تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | ئوكيان باش بېتى
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | ژورنال | پائالىيەت | قاتناش تەكشۈرۈش | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى

Key_zimu
ي ۋ ھ ن م ل ڭ گ ك ق ف غ ش س ژ ز ر د خ چ ج ت پ ب ئۈ ئۆ ئۇ ئو ئى ئې ئە ئا
ئوكيان قامۇسى   ››   ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› ۋىليام گولدىڭ-1983-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات ساھىبى
مۇناسىپ ئاتالغۇلار
ۋىليام گولدىڭ-1983-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات ساھىبى
YultuzAy
كاپىتان
دەرىجىسى : 2
جۇغلانما نۇمۇر : 13004
yultuzay@msn.com

يازما سانى : 275
باھا يازما سانى : 0
تىزىملاتقان ۋاقتى :
ھازىر توردا : يوق
    ۋىليام گولدىڭ- ئەنگىلىيەنىڭ يېڭى دەۋر ماقال-تەمسىلچىسى دەپ نام ئالغان مەشھۇر يازغۇچىسى، 1983-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى. مەشھۇر يازغۇچى ۋىليام گولدىڭ 1911-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ كورنىۋال بازىرىدا ئۇقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1930-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرستىنىڭ تەبىئى پەنلەر ئىنىستوتىغا قوبۇل قىلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ، ئىلىم-پەنگە ئىشىنىدىغان ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە ئەدەبىيات ئىنىستوتىغا ئالماشقان.
    1934 -يىلى 29پارچە شېئىردىن تەركىپ تاپقان تۇنجى ئەسىرى-شېئىرلار توپلىمىنى چىقارغان. 1935-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر كىچىك تىياتىرخانىغا بېرىپ تەھرىر ۋە رېجىسور بولغان ۋە ئەدەبى ئىجادىيەتكە كىرىشىپ ھىكايىلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 1939-يىلى ئوكىسفوردتىكى ساۋاقدىشى ئاننا بىلەن توي قىلىپ 1940-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھەربى مەجبۇرىيەتكە قاتناشقان. 1945-يىلى ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسىدە 5يىل ھەربى ۋەزىپە ئۆتەپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن لوندونغا قايتىپ سالىسبوردا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ئۇرۇش ۋىلىيام گولدىڭنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئىلگىرىكى ئەدەبى قاراشلىرىنى، ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىگە بولغان تونۇشىنى ئۆزگەرتكەن. 1954-يىلى داڭلىق ۋە ۋەكىل خاراكتىرلىك ھىكايىسى «چىۋىن پادىشاسى» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئەنگىلىيە جامائەتچىلىكىگە تونۇلۇپ داڭ چىقارغان ۋىليام گولدىڭ خان جەمەتى ئەدەبىيات ئاكادىمىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا كۆرسىتىلگەن. شۇندىن كېيىن ئۇ «ۋارىس» ، «ئەركىن چۈشۈش»، «مۇنارنىڭ ئۇچى» قاتارلىق رومانلىرىنى ئېلان قىلغان. 1961-يىلى ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتىغا قايتا بېرىپ ئەدەبىيات كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۈنۋانىنى ئالغان ۋە ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىستىپا بېرىپ كەسپى يازغۇچىلىق ھاياتىنى باشلىغان .
     ۋىليام گولدىڭ سىمۋولىزىم بىلەن مودىرنىزىمنى بىرلەشتۈرۈپ ئەسەر يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى بىلىمى چوڭقۇر بولۇپلا قالماي، ئەدەبىيات تارىخى ۋە ئەدىپلەر ھاياتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان ئىدى. ئۇ ئەسەرلىرىدە پىرسوناژلارنىڭ خاراكتىرىنى توغرا ، ئۇچۇق ئىپادىلەر بېرىش بىلەن بىرگە كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ فىئودالىزىم ۋە مونوپول جاھانگىرلىك تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن، ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ ئەنگىلىيەنىڭ جاھانگىرلىكى ۋە يامان ئىللەتلىرىنى پاش قىلغان ئىدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەنگىلىيەدە ۋىليام گولدىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇستەملىكىلەردىن ۋاز كېچىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ غايەت زور ئۈنۈم يارىتىلغان، نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋىليام گولدىڭنى ئەنگىلىيەنى 2-قېتىم ئازاد قىلغان ئادەم دەپ باھالىغان، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەردە بولۇپمۇ سابىق ئەنگىلىيە مۇستەملىكىلىرىدە ۋىليام گولدىڭ ئەسەرلىرى ئىنتايىن زور ئاممىۋى تەسىر قوزغىغان ۋە ئالقىشقا ئېرىشكەن. 1982-يىلى ۋىليام داڭلىق ئەدەبى ئوبزورلار توپلىمى«ھەركەتلىنىۋاتقان قۇيرۇق» نى ئېلان قىلغان. 1983-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەشكىلى كومىتېتى، شىۋىتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى ۋىليام ەولدىڭغا «ئىنسان تەبىئىتى ۋە قىسمەتلىرى مەسىلىلىرىگە نەزەر ئاغدۇرغان ھەمدە ئۇلارنى ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا بىرلەشتۈرگەن رومانلىرى ئۈچۈن» نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى بەرگەندىن كېيىن ۋىليامنىڭ ئەسەرلىرى تېخىمۇ كەڭ تارقالغان. 1988-يىلى گولدىڭ ئايالى بىلەن بىللە تۇغۇلغان يۇرتى بولغان كورنىۋالغا يېقىن بولغان پېرېنارۋورتالغا قايىتىپ كېلىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى بۇ يەردە ئۆتكۈزگەن.1985-يىلى ئەنگىلىيە پادىشاھى ئېلزابىت ۋىليام گولدىڭغا سىر لىق ئۈنۋانىنى بەرگەن.
     ۋىليام گولدىڭ 1993يىلى 6-ئاينىڭ19-كۈنى يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان. 1995-يىلى ۋىليامنىڭ ئىككى ئوغلى ئاتىسىنىڭ تېخى پۈتمىگەن رومانى «تەسادىپى سۆز(ئاغزىدىن سائەت چىقىش؟)» نى نەشىر قىلدۇرغان .

مۇھىم خەتكۈچلەر :
بىرىلگەن باھا يوللانغان ۋاقىت : 2009-3-25 22:04:00 باھا : 0 كۆزىتىش : 34
ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
新ICP备08001432号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证