاشلىرى ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ، مىراس بېجى ، چۈشلۈك تاماق ئۇقۇمى ، قورۇق ، ھۆسۈن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى يوقىلىدۇ . بوۋاققا قارايدىغان ماشىنا ئادەم ، تەقلىدىي دەم ئېلىش كۈنى ، ئالەمگە تۇتىشىدىغان شوتا ، سۈنئىي ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى كۈچەيتكۈچ ، ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ماشىنا ، سۈنئىي باكتېرىيە مەيدانغا كېلىدۇ .
    2035- يىلىدىن 2040- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا : بالىلارنىڭ نازارەتسىز ئەھۋالدا ئوينىشى ، تەڭگە پۇل ، نېفىت ، يۇماشاق دېتال ، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ، ئەرزان ساياھەت ، بېنگال دۆلىتى يوقىلىدۇ . ئۆز-ئۆزىنى رېمونت قىلالايدىغان تاشيول ، شەخسىي گېنغا ئاساسەن تۈزۈلگەن تاماق تىزىملىكى ، 3D باسما ماشىنىسى ، تەقلىدىي دېرىزە بارلىققا كېلىدۇ . كىشىلەرنىڭ ئەستە ساقلىغان نەرسىلىرىنى كومپىيۇتېرغا كۆچۈرۈپ ساقلىغىلى بولىدۇ.
   2040- يىلدىن 2045- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا : قەغەز پۇل ۋە پۇل قاپچۇقى ، بېنزىن ماتور ، خۇمار بولۇش ۋە گاسلىقنى ساقايتىش ، دۆلەت پۇلى ، ھەقسىز ئاممىۋى سورۇن ، « كەچۈرۈڭ » دېگەن ئۇقۇم ، ياۋروپا ئىتتىپاقى يوقىلىدۇ . ئالەم بوشلۇقىدا زاۋۇت قورۇش ، ئورتاق يەرشارى پۇلى ، تېلېۋىزور قويغىلى بولىدىغان تام قەغىزى ، بىر قىسىم دۆلەتلەرنى تۈرمە قىلىپ ئىشلىتىش بارلىققا كېلىدۇ .
    2045- يىلىدن 2050- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا: مونوپۇل ، ئاياغ بوغقۇچ ، ئەنگىليىنىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمى ، تەبىئىي بوشىنىش يوقىلىدۇ . كىشىلەرنىڭ بۇلغانمىلارنى قويۇپ بېرىش مىقدارىغا ئاساسەن شەخسىي باج ئېلىش ، كۆرۈنمەس تاشقى كىيىم بارلىققا كېلىدۇ ، ئىنسانلارنىڭ مارىسقا چىقىشى ئەمەلگە ئاشىدۇ .
   2050- يىلىدىن 2055- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا : ئۆي ئىشلىرى ، بىرلىككە كەلگەن بېلگىيە ، ئۇيقۇسىزلىق ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھايات قالغانلار ، «سەت» دېگەن ئۇقۇم ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يوقىلىدۇ . زىيانداش ھاشارەتلەرنى كونتىرول قىلىدىغان مىكرو ماشىنا ، ئادەم مېڭىسىنى كۆچۈرۈش ، دۇنيا كىملىكى ، دۇيا سايلىمى ۋە دۇنيا بېجى ، غەيرى ماشىنا ھەيدەش ، ماشىنا ساقچى ، سۈنئىي مېڭە ، كىچىك سەييارىلەردە كان ئېچىش ، web4.0 ، روھىي بېسىم ئۆلچەيدىغان ۋە كونتىرول قىلىدىغان كىيىم بارلىققا كېلىدۇ

[admin تەستىقلىدى . 2010-4-2 21:42:06][admin تەستىقلىدى . 2010-5-19 2:39:13]

مۇھىم خەتكۈچلەر : كەلگۈسى , پەرەز
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2009-3-26 14:05:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 432
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证