ئايالمۇ يامغۇر ...
) چىمەنگۈل ئاۋۇت)
ئەينەكمۇ يىغلايدۇ گۈلگە قوشۇلۇپ، تېرەكلەر تىكلىنىپ تۇرار بەھۇزۇر شاخلارنى سىلكىتىپ باقمىدىم تېخى پاتقاقلار چېچەكلەپ كۆيمەكتە مەغرۇر.
چوڭ يولدا كۈنلۈكسىز كېتىۋاتىمەن. يىرتىلغان پايپىقىمدا چاقنايدۇ بىر نۇر چېچىمنى چۇۋۇشقا بارمىدى رايىم، بىلمەيمەن، مەن ھازىر ئايالمۇ، يامغۇر...
باغرىمدەك سۈزۈك ھەم باغرىمدەك چوڭقۇر سىقىلىپ، سىلكىنىپ ھورلانماقتا يەر، ئويلىسام، ساڭىلا دەپ باقماپتىمەن، ياشىغۇم كەپ قالدى شەيتاندىن بەتەر!